ئاجايىپ قالتىس ئۈنۈمدىكى ئاۋاز كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى! ئابدۇكېرەم ئابلىز ئەسلىدە ناخشىچى بولسا بوپتىكەن!!!
بۇ يىلقى ئابدۇكېرەم ئابلىز يېڭى ئېتوت كېچىلىكىدىكى ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى ناملىق ئېتوت بەلكىم كۆپچىلىككە ئەڭ بەك يارىغان ئېتوتلارنىڭ بىرسى بولسا كېرەك؟ چۈنكى بۇ ئېتوتنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى نەچچە يىلدىن بۇيان مودا بولىۋاتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭى ۋە تېكىستىنى ئىشلىتىپ ئىنتايىن ئۇستاتلىق بىلەن ئويناپ چىقىلغان. «ئاكاش ستۇدىيىسى» نامىدىكى مەلۇم بىر توردىشىمىز بۇ ناخشىلارنىڭ ئەسلى مۇزىكىسىنى كىرىشتۈرۈپ بۇنى بىر پۈتۈن چاتما ناخشا قىلىپ چىقىپتۇ، بۇ تورداشنىڭ سەرچانلىقىغا ۋە مۇزىكا سېزىمىغا ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، ئېتوت، قالتىس، قىزىقارلىق، كۈلكە، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 23,523 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: abdukirem-abliz-funny-song.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىزچىل تىرىشىپ ياشاۋاتقان 80-يىللارنىڭ باللىرى، ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى!!!
- كېيىنكى يازما > ئېغىرلىق كۈچى نۆل بولغان مۇھىتتىكى تىنچلىقتىن ھۇزۇرلىنىش؟ ھاۋا بوشلۇقىدىكى رومانتىك ساياھەت…
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
مەنمۇ بىر دىان دەپ باقاي قېنى، قانداق بولىدىكىن…
دىۋان دىۋان……….!!!
ئاللا ئاللا……… مانداق مۇزىكىسى بىلەن بىللە كۆرسە تېخىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلامدۇ نىمە…؟ كۈلۈپ كىتىپتىمەن توۋا …
لېكىنزە، كىرىشتۈرگەن ئادەممۇ زىرىكمەي قىلىپ چىقىپتۇ بۇنى…
………….
ھە راست، دىۋان دەيدىغان ئىش بىلەن قەتئىي خوشۇم يوقتى، بۈگۈن بىر دەپباققۇم ەپتۇ، كەچۈرۈڭلار ھە…
ئۈلۈشكنى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىكەنمەن
ئەتىگىچە بۇنىمۇ مەھەللىدىكى دەيچىلەرنىڭ تەنزىسىدە كۆرىمىز ھەقاچان
كىم بىلىدۇ ئابدۇكىرىم ئابلىز پايتەخىتتىن قايتىپ كەسە بۇئىتوتنىڭ مۇزىكىلىق نۇسخسىنى رەتلەپ چىقىرامدۇ تىخى…..
ئەمما ماۋۇ ئابلەتجان دىگەن بالىنىڭ جىڭ ماھىرىتى ئۈستۈن بالىكەن .يىىشغا ماس كەلمىگەن سەۋىرچانلىغىغا قايىل بولدۇم….
ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن
ناخشى بوپ قاپتۇ.
بەك كۈلۋەتتىم بۇنداق كۆرسە ھەجەپ قىززىق تۇيۇيلدىكەن رەھمەت
ئالامەت كىرىشتۈرۈپتۇ!
راسلا چانماپتۇ، ئىنكاسلارنى كۆرمىگىچە ئابدىكىرىم ئابلىز ئۆزى موشۇنداق ئىشلىگەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن تىخى!
ھەممىنى شۇنداق قىلىپ چىقسا چۇ بۇلار
ھەقىقەتەن ياخشى كىرىشتۈرۈپتۇ
ھەقىقەەن ياخشى كىرىشتۇرۇپتۇ، رەخمەت.
بىر ئىغىزلا گەپ سەل ئاشۇرۋىتىپتۇ بۇنى ………ئۆز سەنئىتىمىزنى سەل قەدىرلەپ قويلى مانداق.مەن يەنلا ئەسلىسنى ياختۇرمەن …..
قانداق ئاشۇرۋەتكەنلىك دەيسىز،چۈشەنمىدىم…بۇ پەقەت شەخشى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن مۇنداقلا ناخشا كىرۈشتۈرۈپ قويۇپتۇ خالاس،يا ئۆزىنىڭ باشقا ئىدىيسىنى قوشۇپ ئىتوتنى بۇزماپتۇ،ئەكسىچە كۆپچىلىككە خۇشاللاق ئېپ كەپتۇ…
بەك ماسلىشىپتۇ مۇزىكىسى
ھا ھا ھا…
ئىنتايىن ماس كەپتۇ !
شۇ توردىشىمىزغا مەدەت تىلەيمەن .
بارىكاللا
ۋەششى چىقىپتۇ تېخىمۇ تىرشىڭ دوستۇم مەندە سىز ئويلىغان كاللا يوق ئىكەن مەنمۇ بىر سىناپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن بۇ پەقەت ئۆز ماھارىتىمنى سىناق قىلىپ بېقىش خالاس ئەكسىچە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتسزلىمەسلىك ياكى ئۆز سەنئىتىمىزنى قەدىرلىمەي بۇنداق قىلغانلىقىم ئەمەس قىزىقىش دوسلا خۇددى ئاشۇ دوستىمىزدەكلا ھەقىقەتەن قالتىس ئىشكەن ماڭا بەك يارىدى. رەخمەت
قالتىس چىقىپتۇ ،، بارىكاللا ،،
قالتىس چىقىپتۇ مانا بۇنى تىخنىكا دىسە بولىدۇ ،تىخى بەزىلەر بىزنىڭ بىر ئوبدان ناخشىلىرىمىزغا نەدە قاملاشمىغان كۆرنۇشلەرنى كىرگۇزۇپ ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۇرۇپ يۇردى دىسە…..
قالتىس بۇپتۇ
ھاھا
ئەسلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق .ئىشلىسە بوپتىكەن
بۇ ئۇسلۇپمۇ ياخشىكەن. ئېھتىمال بۇ ئېتوتنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق ئىشلەپمۇ قالار. لېكىن ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئارتىسلارغا بولغان تەلەپمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ-دە.
كارامەتكەن جۇمۇ….
كىم ماڭا مۇشۇ ئىتوتتىكى ناخشىلارنى يېزىپ بىرىدۇ، ناخشىنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىپ بەرسىمۇ مەيلى 1449825729@qq.com
«ئاكاش سىتۇدىيىسى»گە كۆپ رەھمەت! تېخىمۇ تىرىشىڭلار، بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئىجادىي، كۆپ خىل يېڭىلىقلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭلار! رەھمەت سىزگە ئابلەت ئەپەندى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ئېتوتقا مۇزىكا كىرىشتۈرگەن تېخنىك ئەپەندى، ئەگەر خالىسىڭىز ئاشۇ مۇزىكا كىرىشتۈرگەن يۇمشاق دېتالنى ماڭىمۇ ئەۋەرتىپ بەرگەن بولسىڭىز ياكى قايسى تور بېكىتىدىكى قايسى يۇمشاق دېتال(يۇمشاق دېتال ئىسمى) ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزگە كۆپ رەھمەت دېگەن بولاتتىم. ئەگەر ئۇ ھەقلىق يۇمشاق دېتال بولسا باھاسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، مەن سېتىۋالاي. بولامدۇ؟…
5مىنۇتلۇق يېرىدىكى ‹‹بىلمەپتىمەن››دىگەن ناخشىنىڭ مۇزىكىسىغا ئەسلى مۇزىكا ئىشلەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلىدىكەن، ھېلىمۇ خېلىۋەك ياخشى چېقىپتۇ
ۋاي تىخىمۇ قىزىتىپتۇ بۇ ,,,,ئۇنتۇلماس ئىتوت بولدى دە بۇ ….
گۇپ گۇپ
ئالامەت كىرىشتۈرۈپتۇ جۇمۇ بىر چۈشۈرۋاسام تىخىمۇ بەلەن بولىتى
چىقمىدىغۇ؟