نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

ناۋادا ساراڭلار ساناتورىيىسىگە كىرىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىگىنى قانداق ئىسپاتلايتىڭىز؟

تۇرمۇش دېگەندە ئاجايىپ قىززىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ناۋادا كېلىشمەسلىك تۈپەيلى نېرۋا كېسەل ياكى ساراڭ دەپ قارىلىپ، ساراڭلار سانتورىيەسىگە كىرىپ قالسىڭىز، قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولاتتىڭىز؟

يېقىندا گرېك باكېر ئىسىملىك بىر مۇخبىر ئىتالىيەگە بېرىپ ئۈچ ئالاھىدە شەخسنى زىيارەت قىلغان. ئەسلى ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: بىر نەپەر نېرۋا كېسەللەرنى توشۇيدىغان شوپۇر، بىخەستەلىك قىلىپ ئۈچ بىمارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن شوپۇر، ئامالسىز يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە بارىدۇ ھەمدە ماڭىدىغانلار بولسا مەنزىلىگە ھەقسىز ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يولۇچىلار ئارىسىدىن ئۈچ نەپەر كىشىنى بىمارنىڭ ئورنىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋېتىپ قۇتۇلىدۇ.

مۇخبىر گرېك باكېرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ ئىش بولماستىن، بەلكى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، دوختۇرخانىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى بىلىش ئىدى.

تۆۋەندىكىسى گرېكنىڭ زىيارەت خاتىرىسى:

گرېك: ئەينى چاغدا نېرۋا كېسەللىكلەر سانتورىيەسىگە ئەكىرىپ قويۇلغاندا، قانداق ئامال بىلەن ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىغان ئىدىڭىز؟

بىرىنچى كىشى: مەنچە، مەن بۇ يەردىن ساق-سالامەت مېڭىپ چىقىپ كېتەلىشىم ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋال ئۆزۈمنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك.

گرېك: ئۇنداقتا سىز قانداق ئىسپاتلىدىڭىز؟

بىرىنچى كىشى: مەن «يەرشارى يۇمىلاق جىسىم» دېدىم. دېمىسىمۇ بۇ بىر ھەقىقەتقۇ؟ مەنچە راست گەپ قىلغان ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ساراڭ دەپ قارالماس؟

گرېك: ئۇنداقتا سىز ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازاندىڭىزمۇ؟

بىرىنچى كىشى: ياق. مەن بۇ گەپنى 14-قېتىم قىلغان چېغىمدا، سېستىرا مېنىڭ كاسسامغا بىر ئوكۇل ئۇرىۋەتتى…

تۆۋەندىكىسى ئىككىنچى كىشى بىلەن بولغان سۆھبەت

گرېك: سىز سانتورىيەدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىڭىز؟

ئىككىنچى كىشى: مەن ۋە بىرىنچى كىشى ھەر ئىككىيلەن ئۈچىنچى كىشى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقتۇق، ئۇ سانتورىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ ساقچىغا مەلۇم قىپتىكەن.

گرېك: ئەينى چاغدا سىز بىرەر ئامال قىلىپ قېچىپ چىقىشنى ئويلىدىڭىزمۇ يوق؟

ئىككىنچى كىشى: شۇنداق، مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنى جەمئىيەتشۇناس دەپ تونۇشتۇردۇم، ئۇلارغا ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئەلباشى كىلىنتون دېدىم، ئەنگىلىيەنىڭ ئالدىنقى باش ۋەزىرى بىلايېر دېدىم، مۇشۇنداق دەپ كېلىپ ئۇلارغا جەنۇبىي تېچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بېرىۋاتقاندا، ئۇلار مېنى جايىمدىلا توختىتىپ بىر ئوكۇل ئۇرىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قايتا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىدىم!

گرېك: ئۇنداقتا ئۈچىنچى كىشى قانداق قىلىپ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى؟

ئىككىنچى كىشى: ئۇ كىرگەندىن كېيىن ھېچنىمە دېمىدى، تاماق يەيدىغان چاغدا تاماق يېدى، ئۇخلايدىغان چاغدا ئۇخلىدى. داۋالىغۇچى خادىملار ئۇنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈپ قويغاندا، ئۇ تەكەللۇپ بىلەن «رەھمەت» دېدى. 28-كۈنى، ئۇلار ئۇنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋەتتى.

گرېك باكېر ماقالىگە نىسبەتەن مۇنداق باھا يازغان: بىر نورمال ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ چىقىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش، بەلكىم ئىسپاتلايمەن دەپ ئاۋارە بولمىغان كىشىلا، ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن نورمال دەپ تەرپلىنىشى مۇمكىن.

كېيىن بۇ ماقالە تورغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارمۇ بۇنىڭغا بەس-بەستە باھالىرىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، مەلۇم بىر تورداشنىڭ باھاسى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ: ئاشۇ مەلۇم ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى تەرەپتە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان كىشىلەر، مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلار، يەنە ئاشۇ مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ ناھايىتى كۆپلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان كىشىلەر، ئەمەلىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن ساراڭ دەپ قارىلىشى مۇمكىن، پەقەت ئۇلار ئۆزى ھېس قىلالمىغان يېرى بار. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ نورمال ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بولساق، ئەڭ ياخشىسى ئۇششاق ھەرىكەتنى ئانچە جىق قىلىپ كەتمىگىنىمىز ياخشى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 22 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 19-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: normal-person.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. نامسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ئولتۇرسا نېمىدىگەن راھەت…!
    ئېسىل يازما ئىكەن. ھەقىقەتەن بەزى ئىشلارغا مەجبۇرى ئۇرۇنۇش ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
    تورخۇمار ئەپەندىم. مۇمكىن بولسا…ئالاقىلىشىش چ چ نى قالدۇرسىڭىز، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ئىش بار ئىدى.

  2. ئاقتۇرۇك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى ئىشلارغا ئامال يوقدە :oops:

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىم…مانىڭغا مەن بىر نېمە دىيەلمىگۈدەكمەن… مەن راسلا ساراڭ تۇرسام، بىرىنجى ئادەمنىڭ ئاقىۋىتى بېشىمدا ئويناپ تۇرىدۇ.

  4. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ دېگەندەك ھەركىم ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ. بەزى ئىشلارنى باشقىلارغا ئىسپاتلاپ بەرمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىش ھەركىتى ۋە گەپ سۆزلىرىدىن تەبىئىلا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ…

  5. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: :wink: :wink: :wink: ھەقىقەتەن ياخشى يازما ئېكەن.

  6. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈچۈنچى ئادەم ھەجەپ ئەقىللىقكىنا :idea:

  7. ئۆزخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇمكىن بولسا تورخۇمارچىلار ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى قالدۇرغان بولسا بىژەدەم كۈلۈپ ئولتاساق :mrgreen:

  8. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇش تارىخىغا تايىنىپلا ئۆزىنى تولىمۇ ئەقىللىق چاغلايدۇ ! ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق كىشىلەر راسلا ئاز نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ !

  9. پاكدىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا ئاۋۇ ئۈچۈنچى ئادەم نىمانداق ئەقىللىق :???: :???:

  10. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بولسام : مەن ساراڭ ئەمەس مېنى قويىۋىتىڭلار دەپ توۋلايتىم :mrgreen:

  11. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل يازما.مەنچە ھەم شۇنداق،بىز قانچە كۇچىگەنسىرى باشقىلار شۇنچە ساراڭ دەيدۇ.سىز جىم تۇرسڭىز كۆپ كىشىلەر سىزدىن قورقىدۇ،ياكى مۇشۇ كىشىدە بىر گەپ بار دەپ ئارتۇق گەپ بولمايدۇ.

  12. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى چاغلاردا،قىيىن سۇئاللارنىڭ ئەڭ ياخشى قاۋابى سۈكۈتتۇر!

  13. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا ئەقىللىق كىشىكەن 3- كىشى

  14. ئىزدىنىش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ، تېخى تۈنۈگۈنلا رېن رېن (ئاۋام) تورىدىن بۇنى كۆرۈپ ياراپ قىلىپ بىلوگىمغا يوللاپ قويغاندىم ، ئەسلىدە تورخۇمارغىمۇ يوللىنىپ بوپتىكەندە . سەت بولدى ! :grin:

  15. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسىلىدە ئادەم يارىلىشىدىنلا ئىنتايىن مۇكەممەل يارىتىلغان. دېمىسىمۇ نورمال ئادەم بولغاندىن كېيىن بۇنى ئىسپاتلاش بىھاجەت دە! لېكىن شۇنىسى شۇ توغىرىسىدا تەپەككۈر يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزى بىر گەپ بولىدۇ دە؟!

  16. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدىكى بار موللام چاي ئىچمىسىمۇ تەلەيدۇ دىگەن راس گەپ

  17. تۇرانىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونىلار ئىيتقان « ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك » دىگەندەكلا بىر ئىش بوپتۇ :smile:

  18. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇربەگ بىلەن فورەۋېر ھەرگىزمۇ چىقالماسكەن ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن :mrgreen:

  19. مەنگۈنۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇگۈن بىر خەنچە ژۇرنالدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئۇقىغان ئىدىم..يىگىت قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەۋىتىپ بېشىغا تاش چۈشۈپ كىتىپ نېرۋىسىدىن ئازىدۇ،قىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا شەھەر بويىچە 1-بۇلۇپ ئۆتىدۇ بىراق بىر باينىڭ پۇل خەجلەپ ئورنىنى ئالماشتۇرۋىتىشىدىن ئونۋىرسىتقا بارالماي نېرۋىسىدىن ئادىشىدۇ..كىيىن بۇ ئىككىلىسىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئوخشاش بۇلۇپ كوچىدا نەرسە تىرىپ جان باقىدىغان بولىدۇ بىر كۈنلەردە بۇ ئىككى ساراڭ بىر بولكىنى تەڭ ئۇچرىتىپ قېلىپ تۇنۇشۇپ قالىدۇ دە بىلىپ بىلمەي بىرگە ياشاپ قالىدۇ،بىر كۈنى قىز قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ،يىگىت نىمە قىلىشنى بىلمەي كوچىدا كىتىپ بارغان بىر ساقچىغا دىسىمۇ ئىشەنمەي ئۇنى ئۇرۇپ ھەيدىۋىتىدۇ،ئۇ باشقا ئادەملەرگە دىسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ،ئاخىرى ئۇ قىزنى يۈدۈپ كوچىغا ئەپچىقىدۇ يەنىلا ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ..ئۇ چىداپ بولالمەي بىر دۇكاننىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ بىر تال ئەينەك پاچىسىى ئەكىلىپ قىزنىڭ قولىنى كېسىدۇ ۋە «مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم » دەپ توۋلىغاندىلا كىشلەر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كىلىدۇ….

 汗