Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
رىۋايەتلەردىكى Google كۆزئەينەك ھەقىقەتەن مەۋجۇدكەن! قارىماققىمۇ ئاللىقاچان سىناقتىن ئۆتۈپ بىر يەرگە بارغاندەك قىلىدۇ، بەلكىم ئۇزۇن ئارىدا بازاردا كۆرۈپ قالامدۇق تېخى؟! Google ئۆزى Project glass دەيدىغان بىر +Google ھېساباتى قۇرغان بولۇپ، بۇ ھېساباتتا Google كۆزئەينەكنىڭ مەشغۇلاتى ۋە ئىشلىتىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن بىر فىلىمنى ئاشكارىلىغان.
ئۈستىدىكى قىستۇرما سۈرەت دەل مۇشۇ كۆزئەينەكنىڭ ھالىتى بولۇپ(ھېچ بولمىسا، ھازىر مۇشۇ لايىھە باسقۇچىدا ئىكەن)، بۇ قارىماققا ھېچبىر كۆزئەينەككە ئوخشىمايدىكەن.
Google نىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كۆزئەينەك، كىشىلەرنى دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلىنىش مەقسىدىگە يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاللىقاچان ئىچكى سىناق باسقۇچىدا ئىكەن. بىراق نۆۋەتتە Google دىن تېخى بۇ مەھسۇلاتنى قاچان ھەقىقىي تۈردە بازارغا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن، بەلكىم ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ ھەقىچان، نۇرغۇن-نۇرغۇن يىللار كېيىن ئاندىن كۆرەمىز بەلكىم.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: glass، Google، تەسەۋۋۇر، تۇرمۇش، كەلگۈسى، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,826 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-project-glass.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- كېيىنكى يازما > Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
ئەلامەتكەنغۇ !
تالاشمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن چىقىپ قالىدىغان يەركەنغۇ ئۇ ئاتالمىش(دىۋان)دىگەن!
تېزراق بازارغا سېلىنسا بولاتتى
دەششەتكەنغۇ ۋاھھھھھھھھھھھ ئىشلىتىش نىسىپ بوپ قالار
كۆز ئاغرىپ كېتىدىكەن بۇنى تاقىسا، مەندە بىرى بارتى تاشلاپ قويدۇم.
ماڭىلا تاشلاپ بىرىۋىتىڭە مېنىڭ كۆزۈم ياخشى ….
بۇنى تاقاپ ماڭسا كۆزىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋىتىدىغاندھك تۇرامدۇ نىمە؟
دۇربۇن ئىقتىدارى بولغان بولسا ھە.
تېلېفوندا سۆزلەشكەندەك قىلامدۇ نېمە
قانداق زىيانلىق تەرىپى بولۇشىدىن قەتىينەزەر مەن ئىشلىتىشكە رازى!
چاققانراق بۇيەرلەرگە كەلسە بولاتتى…
مەن سىندىكى ئاۋۇ كىشىنى google+دا كۈندە كۆرىمەن… ئىشقىلىپ بەك ھەجۋىي كىشى ئىكەن ئۇ
ياراشمىسىمۇ تاقاپ يۈردىكەنمىزدە
مېنىڭ بۇ نەرسنى ھازىرلا سېتىۋالغىم كېلىۋاتىدۇ …نېمە دىگەن پەيزى ھە … پەن تېخنىكىنىڭ كۈچىنى توسۇۋالغىنى بولمايدۇ …
بۇ كۆزەينەكتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى googleنىڭ ئۆزىنىڭ ئامبىرىدىن كىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
بۇنى تاقىسا ھىلى توختاپ ، ئۇيان – بۇيانغا قاراپ ، بەزىدە گەپ قىلىپ دىگەندەك يول ئاۋۇمايدىكەن . تېخى خوشال سۆزلىشىپ كەتسەك ، ئۇققان ئادەمغۇ «ھە كۆزەينىكى ئاقساكەن !» دە ، ئۇقمايدىغانلىرى سەت بىرنى قارىۋىتىپ «توۋا ، ياپياش بالىكەنتۇق…» دەپ ئۆتۈپ كەتسە….