نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟

the-release-of-android-and-ios

ناۋادا ئالما شىركىتى بۈگۈن iOS 8.0 نى ئېلان قىلغان بولسا، ئۇنداقتا پەقەت iOS 8.0 گە كۆتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئىشلەتكۈچىلەر شۇ كۈنىلا يېڭى نەشىردىكى iOS نى چۈشۈرۈپ يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. ناۋادا Google بۈگۈن Android 8.0 نى ئېلان قىلسا، ئۇنداقتا Android ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ قولىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى گەرچە Android 8.0 نى قوللىسىمۇ، بىراق ھەمىشە يەنە نەچچە ئاي، ھەتتا يېرىم يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن بۇ يېڭى سېستىمىنى ئىشلىتەلەيدۇ.


ئالمىنىڭ iOS سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىش باسقۇچىنى ئاددىيلا تۆۋەندىكىدەك چۈشەنسەك بولىدۇ:

پۈتكەن يېڭى سېستىمىنى ھەرقايسى چوڭ خەۋەرلىشىش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ۋە كېلىشىمنامىلەرنى ئۆزگەرتىش – يېڭى سېستىمىنى ئېلان قىلىش – ئىشلەتكۈچىلەر چۈشۈرۈپ يېڭىلاش

Google نىڭ Android تۇتقان يول بولسا باشقىچىراق:

Google يېڭى Android سېستىمىسىنى ئېلان قىلىدۇ – Samsung، HTC ۋە Motorola قاتارلىق شىركەتلەر قايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەلگۈسىدە بۇ يېڭى سېستىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ – بۇ يانفون ياساش كارخانىلىرى يېڭى Android ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قاتتىق دېتالىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاۋارىچىلىقمىش) – يانفون كارخانىلىرى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ پۈتكەن سېستىمىنى ھەرقايسى خەۋەرلىشىش تارماقلىرىغا سۇنىدۇ ۋە كېلىشىمنامىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ – ئىشلەتكۈچىلەر چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ.

بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسى شۇكى، دائىم يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يېڭى Android ئۈسكۈنىلىرى، يەنىلا خېلى ئۇزۇنغىچە كونا نەشىردىكى سېستىمىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلىقى Android چولپىنى Samsung Galaxy S II گەرچە Samsung ئاللىقاچان Android 4.0 گە يېڭىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئورگان تەرەپمۇ ھازىرغىچە تېخى ئاران بىر قانچە پارچە رەسىمنى ئەۋەتىپ قويۇپ تۇرىۋاتىدۇ…..

ئەلۋەتتە، Google نىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى Google Nexus يانفونلىرى بەلكىم خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما Google نىڭ يانفونلىرىنىڭ Android چوڭ قوشۇنىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يوق دېيەرلىك. Motorola نىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ سېستىمىنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈش بەك ئاستا، بۇ بىزدىكى سەۋەنلىك ئەمەس دەپ ئاغرىنغانلىقىمۇ بىكار ئەمەس.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئو.تۇرپان 2012.04.02 , 20:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ ھەم ئالمىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى.

  2. avar 2012.04.02 , 20:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى، ئالما قوللايدىغان ئۈسكۈنە ساناقلىقلا، بۇ گۇگىل ئۆزى چىقارغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاندرويدنىڭ يېڭى نەشىرىگە دەل ۋاقتىدا ئېرىشكىنىگە ئوخشايدۇ . قالدى ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن كود تارقىتىلىپ، ئۇ ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم بۇ ئىنتايىن جاپالىق خىزمەت. ۋاقىت ئالىدۇ. شۇڭا كېچىكىپ كېتىشى تەبىئى. يەنە بىرى galaxys 2 نىڭ ئاندرويد 4 نەشىرى رەسمىي تارقىتىلىپ بولدى بەزى رايۇنلاردا.
    قالدىسىنى شۇ رايۇندىكى تېلىفۇن خىزمىتى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەرنىڭ سودا پىلانلىرى بەلگىلەيدۇ.

  3. ئۇچقۇر 2012.04.02 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈستىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن !

  4. سەھرالىق 2012.04.03 , 00:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ يانفونلار تەيداخۇننىڭكىدەك يامان بولمىغاندىن كىيىن ئاندىروئىدنىڭ يېڭىلىنىشىنى ساقلايمىزشۇ:mrgreen:

  5. Goodluck 2012.04.04 , 11:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شىركەتتىكىلەر HTC دىن بىرنى مۇكاپات بېرىۋېتىپ،:grin: ئالما ئېلىش يولۇمنى ئېتىپ قويدى :sad:

  6. نامسىز 2012.04.08 , 11:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداقتا ئاندىرو ياخشىمۇ ياكى ios ياخشىمۇ ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量