دۆلىتىمىزدىن چىققان iPhone بىلەن Android نىڭ ئارلاشمىسى GooApple، جوبز كۆرسە يۇم-يۇم يىغلىغۇدەك!
دۆلىتىمىز ئىزچىل ھالدا خەلقئارا دوراپ ياساش سانائىتىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ؟ ئەمما بۇدا شۇنداق بىر يېڭىچە يانفون بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى لايىھەلىنىشى iPhone4 كە 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكەممەل يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ئاقسا يېرى شۇكى، بۇ يانفونغا قاچىلانغان Android مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنىشى iOS قا تامامەن دېگۈدەك ئوخشىتىۋېتىلگەن! بۇ يانفوننىڭ ئىسمى gooapple…
ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسىلەر؟ گۇگېل بىلەن ئالما بىرلىشىپ يانفون چىقارسا بولمايدىغان نەرى بار؟ مانا ئۇلار قىلالمىغاننى بىز قىلالىدۇق! ھەقىقەتەن مۇكەممەل لايىھەدە؟!
ئىلگىرىكى تاغتۇرا مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇداقى gooapple يانفونىنىڭ تېشىدىن تارتىپ ئىچىگىچە، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك سەۋىيەدە ئىشلەنگەن. تاشقى كۆرۈنىشى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە iPhone 4 كە تەقلىد قىلىنغان، ئوخشاشلا 9.3 مىللىمېتىرلىق قېلىنلىق، 3G تورى، شۇنداق راۋان يۈرىشىدىغان 3D ئويۇنلار، كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران…مەشغۇلات سېستىمىسىغا Android 2.2 ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆرۈنمە يۈز ۋە مەشغۇلات ھالىتى iOS قا يۈكسەك دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان. جوبز بۇنى كۆرسە نېمە بولۇپ كېتەركىن تاڭ؟
ئاخىرىدا بۇ سىرلىق gooApple يانفونىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنى قالدۇرۇپ قوياي: http://www.gooapple.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Apple، Google، iPhone، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,601 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gooapple.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Symbian ،WP7 ،iOS ۋە Android سېستىمىلىق يانفونلار ئارىسىدىكى ئەمەلىي مەشغۇلات سېلىشتۇرمىسى
- كېيىنكى يازما > دۆلىتىمىز ستۇدېنتلىرى لايىھەلەپ چىققان، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئۇقۇم يانفونى Line Phone
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
ۋاي ئالەمەت تېلېفون – ماۋۇ دىۋان ھەم شۇ
ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن دەپتىكەن چوڭلار.
ئا!!ئاداشقا قاراپ مازمىكى دەپقالدىم!!
نىمىشقا؟
نىمىشقا دىدىڭىزما؟
ھە!؟
چۈنكىي،خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ سۆرىتىنى كۆرمەي،تەنناز خېنىملارنى كۆرىۋاتمامدۇ!
ھە…..
تەدبىركارمۇ چوقۇم يېغلىۋەتتى دىمىگەن بىلەن .
ئالما ئپيناپ نېمە قىلىدۇ ھەي مۇشۇنداق قوش تەۋەلىك تېلىفون تۇرسا ….
ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ھەقىقەتەن بوپ قويىدۇ جۇمۇ
باھاسى ئەرزان بوسا ئېلىپ ئوينىساق بولغىدەك.. قېنى ئۇيغۇربەگ ئاندرويىد ئالىمەن دەۋاتىتى… مۇشۇنى ئالسۇنە ھھاھاھ
تەدبىركار ھازىر يىغلاۋاتىدۇ، بەلكىم ياستۇق يۇم-يۇم بولۇپ كەتتى
ئاخىرقى گىپى بولىدىكەن ئەمما..ھازىرقى سۈرەت بىلەن ماڭسا نۇرغۇن شىركەتلەر بىرلىشىپ كېتىدۇ…
ھەي… مۇشۇنداق ئەبجەش نېمىلەر ھەقىقى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىدۇدە…
يالغانپەر تېلىفۇن
بولمايدىكەن !
باھاسىمۇ قىممەت ئىكەن ، 2000 ئەتىراپىدا دەيدۇ
2000 مىڭغا بۇنى ئالغۇچە ئانجىروئىدنىڭ يېڭىسىدىن بىرسى كېلىدىكەن .
جىڭپەر مالغا نېمە يىتىدۇ ھە
ئېلىمىزنىڭ دوراش قابىلىيىتى بەك يۇقىرى جۇمۇ، بۇنىڭغا قول قويماي تۇرالمايمەن، ئەرزان، ناچار ماللار بىلەن بازار ئىگىلەيمەن دەپلا تۇرغان.
ياۋۋۋۋۋۋۋۋ،ئەجەپ تەستە ئېچىلدى بۇ تور خۇمار
قاچانمۇ قۇتۇلارمىز ساختىدىن… ئىقتىدارى تۆۋەن بولسىمۇ ئەرزانراق ئەسلى ماركىدىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ياخشى….
ماۋۇ تورخۇمار نىڭ ئىككى كۈندى بېرى ئېچىلماي بۈگۈن ئېزىپ تېزىپ ئېچىلىپ قالغىنىنى قانداق تەبرىكلىسەم بولا
ئا ئۈستىدىكى تۇخۇم قورۇمىخانىسىغا كىرىپ ۋىروسقا دەپ قويۇڭا، تۇخۇم قورىغاندا تۇز سالسا نېمە بولىدىغىننى
ماۋۇ ئەڭ ئوخشىغان تاغتۇرا بوپتۇ. يەنە كېلىپ سېستىمىسىمۇ ئورىگېنال سېستىما ئىكەن
ھەممە نەرسىنىڭ ساختىسى چىقىۋەرسە ئەتە ئۆگۈن تور خۇمارنىڭمۇ ساختىسى چىقسا تەدبىركارمۇ يۇم يۇم يىغلاپ كەتسە
دۆلىرىمىزدە باشقا نەرسىنىڭ ساختىسى چىقسىمۇ ئادەمنىڭ ساختىسى چىقمايدىغىنى ئىنىق
يالغان مۇ راس مۇ ؟
مەن دىڭگۇ قىلىپ قويدۇم مايەردىن
http://www.gooapple.com/index.php?m=shop3g&a=invite&code=63703
ناھايىتى ئېسىل تېلىفۇنكەن جۇمۇ…
پاھ پاھ ما تىلفوننى جۇما
بۇنىڭغا ئىشلەتكەن ئارقا مۇزىكا ناخشىسى بەك يېقىملىققكەن، كىم ماڭا ناخشىنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرىدۇ ؟
Under A Voilet Moon دېگەن ناخشىكەن. مەنمۇ ئىزدەپ خېلى تەستە تاپتىم.
مىنىڭ ئالما تېلفۇنۇمدىمۇ ئاۋۇ ئۈستىدىن سىيرىپ ئۇچۇر كۆرىدىغان، باش بەتتە قولايلىق مەزمۇنلار كۆرۈنۈپ تۇرۇش، جىددى تەڭشەكلەرنى ئىكراندا بىرلا سىرىش بىلەن كۆرسىتىش دىگەندەك Android قا خاس ئىقتىدالار بار ھازىر….cydia دىن قىلغان مەن..
بۇ تېلفۇندا ئاندرويد قا تەۋە بىر يەردىن باشقا يىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم مەن… بۇنىڭدا بىر قاراپلا ئالمىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندەك كۆرۈنىدىكەن….
يەنە بىر گەپ:
ئاۋۇ، Angry Birds بىلەن Fruit Ninja نى مىنىڭ 5 ياشلىق ئۇكامچىلىك ئوينىيالمىدى… ھې ھې ھې …
بۇنىڭغا google بىلەن appleشىركىتى يول قويغانمىدۇ؟samsaung)دورامچۇق)iphone 4نى دورىغاندىن كىين بەك كۆپ تۆلەم تۆلىگەن…بۇمۇ تۆلە؟!؟
كىشلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشمۇ ئىسىل خىسلەت ھە…بىراق بۇلار باشقا نامدى ئەنگە ئالدۇرغان تۇرسا تۆلەم تۆلەپمۇ يۇرمەس….دۆلىتىمىزنىڭ دوراش سەنئىتىگە قايىلمەن بۇلار ھەتتا داڭلىق ماركىدىكى مىۋىلەرنىمۇ ماركا ئوغىرلاپ خەلقئارا بازارغا سالغان تۇرسا…ئىشقىلىپ ئازراق بولسىمۇ ئەمگىكى سىڭگەن بولغاندىكىن سوراققا تارتىلماس…بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولغىنى تۆۋەن كىرىملىك پۇقرالارنى ئويلىشىپتۇ،ئۇلار ھەقىقىي ئالمىنى ئالالمىغاندىكىن مۇشۇنداقنى ئالمىسا بولمايدۇ مەنمۇ ئالىمەن تېخى مۇشۇ gooappleنى ھى ھى ھى…
يېرىم كۈن توك قاچىلاپ يېرىم كۈن ئىشلىتىدىكەن بۇ نەرسىنى
سامسۇڭنىڭ يانفۇنلىرىنىڭ كىچىككىنە يېرى ئوخشاپ قالسىمۇ ئەرز قىلىپ بىرمۇنچە تۆلەم ئالىدىكەن ماۋۇ خەنلەر شۇنداق ئوخشىتىپ ياسىسىمۇ ھېچ نىمە دىيەلمەيدىكەن بۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلىكلىكىدىن خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ