ئالما شىركىتى 3-ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى خەنچە خەتلىك نۇسخىسى
3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 0 دە، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد مەھسۇلاتى 3-ئەۋلاد iPad نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر مەھسۇلاتقا The new iPad دەپ ئىسىم بېرىلگەن بولۇپ، ئېكران ئېنىقلىقى 1536 * 2047 قا كۆتۈرۈلگەن. قىزىقىدىغانلار تۆۋەندە بۇ يىغىنىڭ تەپسىلاتىنىڭ سىن نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
يېڭىلىقلار:
1. ئىلگىرىكى خەۋەردە دېيىلگەندەك، 4G LTE نى قوللايدىكەن، تور سۈرئىتى تېزلەشكەن. ئەڭ يۇقۇرى سۈرئىتى 72Mbps غا يېتىدىكەن.
2. Retina ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ iPAD 2 گە قارىغاندا تېخىمۇ سۈزۈك ئېكەن.
3. 5 مېگا پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن. مىكروفونىنىڭ ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
4. ئېكراننىڭ چوڭلۇقى 9.7 ئىنگلىز چىسى، ئېنىقلىقى 2047 * 1536 ئىكەن.
5. باتارىيىسىنى 10 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
باھاسى:
Wi-Fi لىقنىڭ باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى، 4G لىقنىڭ باھاسى 629 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدىكەن. iPAD 2 نىڭ باھاسى 100 دوللار چۈشىدىكەن.
3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە بازارغا سېلىنىدىكەن.
iPad3 نى سېتىۋېلىش ياكى زاكاس قىلىش:
The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
خەنچە خەتلىك نۇسخىسىنى توردا كۆرۈش | مەنبە: تورخۇمار | نەقمەيدان يىغىنى ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، ئېلان، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ipad3-keynote.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تېخى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان فانتازىيەلىك iPad مىش!
- كېيىنكى يازما > ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
- iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 ئېلان قىلىندى! iPhone 4S/iPad3 لەرنى قوللايدۇ
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- ئاجايىپ قالتىس سىفىرلىق رەسىم سىزىدىغان قەلەم! CG لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسقاتقۇدەك!
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
دىۋان
پۇل پۇل پۇل،،،
ھە بىلدىم تىخنىكا كىمدە بولسا شۇ پۇللۇق بولىدىكەن
پىرىستان ئەپەندى سىلەمۇ تىرىشىڭلا پۇل پۇل دەۋەمەي ياكى قەشقەرگە كىلىپ مىنىڭ دۇككىنىمنىڭ يىنىدىن دۇككان ئىچىڭلا پۇل تاپقاندا مەندىكى ئالما 2- ئەۋلات تىفۇنىنى ئالاسىلە چاخ چاق قىپ قويدۇم ھە كۆتىڭىز كۆيۈپ قالمىغاندۇ تۆرنى دىۋان دەيدىغان دوستۇم ھاھاھا
ئاڭلىسام بۇنى IPAD3 ئەمەس ، ئەلەلاشتۇرۇلغان IPAD2 كەن دەيدىغۇ ؟ IPHONE S4 دىگەندەك … ؟ بىلسەڭلار چۈشەنچە بىرىڭلا باللا …
ئىسمى يېڭى iPad كەن. ئېكران ئېنىقلىقى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى قىلىپ لايىھەلىنىپتۇ.
بۇ پىكىرگە مىنىڭ سۆزىم بار!
iPhone 3Gنى نىمىشقا 2-ئەۋلاد دەيسىز ؟
iPhone3GSنى نىمىشقا 3-ئەۋلاد دەيسىز ؟
iPhone 4نى نىمىشقا 4- ئەۋلاد دەيسىز ؟
iPhone 4Sنى نىمىشقا 5-ئەۋلاد دىمەيسىز؟
ئايپەد مۇ ھەم شۇنداق! بۇنى سىز (ئىلغارلىتىلغان ئايپەد) دەپ ئاتاپ يۇرەمسىز ؟
ياق ، بۇ دەل 3-ئەۋلاد ئايپەد شۇ !
چۈنكى: Apple بىرىنچى قېتىم ئىشلىگەن تېلفۇننى بىز 1-ئەۋلاد دەپ ئاتىدۇق ، ئىككىنچى قېتىملىق يېڭىلاپ ئىشلىگەننى بىز iPhone 3G يەنى 2-ئەۋلاد دەپ ئاتىدۇق ………….شۇڭىلاشقا مەن ئويلايمەن ، iPhone 4S مۇ 5-قېتىم يېڭىلاپ ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بىز 5- ئەۋلاد دەپ ئاتىشىمىز توغرا!
ئايپەدمۇ ئوخشاش!