قىسقىغىنا بىر ھېكايەت سىزگە ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىدۇ
مامۇت بىلەن ساۋۇت بىر ئىدارىدە ئىشلەيتتى ، ئۇلارنىڭ مىجەزى كىلىشكەچكە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتەتتى . بۇ ئىككى ئائىلە دائىم بىللە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ يېقىن دوست بولۇپ قالدى…
بىر كۇنى ، بۇ ئىككى ئايال تويغا بېرىپ قايتاشىدا پاراڭلىشىپ قالدى .
- تۆنۈگۈنكى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىدا بىز گۈزەل بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزدۇق ، سىلەر قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭلار ؟ – دېدى مامۇتنىڭ خوتۇنى .
- ئۇنى بىر دىمەڭ ، ئاخشام تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى . ساۋۇت ئۆيگە قايتىپ كىلىپ كەچىلىك تامىقىنى يەپ ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى . سىلەر قانداق ئۆتكۈزدۈڭلار ؟ – دېدى ساۋۇتنىڭ خوتونى .
- بوپتۇ خاپا بولماڭ ، بەلكىم ساۋۇت بەك چارچاپ قالغاندۇ . – دېدى مامۇتنىڭ خوتۇنى ، – ئاخشام يۈزبەرگەن ئىشلار ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا ، مامۇت ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا مىنى ھەيران قالدۇرۋەتتى ، ئۇ خۇددى بىز يۈرۈۋاتقان چاغلاردىكىدەك سىرىتقا چىقىپ مەن بىلەن رومانتىك كەچلىك تاماق يىمەكچى بولدى . كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىز قول تۇتۇشقىنىمىزچە بىرەر سائەتچە سەيلە قىلدۇق . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇ يەنە شام ياقتى ، بىز شام نۇرى ئاستىدا بىرەر سائەتچە مۇڭداشتۇق . بەك رومانتىك بولدى .
دەل شۇ چاغدا مامۇت بىلەن ساۋۇتمۇ ئىشخانىدا مۇڭدىشۋاتاتتى .
- تۆنۈگۈن ئاخشامنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ ؟ – سورىدى مامۇت .
- ناھايتى ياخشى ، – دېدى ساۋۇت ئويلىنپ ئولتۇرمايلا ، – خوتۇنۇم مول كەچلىك تاماق تەييارلاپ قۇيۇپتۇ ، مەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ، 100 گىرام ئوينىۋېلىپ قانغۇچە ئۇخلىدىم . سەنچۇ ؟
- ئاخشام تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بولدى ، – دېدى مامۇت ئۇھسىنىپ ، – ئاخشام ئۆيگە كەلسەم خوتۇنۇم تاماق قىلماپتۇ ، قورساق ئاچ بولغاچقا ئامالسىز خوتۇنۇم بىلەن سىرىتتا تاماق يىدۇق . كاۋاپ بىلەن چۆچۈرىنىڭ باھاسىنىڭ بۇنچىۋالا ئۆسۈپ كەتكىنىنى ئويلىماپتىمەن ، يانچۇقۇمدىكى پۇل تاماققا يىتىشمىگىلى تاس قالدى . كىرا قىلغۇدەكمۇ پۇل يوق . ئۆيگە پىيادە قايتتۇق . ئۆيگە كەلسەك توك توختاپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاران تەستە شام تېپىپ ياقتىم . ھەممىدىن ئاچچىقىم كەلگىنى شۇكى ، خوتونۇم تولا كوتولداۋېرىپ ، مېنى زادىلا ئۇخلاتمىدى.
مۇزات بلوگىنىڭ تەمىنلىگەن ئەسىرى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,947 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ideological-differences.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > IE9 تېخى ئومۇملاشماي تۇرۇپلا IE10 ئېلان قىلىنىپتۇ!(Internet Explorer 10 Platform Preview)
- كېيىنكى يازما > ناۋادا ساراڭلار ساناتورىيىسىگە كىرىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىگىنى قانداق ئىسپاتلايتىڭىز؟
دېۋان يەنىلا مېنىڭ
دېۋان كۆرمىگەن سەرالىق!
ما سەرالىق دىۋانغا سەت ئامراقكەن جۇمۇ !
موزاي ۋېرۇسى،ئاخشام توساققا ئىلىنىپ قالغان ئىنەكنى ئېمىمەن دىمىگەن بولساق دېۋان سىلىنىڭ بولىتى
ئوخخو!!!!!!!!!!!! بۇ سەھرالىق تور خۇماردىن چىقماي ئولتۇرۇپتۇ دە دىۋان ئالىمەن سەپ ھى ھى ھى ! كىچىچە ئۇخلىماي دىۋان بىقىپ دىۋاننى ئىلىۋىلىپلا كالىفورنىيەگە ساياھەتگە كىتىپتۇدە!
مەن ئاخشام مۇشۇ توغۇرلۇق بىرسىگە قاتتىق تەربىيە قىلغان ئىدىم.بۇگۇن سەھەردە بۇ يەردە بۇ پىكىرنى كۇرۇپ توغرا دىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
ھەي باللا ھە دىسە تۆر تالاشماي مۇنداق ئاكتىپ پىكر يازايلى دەيمەن.
دىۋاندا ئولتۇرغانغا پۇل بەرگەن بولسا قانچە ئولتۇرار ئىدى بۇلار
سەھرادا پۇل ئانچە مۇھىم ئەمەس، دېۋانمۇ ھەم… يامان بولسىڭىز سىزمۇ چىقىڭ..ئىچىڭىز ئىچىشتىمۇ؟
‹‹سەھرادا پۇل ئانچە مۇھىم ئەمەس، دېۋانمۇ ھەم… يامان بولسىڭىز سىزمۇ چىقىڭ..ئىچىڭىز ئىچىشتىمۇ؟››
ما گەپ ئانچە ماس كەلمەپتۇ ، سەل دىققەت قىلايلى دوستلار
مۇشۇ ئاياللار بەك چوڭ بىلىدۇ دەيمەن ،،بايرام ،،بازار ئايلىنىش دىگەنلەرنى ،،،80پىرسەت ئەرلەرگە خوش ياقمايدىكەن بازار ئايلىنىش دىگەندەك ئىشلار، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە
ئاياللارنى ماشىنىغا چىقىپ ئۆيگە قايتامسەن يا شۇ پۇلغا كوچا ئايلانغاچ قايتامسەن ؟ دىسە كوچا ئايلىنىمەن دەرمىكى
كۈلۈپ يېتىۋالدىم مانى كۆرۈپ
ئاخشام تازا قورقۇنچلۇق ئىش بولدى دىگەن يەرگە كەلگەندە كۈلۈپلا ساپتىمەن…
كۈلگىدەك نەرى بار بۇنىڭ …ئاپتورنىڭ دىمەكچى بولغىنى نەگە كەتتى…؛
ئەلۋەتتە ئەر ئاياللادىكى تەپەككۇر يۆلىنىشمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن …
ئاياللار ھىسسىي كېلەمىشقۇ!
ۋاي مۇشۇ ئاياللارنىڭ گىپىنىڭ جىقلىقى ھوجججججو جاندىن جاخ تويغۇزدى ئادەمنى