نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ

windows-phone-and-windows8

2012- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، يەنى بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز كۈنى، NOKIA شىركىتى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خەنزۇچە يېزىق نەشىرىدىكى windows Phone 7.5 (مانگو) سىستېمىسى سەپلەنگەن نوكىيا ئەقىللىق تېلېفۇنلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

Windows Phone 7 يانفون سىستېمىسى سەپلەنگەن ئەقىللىق تېلېفون 2010- يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگو بازىرىغا كىرمىگەنلىكى توغرىسىدا مىكروسوفت شىركىتى بەرگەن چۈشەنچىسىدە، ئەپ دۇكىنى Market Place تا يېتەرلىك خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەپلەرنىڭ بولماسلىقى سەۋەپ بولغان، ھازىر، Market Place تا يېتەرلىك خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەپلەر توپلانغان بولۇپ، ھازىر جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن دىگەن.

Windows Phone سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى Windows Phone 7 دىن ھازىرقى Windows Phone 7.5 كە كۆتىرىلگەن بولۇپ،  يەنە ماڭگو (Mango) دەپ نام بېرىلگەن. تانگو تېخى ئېلان قىلىنمىغان.

جۇڭگو بازىرىغا رەسمىي سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان نوكىيا ئەقىللىق تېلېفۇن تىپلىرىدىن: NOKIA Lumia 800 نىڭ باھاسى تەخمىنەن 2900 يۈەن، Nokia Lumia 710 نىڭ 2600 يۈەن ئەتىراپىدا بولۇپ، تاۋباۋ بازىرىدا بىر يىل يىل بۇرۇنلا توردا سېتىلىۋاتقان شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىكىلىرىنىڭ باھاسى بۇنىڭدىن سەل تۈۋەن بولۇۋاتقان ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئېكىرانى 3.7 سۇڭ. ئىچكى ساقلىغۇچ 512 مېگا بايىت، سىغىم كارتىسى 8گېگا بايىت.

بۇ باھا، نۆۋەتتىكى ئالما ۋە ئاندرويىدنىڭ يوقىرى سەپلىمىلىك تېلېفۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەرزان ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە يېقىن، نۆۋەتتە Windows Phone نىڭ بازار ئۈلۈشى %1.9 ئەتىراپىدا بولغان بولسىمۇ، بۇ سان تېزلا كۆتۈرۈلۈپ، ئالما ۋە گوگىل ئاندرويىدقا خىرس شەكىللەندۈرىدۇ، ئالما ۋە گوگىلدىن نەچچە يىل كېچىككەن مىكروسوفت، ئۆزىنىڭ پۇختا ئورنى ۋە ئۇزۇن يىللىق تېخنىكىلىق تەجرىبىسى بىلەن، PC ۋە كۆچمە مەھسۇلاتلار دۇنياسىدىكى ئورتاق مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق، IT تاجىنى قايتىدىن كېيىشى مۇمكىن.

مىكروسوفتنىڭ Windows Mobile دەۋىرىدە  ئۆتكۈزگەن كۆپ خىل سەپلىمىگە كۆپ خىل سىستېما چىقىرىش خاتالىقىنى ھازىر گوگىلنىڭ ئاندرويىد قايتىدىن تەكرارلىغان بولۇپ، بۇ ئەينى چاغدا Windows Mobile نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ھازىر ئاندرويىد ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قاتتىق دېتاللاردا بىر ئەپ ئورتاق ئىشلىمەسلىكتەك قىسىلچاق ئەھۋالغا قېلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، بىر ئاندرويىد ئەپ ئاچقۇچى ئوخشىمىغان 40 خىل قاتتىق دېتالغا قارىتا ئەپنى 40 خىل ئوراشقا دۇچ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

مىكروسوفت 2010- يىلى Windows Phone نى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۆلچىمىگە قاتتىق تەلەپ قويغان بولۇپ، مەسىلەن، يانفۇن ئىشلىگۈچى زاۋۇتلارغا، تېلېفۇن ئۈستىدىكى باشلاش كۇنۇپكىسى قاتارلىق ئۈچ كۇنۇپكا، ئاۋاز تەڭشەش كۇنۇپكىسى، سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسى، قوزغىتىش كۇنۇپكىسى، usb چاتما ئېغىز، تىڭشىغۇچ- مىكرافۇن ئېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئورنىغا قاتتىق تەلەپ قويغان. Windows Phone دا ئىشلەتكۈچى ئوخشىمىغان باھا ۋە قاتتىق دېتالدىكى ئەقىللىق تېلېفۇن ئۈستىدە ئوخشاش ئىقتىداردىن بەھىرمەن بولىدۇ، پەقەت، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى، بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن كېلىپ چىققان قوزغىلىش ۋە ئالمىشىش، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى، يانفۇنغا سەپلەنگەن ھەر خىل سەزگۈر ئۈزەك ۋە سۈرەت ئاپپاراتى قاتارلىقلار تەمىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدارلارنىڭ پەرقى قاتارلىق پەرقلەرگىلا دۈچ كېلىدۇ. ئەپلەر بولسا ئورتاق ئىجرا بولىۋېرىدۇ.

نوكىيانىڭ بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يەنە ئىككى خىل ئەقىللىق تېلېفۇننىڭ تىپى ئېكىرانى 4.3 سۇڭلۇق Lumia 900 ۋە تۈۋەن باھالىق بازارغا سېلىنىدىغان Lumia 610 ،Lumia 610 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 256 مېگا بايىت بولۇپ، بۇ ئىشلەتكۈچىلەر تېتىپ بېقىش مەھسۇلاتى دىيىلگەن، ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ كىچىك بولۇشى سەۋەپلىك، تەڭ قوزغاتقان پروگراممىلارنى تېز ئالماشتۇرۇش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. (بۇ تېلېفۇنلار WiFi دا سىمسىز نۇقتا قۇرالايدۇ، كۆپ بولغاندا بەش ئۈسكۈنە ئارا).

تېلېگراف شىركىتى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۈنجى تۈركۈمدە Windows Phone 7.5 مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇلاردىن Nokia Lumina 800, Nokia Lumia 710, Nokia Lumia 610 قاتارلىقلار بار . تۇنجى تۈركۈمدە چوڭ قۇرۇقلۇقتا Windows Phone 7.5 مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالماقچى بولغان يانفۇن شىركەتلىرىدىن نوكىيا، HTC، جۇڭشىڭ قاتارلىقلار بار، سامسوڭ شىركىتىمۇ پات ئارىدا چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىشنى پىلانلىغان. كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ Windows Phone ئەقىللىق تېلېفۇنلىرىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلانغان. (بۇ ئىش بىرلەشمىنىڭ iPhone يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىگە ئوخشاش گەپ.)

Nokia Lumia 610

Nokia Lumia 800

Nokia lumina 900

مىكروسوفت شىركىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان Windows Phone سىستېمىسى، مىكروسوفتنىڭ بۇرۇن چىقارغان Windows Mobile سىستېمىسىدىن كېيىنكى بىر ئەقىللىق تېلېفۇن سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق مەھسۇلات بولۇپ، بۇ مىكروسوفت شىركىتىنى ئالما ۋە گوگىلنىڭ ئەقىللىق تېلېفۇنلىرىغا قايتارما زەربە بېرىشتىكى كوزىر مەھسۇلاتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى ئۇقۇملارنى قوللانغان مەھسۇلات.

Windows Phone مىترو يۈزىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ بۇ يىل 2- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېلان قىلغان كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىدىكى Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى مىترو يۈزىگە ۋارىسلىق قىلغان. مىترو يۈز بولسا، ئىلگىرىكى سىنبەلگە ئوقۇمىنىڭ ئورنىغا، چوڭ رامكا شەكىلىك ھەركەتچان دەرىزە كاتەكچىلىرىنى قويغان بولۇپ، ئەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ كۆرۈش ۋە سەزمە ئېكراندا مەشغۇلات قىلىشقا كۆپ قولاي ۋە كىچىككىنە سىنبەلگىگە قارىغاندا، ئىشلىتىش ۋە كۆرۈش ئۈنۈمى جەھەتتە، ئېكران يۈزىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. Windows 8  نىڭ ئاچقۇچىلار نۇسخىسى ئۆتكەن يىل ئېلان قىلىنغان، رەسمىي نۇسخىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن. ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىكروسوفت تەرەپ ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى ئېكرانلاردا windows8 نى سىناق قىلىپ كۆرسەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 82 سۇڭلۇق سېزىمچان ئېكران بولۇپ، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا 100 نۇقتا تېگىشنى قوللايدۇ، بۇ بىر ئېكراندا 10 ئادەم تەڭ مەشغۇلات قىلغانغا باراۋەر!

ئەلۋەتتە، Windows 8 دە ئەپلەرنىڭ ئىككى خىل قوزغىلىش يۈزى بولۇپ، بىرى، مىترو يۈزدىكى رامكىسىز ھالىتى، يەنە بىرى، بۇرۇنقى ئۈستەل يۈزى ۋە بايلىق باشقۇرۇش كۆزنىكىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، باشلاش كۇنۇپكىسى ۋە تىزىملىكى چىقىرىۋېتىلىپ، كۆزنەك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ قالغان. بۇ ئىككى خىل يۈزدە، IE10 غا ئوخشاش بەزى پروگراممىلار ئوخشىمىغان ئىككى شەكىلدە ئىجرا بولىدۇ، بەزىلىرى پەقەت ئۈستەل يۈزىدە، بەزىلىرى پەقەت مىترو يۈزىدىلا ئىجرا بولىدۇ. مىترو يۈزىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ، لېكىن، فوكۇس نۇقتىلار چېكىلگەندە ياكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى چېكىلگەندە، ياكى سەزمە ئېكرانغا چەككەن، سېيرىغان چاغدا بىزگە ئاسانلا كۆنۈپ قىلىش پۇرسىتى بار.

مىترو يۈزى

IE10 دا، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئېچىلغان بەتلەرنى ئۈستى تەرەپتە كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئادرىس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مىق (مىقلاش) كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىز دائىم كۆرىدىغان بەتلەرنىڭ سىن كۆزنىكىگى يېنىغا ئۆزىمىز ياقتۇرغان بەتلەرنى مىقلاشقا (Pin لاشقا) بولىدۇ. (ئۆزۈمنىڭ ئېكرانىدىكى  دائىملىق ۋە مىقلانغان بەتلەر كۆزنىكى ئۈستىدىكى مىسال رەسىمدىن بەكرەك ئوچۇق ۋە چىرايلىق)

Windows8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بۇرۇنقى Wintil ئىتتىپاقى چەمبىرىدىن ئاتلاپ، Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىنتىل شىركىتىنىڭ CPU ئۈزىكىدىن باشقا ARM ئۈزىكىنىمۇ قوللايدىغان بولۇپ، مىكروسوفت ھازىر كۆپلىگەن ئوخشىمىغان بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى چىقاردى، بۇلار پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىشلىتىش يۈزىگە ئىگە.

ھەتتا، بىر usb سىم ئارقىلىقمۇ ئېكراننى يەنە بىر تاختا كومپيۇتېرغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

مىكروسوفت تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، Windows 8 سىستېمىسى ھازىر بار بولغان Windows Phone سىستېمىسى قاچىلانغان ئەقىللىق تېلېفۇنلىرىنى قوللىمايدىكەن.

ئالما شىركىتىنىڭ iPad مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالما بۇنى «ئاخىرقى PC دەۋرى» يېتىپ كەلدى، دەپ ئاتىغان. لېكىن مەلۇمكى،  iPad نىڭ كىچىك ئېكرانى بىزنىڭ بارلىق مەشغۇلاتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈپ كېتەلمەيدۇ، بىز ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ PC ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش مەشغۇلاتلىرىغا موھتاج.

ئالما شىركىتى iPod, iPhone, iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بازار تېپىپ، ھازىر نەق پۇل جۇغلانمىسى ئەڭ كۆپ بولغان IT  كارخانىسىغا ئايلانغان. 1997- يىلى ئالما شىركىتىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان مىكروسوفت، بارلىق PC ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىش يۈزى ئورتاق بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىپ، مىكروسوفت ئىمپىرىيىسىنىڭ كۈچىنى قايتا نامايەن قىلىدۇ.

مىكروسوفت (Microsoft)  نىڭ Windows Phone 7.5  سىستېمىلىق ئەقىللىق تېلېفۇنلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى Windows 8 سىستېمىسى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، مىكروسوفتنىڭ بارلىق pc ۋە كۆچمە ئەسلىھەلەرگە ئورتاق مەشغۇلات سىستېمىسىنى كېڭەيتىش باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇرۇن ئالما ۋە ئاندرويىد ئەقىللىق تېلېفۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر، خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىدىكى PC ئۈستىدە خىزمەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئۆگىنىش ئېھتىياجلىرىنى يەنىلا Windows سىستېمىسى ئۈستىدە ئورۇنلايدۇ. ئەگەر، ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشاش ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش بىزگە غايەت زور قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دىيىلسە،  ئۇنداقتا بىزگە ئەڭ ياخشى تاللاش يەنىلا مىكروسوفتنىڭ Windows سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن چوڭ ئېكرانلىق شەخىسلەر كومپيۇتېرى،  تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقىللىق تېلېفۇنلىرىنى تاللاپ ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئەڭ ياخشى تاللاش.

Office ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى بۇرۇنقى Windows Mobile ئۈستىدىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان بولۇپ، پروگرامما تېلېفۇن سىستېمىسىغا قوشۇۋېتىلگەن ئىدى، ئىشىنىمىزكى، Windows Phone ئۈستىدە بىز بۇ خىل ماسلىشىشتىن تېخىمۇ ئازادە پايدىلىنالايمىز.

مىكروسوفتنىڭ تېخنىكا تەمىنلەش تورى بولغان MSDN تور بېكىتى ئۈستىدە، Windows  Phone  ئۈچۈن پروگرامما تۈزىدىغان قۇراللار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار ئاللىقاچان Windows Phone Mango يەنى 7.5 كە ماس يېڭىلىنىپ بولغان، تېلېفۇنغا پروگرامما تۈزۈش ئۆگىتىلىدىغان يېڭى مەزمۇن ۋە سىنلار قوشۇلغان، قىزىقىدىغان، كەلگۈسىدە دىيارىمىزدا كۆپلەپ Windows Phone ئىشلەتكۈچىلىرى بارلىققا كەلگەندە شەكىللىنىدىغان ئېھتىياج ۋە بازار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرگۈچىلەرنىڭ، ئەڭ ياخشىسى ھازىرنى ئەڭ ياخشى باشلاش ۋاقتى دەپ بىلىپ، بۇ مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشكە ۋاقىت ئاجرىتىشىنى خوشاللىق بىلەن تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ كۆزنەك سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن ئەقىللىق تېلېفۇن ئۈستىدە ئىشلەيدىغان ئەپ ئىشلەش دەرسلىكلىرى بولسا،  ئەپ، ئۇيۇنلار (3D ئۇيۇن)، يانفۇنغا قوشۇلغان GPS ئۈزەكتىن مېرىدىئان پارالىل ئۇچۇرى ئېلىش، ھەر خىل سېنزورلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇش ، Bing خەرىتىسىنى قوشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر خۇشخەۋەر بولسا، ماڭگو تېلېفۇن يەرلىك SQL ساندانىنى قوللايدىغان بولۇپ، SQL CE بولسا Windows Phone نىڭ تۇنجى نەشىرى بولغان 7.0 نى قوللىمايدۇ، بىراق، Windows Phone 7.0 نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ (سېتىۋالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز)، 7.1 دىن باشلاپ ئاندىن  SQL CE  نى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان.  بۇ جەھەتتە ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مىساللارنى تاپقىلى بولىدۇ، MSDN بېكىتىدە نۇرغۇن مىسال كودلار تەمىنلەنگەن.

بۇ مىكروسوفتنىڭ MSDN تورىنىڭ مەخسۇس Windows Phone دەرسلىك سەھىپىسى ئادرىسى: http://msdn.microsoft.com/zh-cn/windowsphone/ بۇنىڭ ئىچىدە تۆت كۈن ئىچىدە ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى سىزگە سىستېمىلىق ياردەم قىلالىشى مۇمكىن: http://msdn.microsoft.com/zh-cn/windowsphone/hh182984 . بۇ ئادرىستا بولسا مۇكەممەل بولغان دەرسلىك بار: http://msdn.microsoft.com/zh-cn/windowsphone/ff955788.aspx

ئۈستىدىكىسى، Microsoft Visual studio 2010 Express for Windows Phone دىكى، Windows Phone دا تەقلىدىي ئىجرا بولۇش كۆزنىكى، دىمەك، سىزدە بىر Windows Phone يوق ھالەتتىمۇ، سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن پروگرامما تۈزىيەلەيسىز، يانفۇندا قانداق ئىجرا بولۇشىنى كۆرەلەيسىز، ھەر قانداق سېنزور ۋە يانفۇن تۇتۇش ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئۇيۇنلاردىن تارتىپ..

مىكروسوفت يەنە، iOS ۋە Android ئۈچۈن ئەپ ۋە ئۇيۇن ئاچقۇچىلارغا، ئۆز ئەپلىرىنى Windows Phone ئۈستىگە يۆتكەش توغرىسىدىمۇ مۇكەممەل بولغان كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ قۇراللارنىڭ بىر قىسىمى ھەقسىز، مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھەقلىقلىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ 90 كۈنلۈك ياكى 60 كۈنلۈك سىناپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

كەمىنە ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ باقمىغاچقا، AppStore ئارقىلىق ئەپ ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن iPhone ۋە iPad ئۈچۈن تۈزۈلگەن پروگراممىلارنى ئاچقۇچى ئوراپ بولغاندىن كېيىن، iTunes تىن ئۆتكۈزمەي بىۋاستە ئۆزى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدىغان- ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزمەن.

مىكروسوفتنىڭ MarketPlace سىگىمۇ ئاچقۇچىلار ئوخشاشلا تىزىملىتىپ كىرەلەيدۇ ۋە مەھسۇلاتىنى «ئەپ دۇكىنى» غا قويالايدۇ ۋە پۈتۈن دۇنياغا ساتالايدۇ، ھازىرچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر ئەپ دۇكىنىغا بىۋاستە تىزىملىتالمايدىغان چىراي، لېكىن بۇمۇ تېزلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى ئىشلىۋالغان ئەپلەرنى ئۆز تېلېفۇنىغا ئاسانلا قاچىلاپ ئىشلىتەلىشى مۇمكىن.

ھازىر مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىغا يوللىنىۋاتقان ئەپ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنىگە 300 دانە ئەپ. پارچە سېتىلىش باھاسى ئالما AppStore دىن سەل قىممەت. ئۆتكەن يىلقى مىكروسوفتنىڭ بىر ئېلانىدا، بىر 10 ياشتىن تۈۋەن بالىنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن ئەپنى ئەپ دۇكىنىغا قويغانلىقى، Windows Phone7 ئۈچۈن ئەپ ياساشنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقى دىيىلگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم، زامانداشلىرمىز ئىچىدە كومپيۇتېر پروگراممىسى تۈزۈش ۋە ياكى تور بېكەت تۈزۈش جەھەتتە مول تەجرىبىلىك، ئۆزىنى ئاتىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ياشلىرىمىز بار، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن، ھەم يېڭى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلار ئىچىدىن بىر قىسىم ياشلارنى، كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈشنىڭ مەلۇم ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىنى، مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ USB سى ئارقىلىق ، كومپيۇتېر ۋە ئەقىللىق تېلېفۇننىڭ WIFI (ۋايفاي دەپ ئوقۇيمىز) سىگنالى ئارقىلىق ئۈسكۈنىلىرىگە بۇيرۇق ئۇزىتىش، قوزغىتىش پروگراممىسى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، يەنە بىر قىسىم ئېلېكتىر كەسپىدىكى ياشلارنىڭ قاتتىق دېتال ئاپتوماتىك كونترول، ئۈزەك تەتقىقاتى جەھەتتە خۇددى ھازىرقى پروگراممىر ئۇستازلاردەك ئۇزۇن مۇددەت كىرىشىپ، بەلگىلىك تېخنىكا جۇغلانمىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش تەجرىبىسى توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كەلگۈسىدە، ئەقىللىق تېلېفۇنغا سىمسىز ياكى سىملىق چېتىپ،  ئېلېكتىر ھەركەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسىغا ئىگە بىر كاللەك تۆمۈرنى بىر ئەقىللىق ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرالايدىغان كۈنلەرنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ھازىر  ئالقاندىكى ئەقىللىق تېلېفۇننىڭ ئىقتىدارى، تۇنجى ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتى ۋە تۇنجى ئايغا قونۇش دەۋىرىدە ئىشلەتكەن يوغان كومپيۇتېردەك كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە. گەپ پروگراممېر ۋە ئېلېكتىر، مېخانىكا ئىنژىنېرلىرىمىزدا قالدى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. جۇغلان 2012.04.07 , 21:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانىڭدىمۇ ئولتىراي ئەمدى !

  2. نۇرنىجاد 2012.04.07 , 21:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نادان ئادەم ھەممىلا يەردە تۆر تالىشىدۇ!:mrgreen:

  3. ئۇچقۇر 2012.04.07 , 21:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋان ماڭا ئاشمايدىغۇ :shock:

  4. wiros 2012.04.08 , 11:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئەقىللىق تېلىفۇن دىگەن ئاتالغۇ پەقەت پەقەتلا يارىمايدۇ ، قەتتى ماس كەلمىگەندەكلا .، يەنىلا ئەقلى تېلىفۇن دىگەن ئاتالغۇ ئوموملاشسىكەن دەيمەن !

  5. ئارسلان 2012.04.09 , 15:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە ھازىرچە تىخى Windows Phone7.5 سېستىمىلىق يانغۇنلارنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ ، بىراق ئالما ، ئاندىرۇيت سېستىمىسىدىكى يانغۇنلارغا قارىغاندا Windows Phone7.5 سېستىمىسىدىكى يانغۇنلارمىنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. Windows Phone سېستىمىسىنى ھەققەتەن پىشىپ يىتىلىۋاتقان سېستىما دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. كىيىنچە Windows Phone8 سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن. نوكىيا 808 pureview نىڭ سۈرئەت تارتىش تىخنىكىسى سەپلەنگەن . نوكىيا يانغۇنلىرى چىقىپ قالسا ، چۇقۇم بىرنى ئېلىپ قويىمەن. :mrgreen:

  6. توركەش 2012.04.09 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرەقىيات…بىللە تىرىشايلى!

  7. ئالپبەگ 2012.04.21 , 17:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھاسى قانچە پۇل بولا بۇل فونلارنىڭ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量