قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغىنى ياخشى، ئەرلەر تۇخۇم قورۇشتا بېسىپ ئۆتىدىغان 17 قەدەم
يازمىغا بۇ خىل ماۋزۇ قويۇلىشىدىكى سەۋەپ، قانداقتۇر ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتا بۇنچىلىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئەمەس، ناۋادا بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىسىز…
1 – قەدەم : تۇخۇم ئىزدەيدۇ. 10 مىنۇتقىچە ئىزدەپ تاپالمىغاندا خوتۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ ئاندىن تاپىدۇ.
2- قەدەم: تۇخۇمنى يۇيىدۇ.
3 – قەدەم: تۇخۇمنى ئۈستەلگە ئۇرىدۇ. دەسلەپتە ئاستا، كىيىن سەل كۈچەپ،ئاخىرىدا تېخىمۇ كۈچەپ ئۇرىدۇ.
4 – قەدەم: ئۈستەلدىكى تۇخۇم ئىقىنى سۈرتىدۇ.
5 – قەدەم : قاچىنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم شاكىلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئاۋۋال چوكىدا قىسىپ باقىدۇ، ئاندىن قوشۇقنى ئىشقا سالىدۇ، ئاخىر قولىدا تۇتۇپ ئالىدۇ.( تۇخۇمنى نىمە ئۈچۈن يۇغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز.)
6 – قەدەم:تۇخۇمنى ئىلەشتۈرىدۇ. يۈزى،قولى ۋە كىيمىدىكى تۇخۇم ئېقىنى سۈرتىۋىتىدۇ.
7 – قەدەم: قاچىدىكى تۇخۇمنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، يەنە ئىككى تۇخۇمنى ئېلىپ، 2 – قەدەمدىن 7 – قەدەمگىچە بولغان قەدەملەرنى قايتا تەكرارلايدۇ.
8 – قەدەم: ئوچاققا ئوت ياقماقچى بولۇپ ھەرقانچە ھەپىلىشىپمۇ ياقالمايدۇ.
9 – قەدەم: خوتۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ سورايدۇ.
10 – قەدەم : گاز ئۇلىغۇچنى بۇرايدۇ. ئاخىر ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.
11 – قەدەم: يۈزىگە زاراڭزا يېغى سۈركەپ،كۆيگەن يەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
12 – قەدەم: قازانغا ماي قۇيىدۇ.
13 – قەدەم: زاراڭزا مېيىنى تۆكۈۋىتىپ خاسېڭ مېيىنى قۇيىدۇ.
14 – قەدەم: قازاندىكى ماي قىزىغۇچە،خوتۇنىنىڭ تۇخۇمنى يەۋىتىپ، ئېرىنى ماختىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
15 – قەدەم: قازانغا ئوت كىتىپ، يەلپۈگۈچ بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ،سۇ چاچىدۇ،ئوت بارغانسىرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
16 – قەدەم: قويۇق ئىس ئارىسىدا ئۆمىلەپ تۇرۇپ.تېلېفۇننى ئىزدەيدۇ.
17 – قەدەم: تۇرۇپكىنى قولغا ئېلىپ،ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش تېلېفۇن نۇمۇرى110، 120 ياكى 119 مۇ ئېسىگە ئالالمايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، تەرمەچ، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: men-do-scrambled-eggs.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۆلىتىمىزدىن چىققان iPhone بىلەن Android نىڭ ئارلاشمىسى GooApple، جوبز كۆرسە يۇم-يۇم يىغلىغۇدەك!
- كېيىنكى يازما > مەڭگۈلۈك 9-نومۇر، تاشقى پلانېت ئادىمى «رونالدو رىۋايىتى»
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
- ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر
- بىز زادى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك؟
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…
شۇ! قۇشقاچنى قاسساپ سويغىنى، تۇخۇم سەي بولسىمۇ خوتۇن قورغىنى تۈزۈك!
بۇ تازا قاپاقباش ئەرلەرنىڭ مىسالىكەن، فەقىر 7 يېشىمدىن باشلاپ تاماق ئېتىشكە باشلىغان
تەدبىركار ئۆزىنىڭ رىۋايەتلەردىكى تۇخۇم پۇشۇرۇش ماھارىتىنى بىزگە قەيىت قىلىپ بېرىۋىتىپتۇ-دە (چاقچاق جۇمۇ )
مېنڭ سەي قورۇغىنىمنى قاچان كۆرەپ قالغان بولغىيتى تەدبىركار
بۇرۇن قايناق سۇ قاينىتالمايتۇق.ھازىر يامان ئەمەس جاننى باقىدىغان بوپ كەتتۇق.
ھازىر قۇچقاچنىمۇ ئوڭلاپ سويالمايدىغان قاسساپلار ئاز ئەمەس جۇمۇ…
مەن ئۆزۈمنى تۇخۇم سەي قورۇيالايمەن دەپ قارايمەن . تۇخۇم سەيگە تۇز قوشامدا ؟
قوشاپ باقسىلا بىلىلا… ۋىرۇس قوشسا يامان بەلەن بولىمىش
تۇز قوشۇپ بېقىڭ، بەك بولمىسا شىكەر بىلەن تەڭشىۋىتەرسىز….
فاڭبىئەنمەن چىلاپ ئىچىشكە ئۇستا بىز تۇخۇم قورۇپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.
تەييارچۆپنى ئاشۇ قورىغان تۇخۇمىڭىز بىلەن يېسىڭىز سەت پەيزى بولىدۇ جۇمۇ ….
خەق ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيتى، ئەمما تەددىي تېخىچە بويتاقتە..
بەلكىم سىزنىڭكىنى ۋاكالىتەن سۆزلەپ بەرگەندۇ…….
مەن سەت ئۇستا تۇخۇم قورۇشقا…
قورقماي دەۋاتقان گېپىنى، دۇنيادىكى ئۇستا ئاشپەزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرغۇ؟
ئەرلەر نېمىدىگەن بىچارە ئىنسان ھە!!!!!
ئۆزلىرىدەك تاماق ئېتەلمەيدىغانلارنىڭ دەسىتىدىن بىچچارە بوپ كېتىۋاتىدۇ شۇ ئىنسانلار…
ئېتەلمىدىڭ دەپ خېمىر قىلىۋېتەي دېسە ھەر قايسىلىرىنى پىر بىچچارە بوپ كەتمىسۇن دەپ….
يولداش پىدا توغرا دەيدۇ!
ئەرلەرنى تاماق ئېتىش ئىشىدا ئۇنداقمۇ چۈشۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۆتكەندە بىر ئاغىينىمىز يەڭگىسى توغرىسىدا ۋايساپ دەپ بەرگىنى ئېسىمدە. ئۆيدە تاماقنى يەڭگىسىنىڭ قولىدىن بىرەر قېتىممۇ ئوخشىتىپ يەپ باقماپتۇ. لېكىن ئاكىسى تاماقنى شۇنداق پەچەت ئوخشىتىپ قويىدىكەن. بىر قېتىم ئۆيگە ئاكىسىنىڭ دوسلىرى مىھمانغا كەلگەندە ئاكىسى ئايالىغا ھالۋا ئەت دەپ بۇيرۇپتىكەن، كىيىن چىقىپ مىھمانلار بار يەردىلا «ھالۋىغا تۇزنى قانچىلىك سالىمەن» دەپ سوراپ تاشلاپتۇ
بەزەن يىگىتلەر بۇنىڭ كۈلگىدەك نېمىسى بار دەپ ئويلاۋاتىدۇ ھەقاچان؟ ھالۋىغا تۇز سالمايمىز.
مەنمۇ مۇساپىرچىلىقتا 2~4 تال سەي قورۇشنى بەلەنلا ئۆگىنىپ قالدىم. قاچا يۇيىشىپ بېرىدىغان ئادەم بوپقالسا تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن
يۇقارقى يازمىدا سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ، لېكىن ئاشخانىلاردا خوتۇن خەقنىڭ ئاشپەزلىك قىلغىنىنى كۆرمىدىم، شۇنىڭدىن قارىغاندا خوتۇن شۇ ئۆيدىلا تاماق ئەتسە بولغىدەك.
ھەممە ئادەم ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەيدۇ دەپ، بۇ تەدبىركار تۈنگۈن ئۆيىگە دوستلىرىمىنى چاقىرىمەن دەپ ئۇلار كەپ بولغىچە بولغان ئەھۋال ، نىمە ؟ تەدبىركارنىڭ خوتونى يوق بويتاق دىدىڭلىما. بۇ يەردە چىنىپ قالماي دەپ ھەدىسىگە ئۇرغان تىلفۇن ئۇ، ئاخخردا ئىس بۇسنىڭ ئارىسىدىن ئاران قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئاغىنىلىرىگە ئاداش جىددى ئىش چىقىپتۇ شىركەتتىن تىلفين قىپتۇ دەپلا دوسلىرىنى يولغا سالدى
ياپانا ما تەدبىركار تۇخۇم دەپ خەنزۇچە ھالقىلىق سۆز يىزىپ قويمىغاندۇ بىرە يەرگە ئۈستىدىكى google ئىلانىدىمۇ بىر كاللەك تۇخۇمنىڭ ئىلانى تۇردىغۇ
مەن تۇخۇم قۇرىماي جۇما يەنىلا ئايالىم قىلسۇن
ھازىرقى قىزلارغا سەي دىگەننىڭ ئىسمىنى بىلمەيدۇ ئايالىم كۇندە قانداق سەي ئەكىلىمەن دەپ سورايدۇغۇ
شۇ، سىزنىڭ نىمە تاماق ئېتىشىڭىزگە قارىتا سەي ئالىدىغاندۇ؟!!
ھى ھى ئەرلەر بىچارە ئەمەستۇ ؟
مانا مەن ھەرقانداق تاماقنى مانامەن دىگەن ئۇستا ئايال ئاشپەزلىدىن بەلەنراق ئىتەلەيمەنغۇ .. شۇغنىسى قۇيماق سالالمەيمەن ئەمدى
ئاغىنىلەر تاماقنى سىلە قىلىۋەسەڭلا خوتۇنۇڭلا نىمىشمۇ قىلا كىرقات يۇيۇشنىمۇ بىلەمسىلا بىلسىلە سىلەر