نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

«خاسىيەتلىك ئادەم» فىلىمىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان فانتازىيەلىك فىلىملەر ناھايتى كۆپ. مەسىلەن «ھۆكۈمران ئۈزۈك»، «خاررى پوتتىر»، «ئاخىرلاشتۇرغۇچى»، «مومىيا»، «ئاۋاتار»، «خاككىرلار ئىمپېريىسى» گە ئوخشاش فىلىملەر. لېكىن، كىشىلەر تېخىمۇ ياقتۇرىدىغان فانتازىيەلىك ئەسەر بولسا «دەرجىدىن تاشقىرى كومىك» پالۋانلىرى. مەسىلەن «خاسىيەتلىك ئادەم». «ئۆمۈچۈك پالۋان»، «شەپەرەڭ پالۋان»، «ئامېرىكا كاپىتانى»، «تۆمۈر پالۋان» دەك نۇرغۇن تەڭداشسىز ئوبرازلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ قەلب دەپتىرىگە ئەڭ بۇرۇن يېزىلغان ۋە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئوبراز بولسا يەنىلا «خاسىيەتلىك ئادەم» دۇر.

super-man-history

«خاسىيەتلىك ئادەم» توغۇرلۇق ئىشلەنگەن فىلىملەر، كارتون فىلىملەر ياكى كومىكلار تولىمۇ كۆپ بولۇپ، تا ھازىرغىچە «خاسىيەتلىك ئادەم » توغرىسىدا فىلىم، كارتون فىلىم ياكى كومىك ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇ دۇنيادا تۇنجى ئوتتۇرغا چىققان كومىك پالۋىنى. ئۇ ئۇچىسىغا كۆك، قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن، كۆكرەك ئالدىدىكى چوڭ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلنىڭ ئىچىدە «S» ھەرپى بار, ئۆزى سىرلىق، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قورقماس قەھرىمان.

superman_article

«خاسىيەتلىك ئادەم» ئوبرازىنى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكلىق جىرري سىيگېل بىلەن جوۋ شۇستېر بارلىققا كەلتۈرگەن. 1931-يىلى ئۇلار تولۇقسىزدا بىر-بىرى بىلەن تونۇشقان بولۇپ، تەۋەككۈلچىلىك، فانتازىيە ژورناللىرىغا تولىمۇ ئامراق ئىدى. جېررىينىڭ يېزىقچىلىقتا، جوۋنىڭ رەسىم سىزىشتا قابىليىتى بار بولۇپ، ئۇلار بىر كومىك كىتاب ئىشلەپ چىقىشقا ھەمكارلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئۇلار ئەمدىلا 16 ياشتا ئىدى. 1938-يىلى، DC كومىك شىركىتى بىر يېڭى كومىك چىقارماقچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار بىر ئوبرازنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇنى ئۇققان جېررىي بىلەن جوۋ ناھايتى خۇشال بولغان ھالدا ئۇلارغا بىر پۇرسەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا «خاسىيەتلىك ئادەم» ئوبرازىنى بېرىدۇ. كۈز پەسلى، DC كومىك شىركىتى «ھەركەتلىك كومىك» ناملىق كومىك كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. مۇقاۋىدا خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رەسمى بار بولۇپ، كىتاب رەڭلىك، 68 بەت، باھاسى 10 تىيىن ئىدى. كىتاب نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. DC كومىك شىركىتى كېيىنكى يىلى يازدا «خاسىيەتلىك ئادەم» ناملىق كىتابنىڭ 1-قسىمىنى بازارغا سالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ خاسىيەتلىك ئادەم ئوبرازىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.

1940-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، «خاسىيەتلىك ئادەم» ھېكايىسى ئامېرىكا رادىيولىرىدا ئاڭلىتىلىدۇ. رادىيودا ئاڭلىتىپ بىر يىلنىڭ ئىچىدە 2000 ئاڭلىغۇچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. شۇ يىلى بازاردا «خاسىيەتلىك ئادەم» ئاساس قىلىنغان تاۋارلار، مەسىلەن: «خاسىيەتلىك ئادەم بولكىسى»، «خاسىيەتلىك ئادەم يېزىقچىلىق دەپتىرى»، «خاسىيەتلىك ئادەم ئويۇنچۇقلىرى»، «خاسىيەتلىك ئادەم كىيىم-كېچەكلىرى» دەك تاۋارلار بازارغا سېلىنىدۇ، بۇ بازار تولىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ.
1941-يىلى تېلېۋىزوردا «خاسىيەتلىك ئادەم» ناملىق كۆپ قىسىملىق رەڭلىك كارتون فىلىم قويۇلىشى بىلەن كىنو مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. مانا بۇ «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تۇنجى كارتون فىلىمى ئىدى.

MAX_FLEISCHER_SUPERMAN_DISC_1-1

شۇنىڭ بىلەن ئېكراندىمۇ خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئوبرازى نامايان بولىدۇ. 1942-يىلى «كولۇمبىيە كىنو شىركىتى» 15 قىسىم «خاسىيەتلىك ئادەم» يۈرۈشلۈك فىلىمىنى ئىشلەيدۇ. بۇ يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنى «خاسىيەتلىك ئادەم بىلەن ئاتوم ئادەمنىڭ ئۇرۇشى» ناملىق قىسىمى. لېكىن فىلىمنىڭ خام چوتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. يەنە فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئۇچقىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، كۆرۈنگىنى پەقەت ھەركەتلىك تەسۋىر (كارتون).

superman

1951-يىلى «خاسىيەتلىك ئادەم ۋە چاشقان ئادەملىرى» فىلىمى ئامېرىكىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلايدۇ. فىلىمدىكى خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رولىنى ئالغۇچى يېڭى ئارتىس گېئورگى رېۋىسىس بولۇپ، ئۇ رولنى ناھايتى ياخشى ئالىدۇ. فىلىم جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. فىلىم قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 1952-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېۋىزوردا «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشىلىرى» قويىلىدۇ. فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رولىنى داۋاملىق گېئورگى رېۋىسىس ئالىدۇ.

george-reeves

فىلىم تېلېۋىزوردا قويۇلىشى بىلەن تەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ قىزغىن قۇۋۋەتلىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
2-3 يىلدىن كېيىن «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى» ناملىق فىلىمنىڭ 3-قىسىمى رەڭلىك ئىشلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ فىلىمنى ناھايتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. (بىزنىڭ يۇرتنىڭ بالىلىرىمۇ كۆرگەن بولغىيمىتى..)
1959-يىلى فىلىم ئىشلىگۈچىلەر گېئورگى رېۋىسىسنى «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ 7-بۆلۈمىگە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن گېئورگى رېۋىسىس تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي قايغۇلۇق خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ.
1959-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى گېزىتلەردە خاسىيەتلىك ئادەم ئۆلۈپ كەتتى دىگەن خەۋەر تارقىلىدۇ. بۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو مەستانىلىرى چۆچۈپ كېتىدۇ.  كىنو ئىشلىگۈچىلەرمۇ ھەيران قالىدۇ ۋە كېيىن گېئورگى رېۋىسىسنىڭ مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «خاسىيەتلىك ئادەم» ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ..
1970-يىللىرى تېلېۋىزوردا «خاسىيەتلىك ئادەم» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قويىلىدۇ. بىراق، بۇنىڭدىكى خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس رولنى ياخشى ئالالمىغانلىق، فىلىمنىڭ سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىق، يەنە شۇنداقلا فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرى ناچار بولغانلىقتىن ئاخىرى «خاسىيەتلىك ئادەم» ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. ھەتتا ئۇنى مازاق قىلغان نىشانلارمۇ كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن DC كومىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كومىك كىتاب مەغلۇپ بولىدۇ. «خاسىيەتلىك ئادەم» مەستانىلىرىنىڭ سانى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ھەرقانداق ئادەم بىركۈندىلا غەلبە قىلىپ كەتمەيدۇ، بىراق ھەرقانداق ئادەم مەڭگۈ مەغلۇپ بولۇپمۇ كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان «خاسىيەتلىك ئادەم» بەزى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلىگە كېلىدۇ.
1974-يىلى ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتىدىن ئىليا سالكىند ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئالىكساندىر «خاسىيەتلىك ئادەم» فىلىمىنى قايتىدىن ئىشلەشنى پىلانلايدۇ. فىلىمگە 4 مىليۇن دوللار مەبلەغ مۆلچەرلىنىدۇ. سىنارىيسىمۇ بىرقانچە يازغۇچى ۋە كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ پىكرى بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىنو ئىشلىگۈچى خادىملار خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رولىغا كىمنى بېكىتىش  ھەققىدە قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.

بىر كۈنى كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا بىرسى بۇ رولنى ئېلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى كىرىستوفلى بولۇپ، ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» ئوبرازىنى ياخشى، قالتىس ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. كىنو ئىشلۈگۈچى خادىملار 10 نەچچە قېتىم سۈرەتكە ئالىدۇ. كىرىستوفلى رولغا شۇنچىۋالا كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە كىنو ئىشلىگۈچى خادىملارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ رولىغا كىرىستوفلىنى بېكىتىدۇ. لېكىن، يەنە بىر ئايال ئوبراز «لويىس» نىڭ رولىغا ئادەم تېپىش تەسكە چۈشىدۇ. ئاخىرى كانادالىق مارگېر كىددېر بۇ رولغا بېكىتىلىدۇ. ئۇ رولغا كىرىستوفلىغا ئوخشاشلا كىرىشىپ، «لويىس» نىڭ ئوبرازىنى ياخشى يارىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ فىلىم ئاخىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادالاردا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار كومپيۇتېر يوق بولغاچقا، تەقلىدىي ئاۋازلارنى ئىشلەش ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ. بولۇپمۇ فىلىمدىكى ئۇچۇش تېخنىكىسىغا كۆپ كۈچەيدۇ.

 

1978-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى. «خاسىيەتلىك ئادەم» ناملىق فىلىم ئامېرىكىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. فىلىمدە ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلار گەرچە ئادەتتىكى تېخنىكىلار بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. فىلىم بىر كۈن قويۇلىشى بىلەن تەڭ بېلەت كىرىمى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن كېيىن فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى ئاخىر 100 مىليۇن دوللارغا يېتىدۇ. ئۇ يەنە 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ. كىرستوفلى ئەڭ بازارلىق كىنو چولپىنى بولىدۇ.

CW-tribute-superchange-Pierson-02

شۇنىڭدىن كېيىن، كىنو ئىشلىگۈچىلەر «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ 2-بۆلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلايدۇ. فىلىم ئىشلىنىپ قويۇلۇغاندىن كېيىن، يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بېلەت كىرىمىدە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.

superman-Christopher-Reeve-1024x576

بۇ غەلبىدىن كېيىن «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ 3-بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلايدۇ. فىلىمدە ھوللىۋودنىڭ ئاتاقلىق كومېدىيە ئارتىسى رىچارد پرىيور بىر چاتاق چىقارغۇچى كومپيۇتېر مۇتەخەسىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. گەرچە بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى غەلبە قىلغان كىنولار قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كىنو مەستانىلىرىغا نىسبەتەن بۇ كىنو ئىلگىرىكى ئىككى بۆلۈمىگە نىسبەتەن مەغلۇپ بولىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇلار يەنە بىر فىلىم «خاسىيەتلىك قىز» نى ئىشلەپ قويىدۇ. فىلىم بېلەت كىرىمى جەھەتتە يەنە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.

supergirl-1983-08-g

«خاسىيەتلىك ئادەم» فىلىمىنىڭ 4-بۆلىمى ئىشلىنىشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇ كىرىستوفلىنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» ئوبرازىدىكى مەغلۇپ بولغان فىلىمى بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ…

still-of-christopher-reeve-in-superman

1988-يىلى، ئالېكسانىر سالكىنىد نەزىرىنى كىنودىن تېلىۋېزىيەگە قارىتىدۇ ۋە «خاسىيەتلىك ئوغۇلنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتېرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. 1993-يىلى «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ يېڭى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى: كىلارك بىلەن لويىس» ناملىق رومانتىك تېلىۋېزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى تېلېۋىزورلاردا قويىلىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىدە خاسىيەتلىك ئادەم كىلارك بىلەن لويىسنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋېرلەنگەن بولۇپ، فىلىم بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ 4-بۆلۈمىنىڭ ئاخىرى خاسىيەتلىك ئادەم كىلارىك بىلەن لويىسنىڭ توي قىلىشى فىلىم مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن فىلىمنىڭ داۋامىنى ئىشلەش ئەمەلدىن قالىدۇ.

Wallpaper-lois-and-clark-32359777-1920-1080

قايغۇلۇق خەۋەر شۇكى، 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى  كونا «خاسىيەتلىك ئادەم» كىرىستوفلى بىر قورقۇنچلۇق ھادىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇ بىر مەيدان ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇمۇرۇتقىسى ئېغىر زەخمە يەپ بەدىنى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيانى تولىمۇ چۆچىتىۋېتىدۇ. لېكىن، كىرىستوفلى تولىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشايدۇ.
1996-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتى بىلەن DC كومىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ، «خاسىيەتلىك ئادەم» يۈرۈشلۈك كارتون فىلىمىنى ئىشلەپ تېلېۋىزوردا قويىدۇ. بۇ 1940-يىلىدىكى كارتون فىلىمدىن ئېسىل،تېخىمۇ قالتىس بولۇپ، بالىلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتون فىلىمىگە ئايلىنىدۇ. ۋارنېر ئاكا-ئۇكا شىركىتى بۇ يۈرۈشلۈك كارتون فىلىمدىن غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، «ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» ناملىق ئۈچ بۆلۈملۈك يۈرۈشلۈك كارتون فىلىمنى ئىشلەپ قويىدۇ. بۇ كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمدە دەرجىدىن تاشقىرى پالۋانلار ھەمكارلىشىپ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، «خاسىيەتلىك ئادەم»، «شەپەرەڭ پالۋان»، «چاقماق پالۋان»، «يېشىل رەڭ پالۋان» ۋە ئۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن كومىك قەھرىمانلىرى ئېكراندا نامايەن بولىدۇ.

justice_league_of_america_by_abask5-d4clijr

2001-يىلى 9-ئايدا، ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتى بىلەن DC كومىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئىلگىرىكى رىۋايىتى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 1-بۆلۈمىنى تېلېۋىزورلاردا قويىدۇ. فىلىمدە خاسىيەتلىك ئادەم كىلارك كىنىتنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدكى ھېكايسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.
2-بۆلۈمىگە كەلگەندە، كىلاركنىڭ ھەقىقى ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈشتەك كىچىككىنە كۆرۈنۈشتىكى كىلاركنىڭ ئاتىسىنىڭ رولىنى كىرىستوفلى ئالىدۇ. ئۇ گەرچە مېيىپلار ھارۋىسىغا چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ، لېكىن سىنارىستلار ۋەقەلىكنى ئوبدان ماسلاشتۇرىدۇ. ئۇ شۇ ھالەتتە فىلىمدىكى كىچىككىنە كۆرۈنۈشتە رول ئالىدۇ. فىلىمدىكى مانا مۇشۇ كىچىككىنە كۆرۈنۈش ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ….

Clark-Superman-smallville-29900118-1024-768

2004-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، كىرىستوفلى ۋاپات بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىنو شىركەتلىرى، كىنو مەستانىلىرى تولىمۇ ئازاپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» ىدىن ئايرىلغان ئىدى.
2004-2005-يىللىرى ئىشلەنگەن «ئۆمۈچۈك پالۋان 2»، «شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئىلگىرىكى رىۋايىتى1» ۋە «X جەڭچى3» قاتارلىق فىلىملەر بېلەت كىرىمى يۇقۇرى فىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتى «خاسىيەتلىك ئادەم» نىڭ يەنە بىر بۆلۈمىنى ئىشلەشنى ئويلىشىدۇ ۋە فىلىمنىڭ رىژېسسورلىقىغا «X جەڭچى» فىلىمىنىڭ رىژېسسورى بىرايىن سىنگېرنى تەكلىپ قىلىدۇ. بىرايىن سىنگېر بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ. ئۇ بۇ قېتىملىق ئىشلىمەكچى بولغان «خاسىيەتلىك ئادەم» فىلىمىنىڭ ئىسمىنى «خاسىيەتلىك ئادەم قايتىپ كەلدى» دەپ ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ يەنە داڭلىق سىنارتستلىرنى تېپىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى بويىچە سىنارىيە يازدۇرىدۇ. بىراق بۇ يەردە يەنە مۇھىم بىر مەسلە پەيدا بولىدۇ. يەنى خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ رولىنى كىم ئالىدۇ؟…بىرايىن سىنگېر نۇرغۇن كىشىلەرنى تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى 24 ياشلىق كىچىك شەخس بىرىندا رۇۋىسنى تاللايدۇ ۋە بىر قانچە قېتىم سىناق قىلىپ سۈرەتكە ئالىدۇ. بىرىندان رۇۋس خۇددى ئۆزى شۇ كىنودىكى كىلارك كىنىتتەك رولنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن بىراين سىنگېر ئۆزىنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» ى نى تاپقاندەك بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. فىلىمگە ھازىرقى زاماندىكى فىلىملەرگە كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكا CG تېخنىكىسى قوللىنىدۇ. فىلىم ئاخىرى 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى كىنوخانىلاردا قويىلىدۇ. كۆرۈرمەنلەر ۋە كىنو مەستانىلىرى ناھايتى خۇشال ھالدا كىنوخانىدا «خاسىيەتلىك ئادەم» نى قارشى ئالىدۇ. فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا كىنو مەستانىلىرى خۇددى ئۆزىنىڭ قەھرىمانى قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىدۇ.

Superman_Returns_by_Cpt_Jack_Sparrow

2007-يىلى ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتى بىلەن كومىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق كارتون فىلىمنى ئىشلەپ، كىنوخانىلاردا قويىدۇ. بۇ كارتون فىلىممۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.

supermandoomsday2

2011-يىلى ۋارنېر ئاكا-ئۇكا فىلىم شىركىتى يەنە بىر قېتىم «خاسىيەتلىك ئادەم» فىلىمىنى ئىشلىمەكچى بولدى ۋە ئارتسىتلارنى قايتا تاللاپ، خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كىيىمىنى قايتىدىن لايىھىلەپ، سۈرەتكە ئېلىپمۇ بولدى. بۇ فىلىم نۆۋەتتە كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتقان بولۇپ، بېلەت كىرىمى ۋە ئالقىشلىنىشى جەھەتتىنمۇ خېلى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. قارىماققا بۇ يېڭى خاسىيەتلىك ئادەم، «ھەققانىيەتچىلەر» نىڭ يىغىلىشى ئۈچۈن ئازراق يول ئاچقاندەكمۇ قىلىدۇ.

man_of_steel_review-620x350



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نەۋقىران 2013.06.22 , 13:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە نىمىشقا ئىشتان ئۈستىگە كۇسار دىمەكچىتىم كىچىكىمدە پالۋان كىنولىرىنى تولا كۆرىتىم ھازىر ئۇنداق ئەمەس لىكىن سادىر پالۋاننقڭ كىنوسى ئىشلەنسە قوشۇمچە رىژىسور بولۇشقا ھەم كىنو پۈتسە 100قىتىم كۆرسەم مەيلىتى

  2. ئىشتانچى 2013.06.22 , 13:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالا بولىدىكەنلە جۇما دوۋبەن پىلاستىنكىنىك دەدىدىن فىلىم ئىشلىرى ئاقماتىدە

  3. ئابلەت 2013.06.22 , 13:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەۋەس قىلىمەن جۇما، قاتمۇ-قات تاملارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. ما ئۈرۈمچىنىڭ ياز كۈنلىرىغۇ قىزلارغا ئۇنداق كۆزمۇ ھاجەتسىزكەن ھازىر.

  4. ئابومجاب 2013.06.22 , 13:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ھەجەپ ئۇدۇل كەپ قاپتىيا ، ئۈلۈشكۈن تېخى كۈرەپ كەگەن بۇ پالۋاننىڭ كىنوسىنى ، كىنو ھەققىدە ئازغىنە ئويلىغانلىرىم
    1.خاسىيەتلىك ئادەم بۇ قېتىمدا ئىشتىنىنىڭ تېشىغا كىيىۋالىدىغان قىزىل كۇسەرنى كەيمەپتۇ ، رىژىسسورنىڭ دىيىشىچە كۇسەرنى تېشىغا كىيىدىغان ئىش ئەخمىقانىلىق ئىكەن
    2.ما قېتىمقى پالۋان كارامەتكەن ، سۇدا تۇنجىقسىمۇ ، ئوتتا كۆيسىمۇ ، نەچچە توننۇلۇق بازغان بىلەن ئۇرسىمۇ مىت قىپ قويمايدىكەن ، چېچىنىڭ پاسونىمۇ ئۆزگۈرۈپ قويمىدى ، شەپەرەڭ پالۋان ، تۈمۈر پالۋان ، ئۆمچۈك پالۋان دىگەنلەر ما خاسىيەتلىك پالۋاننىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىپ ئۈيىدىن چىقماي ئولتۇرىدىغان چىراي 3.لىكىن ۋەھشەت كىرىشتۈرۈپ قۇيۇپتۇ ، بىنا ئۆي دىگەنلەرنى چاقە چاق ، ئۈنۈمى بەك ئىسىل چىقىپتۇ ، كىنو تۈگىگىچە ئامرىكىدىكى ئۆيلەنىڭ يېرىمىنى مۇشۇ بالا خەق بىلەن ئۇرۇشۇپ چېقىپ بولدىغۇ ئىشقىلىپ
    4.كىنوغا بارغان باللا بىردەك ئويلاپتۇق ، سەلبى ئايال باش پىرسوناژ بەك چىرايلىقكىن ، يەنە بىژ قېتىم قاچان چىقا دەپ ئىكرانغا مىقتەق قاراپ ئولتادۇق
    5.مىش مىش پاراڭغا قارىغاندا ما بالىمۇ ئىككىنجى بۈلۈمدە بېيجىڭ شىياڭگاڭلارغا كەلگۈدەك
    مۇشۇنچىلىك كۈرۈپتىمە ، كۆگەنلە تۇلۇقلاپ قۇيۇڭلا

  5. خام قەغەز 2013.06.22 , 14:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈنۈگۈن كۆرگەن ما قېتىمقى خاسىيەتلىك ئادەمنى.ئەپسۇس،ياقمىدى…
    باشتا ئەسلىمە ئەسلىمە ئەسلىمە…ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرۈپ…
    ئارقىدىن بىنا چېقىش…چاقە چاق،چاقە چاق،چاقە چاق…دۆلىتىمىزگە تەكلىپ قىلساق بولغۇدەك،چاققىسى كېلىپ تۇرالمايۋاتقان يەرلەر جىققۇ.
    يەنە بىرسى…تېرىسى بەك قېلىنكەن.بىز قېلىنلىق يېرىم دۆلەت دېسەك،ماۋۇلار قېلىنلىق بىر دۇنيا دېگۈدەك.
    سودا خارەكتېرلىك فىلىمغۇ مۇشۇنداق بولىدىغان،ئۈنۈم قوغلىشىدىغانلار كۆرسە بولغىدەك:neutral::neutral:

  6. ئەلى 2013.06.22 , 14:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ جۇما،،،،

  7. ھەۋەسكار 2013.06.22 , 15:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يازسام يوققۇ دەيمەن.

  8. يالپۇز 2013.06.22 , 16:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈر

  9. سەھرالىق 2013.06.22 , 16:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا ئىشتان ئۈستىگە كۇسار كىيىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم مەن:evil:

  10. پەنجىر 2013.06.22 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانداق قاراپ باقسام ھەمىسنىڭ كىيىمنىڭ رەختىلىرى بىرلىككە كەپ قالدىىمۇ قانداق ،يا،ھازىر مودا بولغىنى مۇشۇ رەختىمۇ يا ؟

  11. ئابدۇخېلىل 2013.06.23 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇنۈگۈن خاسىيەتلىك ئادەم فېلىمىنى كۆرۈپ كەلدىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ، يۇمۇرلۇق يەرلىرىمۇ باكەن…ھەركەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئالدىنقى خاسىيەتلىك ئادەملەدىن ياخشى چىقىرىپتۇ…كىنونى كۆرۈپ ئەگەر خاسىيەتلىك ئادەم ئامىرېكىغا چۈشمەي جۇڭگوغا چۈشكەن بولسا جۇڭگو ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەجبۇرى ئۆي چىقىش، كۆزىدىكى نۇردىن پايدىلىنىپ كان قېزىش… دىگەندەك ئىشلارغا سالاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم…. ئەگەر مەن خاسىيەتلىك ئادەم بولغان بولسام ئۆزۈم تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدىن بىرنى ئېچىپ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى راۋاجلاندۇرغان بۇلاتتىم ..شۇڭا خۇدايىم ئىشەككە مۈڭگۈز بەرمەپتىكەن… :mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量