قىزلار ۋە ئوغۇللار چاچ ياساتقاندىن كېيىن…
ئالدىنقى قېتىم بىر قىسىم مىساللار ئارقىلىق ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ تەپەككۇر پەرقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى ھېكايە مەيدانىنى ساتىراچخانىغا يۆتكەپ كۆرۈپ باقايلى…
ﻗﯩﺰ ﭼﺎﭺ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:
ﺋﺎ: ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ؟
ﺏ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ………ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﮬﺎﺑﯩﺘﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ
ﺋﺎ: ﮬﻪﺟﻪﭖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﺎﭘﺘﯘ !
ﺏ: ﻧﻪﺩﯨﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ .
ﺋﺎ: ۋﯨﻴﻴﯩﻲ ……………ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭙﺘﯘ ﻗﺎﺭﺍﯓ،ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﭽﯩﭙﺘﯘ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﻮﺳﯘﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻳﺪﯗ-ﺩﻩ .
ﺏ: ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ .
ﺋﺎ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯛﻡ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ، ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺏ: ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯧﻴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭ .
ﺋﺎ: ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .
ﺏ: ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ XXX ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ …
ﺋﺎ: ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭﮔﯜﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ، ئۈﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .
ﺏ: ﮬﻪﺟﻪﺭﮔﯜﻝ؟ ﺋﯘ ﺳﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ……….
ﺋﺎ: ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .
ﺏ: ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ، XXXﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ،ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ؟
ﺋﺎ: ﻳﺎﻕ، ﺳﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟
ﺏ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﺎﺑﯩﺘﯩﻢ ﺋﻪﭘﻜﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯓ …..
ﺋﺎ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯙﺕ ﻣﯘﮬﺎﺑﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺏ: ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯓ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻐۇ؟ قاراڭ ئالدىنقى قېتىم زۇكام بوپ قالغىنىڭىزدا ئۇنىڭ پايپېتەك بولۇپ كەتكىنىنى…
ﺋﺎ: ۋاي قويىڭە، ئالدىنقى قېتىم شۇ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كىنو بېلىتى ئېلىشىپ بەرگىلى بارمىسام، بىكار زۇكام بولامتىم
ﺏ: ھە…كىنو كۆگىلى بادىڭلاما؟ نېمە كىنو كۆدۈڭلا؟
ﺋﺎ: تايىنى يوقلا بىر كىنوكەن، بىراق باش رولچى بەك كېلىشكەنكەن، ھى ھى…
ﺏ: ھە، XX رول ئالغان ھېلىقى كىنوكەندە!
ﺋﺎ: شۇ، رول ئېلىشى ئادەتتىكىچىكەن، بىراق شۇ بىر جۈپ كۆزى ئادەمنى بەك مەھلىيا قىلىدىكەن قاراڭ
ﺏ: ھە، ئۇنىڭ چاچ پاسونىمۇ بولىدۇ. مەن چېچىمنى ياسىتىۋاتقاندا، يېنىمدىكى بىرسى شۇ خىل پاسون قىلدۇرغانتى…
ﺋﺎ: راستما؟!!! چېچىڭىزنى نەدە قىلدۇرغانتىڭىز؟ ئۇ چاچ پاسوننى چىقىرىش بەك تەسمىش، مەنمۇ مابىتىمنى شۇنداق پاسوندا ياساتقۇزايچۇ؟!
ﺏ: XX ساتىراچخانىسىدا قىلدۇرغان
ئا: ھە….؟ ھېلىقى XX كوچىدىكى ساتىراچخانىما؟
ب: دەل شۇ، ئۇ ساتىراچخانىدا بىر بالا بار، ئەمما بەك كېلىشكەن، ئاشۇ بالا قىلالايدۇ ئۇ پاسوننى!
ئا: سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېلىقى XX كە ئوخشاپراق قالىدىغان بالا شۇدۇ؟
ب: نەق ئۆزى!
ئا: ھە…مەنمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، چاچ ياساشقا ئۇنداق ئۇستىلىقىنى ئويلىماپتىمەن
……………………………………………………
ﺏ: ﯞﯨﻴﯩﻲ …..ﮬﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘﻕ،ﻣﯘﮬﺎﺑﯩﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗ ﮬﻪ …….ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻱ
ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭼﺎﭺ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ :
ﺋﺎ: ﭼﯧﭽﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﯔ؟
ﺏ: ﮬﻪ ………………………..
ﺋﺎ: ﺩﯙﺕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘپتاﯞﺍ …….
ﺏ: ﻳﻮﻗﺎﻝ ….ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﮔﯘﻱ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، قىزلار، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,218 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: in-the-barber-shop.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىسقىغىنا بىر ھېكايەت سىزگە ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىدۇ
- كېيىنكى يازما > ئۇ بىر تالانت ئىگىسى ھەم تەلۋە CEO، ستىۋ جوبزنىڭ ئىشخانىدا دائىم دەيدىغان كلاسسىك سۆزلىرى…
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
قىز بالا…
گۆشنان!…
مۇشۇ كەملەردە قىزبالا دىسە ئاجايىب روھلىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدىم….
بولاق مانتا
ئاللاھ شۇ قىز بالىلارنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن ئامىن!!!!!
ئەتراپتا تۈزۈك چاچ ياسايدىغان ساتراچ يوق، يېرىم يىل بولدى، چاچنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ، يۈكسەك شىجائەتتەك يۈرۈۋاتىمەن…
سىز نەدە؟
ئامىرىكىدا ساتراچ يوقمىكە؟
ئوغاللارنىڭ گىپى يەنىلا ئاز،ساز بولىدىكەن
چاچلىرىمىنڭ جىقلىقىدا شىردەك بولۇپ كەتتىم.ئەگەر مۇشۇ تاپتا ئۆيگە قايتىدىغان بولسام ئانام نىمە دەپ كېتەر…..
شىردەك ئوغلۇم دەيدۇ چوقۇم
خا خا
ئاۋۇ ئوغۇللارنىڭمۇ ئىككى سائەت پارىڭى بار دەپ قارىسام ئىككى ئىغىز گەپ بىلەنلا تۈگەپتۇ.
بىزنىڭمۇ ساتراچنىڭ تايىنى يوق، جانان يىراقتا چاچ ياسىتىشنىڭمۇ ئورنى يوق….لىكىن ئايدا بىرەر قىتىم سەتراچنى يوقلاپ تۇرىمىز.
ئاللا ئاللا. نەزەرباي كوسا ئوخشىمامدۇ؟
بىزنىڭ تېخىمۇ قىززىق.
-نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟
-ساتىراشقا، كۆرمۈدۈڭما؟
-ۋاي ھە، تېخى بۈگۈن چېچىنى يۇيغان چېغى دەپتىمەن…
ماۋۇ يۇمۇر كەنغۇ…
كونىلار دەيدۇ ئايال كىشى ئېغىزى سەۋەب زۇلۇمغا قالىدۇ . شۇڭا خوتۇن ئالماي يۈرىمىز مانا !
قىزلار ۋېرۇس يۇقۇيدۇ دەپ قېچىپ يۈرگەندۇ ئۆزلەردىن ….
بۇ ھەققەت قىزلار بولسا بىر ئاپەت بۇنىڭغا يۈزەككى قارساق بولمايدۇ
قىزلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بوپ كەتمەڭلا ئازراق بىر قىسمى بەلكىم بۇنى چۈشنىشىڭلا مومكىن باشقىلارنىڭ قانداقلىقى ئۆزىگە ئايان
چىچىمنى ياسىتىپ كىرسەم- ئاپام : پۇلنى ساتىراچقا بىكارغىلا بىرۋىتىپسەن، كەسمەپتىغۇ چىچىڭنى . دەيدۇ .
: مېنىڭ ئاپامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن
مەنمۇ چىچىمنى ۋەھشى قىلىپ قويغۇم باتى …ئۆيدىكىلە ئاشىقتەك قوياپ نىم قىلسە ئادەمنىڭ كۆزىگە كىرۋىلىپ ئىچىمنى سىقىپ ئازراق قوياپ يۇدۇم ھازىر …
مىنىڭ تېخىمۇ قىززىق:
-نەگە باردىڭ؟
-ساتراشقا.
-ھە…….
مېنىڭمۇ قىززىق…
مۇئەللىم بۈگۈن چېچىنى ياسىتىپتۇ -دە!؟(پىچىر-پىچىر…)
دىققەت! دىققەت! دەرسىمىزنى باشلايمىز؟!…
چىچىڭىزنى ياسىتامسىز…
ھە…
قانداقراق ياساپ قوياي، ئۆتكەنكىگە ئوخشاشمۇ؟
ھە…
……
قانچە پۇل؟
xx
رەھمەت.
…..
چىچىڭنى ياسىتىمەن دەۋاتىتىڭ؟
مانا ياساتتىم!
ھە
-چاچ ياسىتامسىز؟
-ھەئە .
-قانداق ياسايمىز؟
-سەل قىسقارتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
………..
-قانچە پۇل؟
……..
-ماقۇل ئەمسە، خوش ، مەن چىقاي !
………
– ئۇستام ، چىچىمنى ياسىتىمەن.
-قىنى ئولتۇرۇڭ!
….
-پۈتتى مانا؟
-بىردەمدە؟ سۇ چېچىپ تاراپلا قويدىڭىزغۇ؟
–
ئىنكاسىم يۈتۈپ كەتتى!!!……
بارغۇ؟
ئىنكاسىم پەيدا بولۇپ قالدى…
نەدىكى لۈكچەك قىزلارنىڭ پارىڭىكەنگۇ بۇ؟…
ئۈستىدىكى قىزلارنىڭ پارىڭىدىن ئاستىدىكى كىسەكچىلەرنىڭ پارىڭى قىززىق بوپ قاپتۇ ھازىىر
يائاللا ،توپلاپلا يۇمۇر قىلىدىغان تېمىكەن ماۋۇ ، ھوي نەدە ئۇنداق قىزلار باركەن ھازىر ؟ توۋا
ئوخۇ كۈرەلمەيدىغانلا كۆپكەنغۇ بۇ يەردە جەمىيتىمىزدە ھەممە قىزلار مىھىرىبان ئانلىرىمىزدەك بوپكەتكەن بولسا دۇنيادا ئويغۇر مىللىتىمىزنىڭ يۈزى يۇرۇق بولغان بولاتتى
قاراڭ ‹‹ رىتا››
قىزلارنى ئەجەپ چۈشنىدىغان بىرى يېزىپتۇ جۇمۇ ، ئەلشات ماتاڭچى تورداشلىرىمىزنى كۈرەلمەي قاپتۇ .شۇنداخ كەلتۈرۇپ گەپ قىلۋاتسا كىسەكچى دەپ كەتكىننى بۇ تازنىڭ. بۇ تاز چېچى يوق بولغاچ ساتىراچخانىدكى قىززىق پاراڭلارنى بىلمەيدۇ دە ،
كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ئاپتۇر قىزلارنى بەك چۈشۈنىدىكەن..
چاچنى ياسىتىپ بۇلۇپ:
-چاچ ياخشى ئېلىنىپتۇ!
-رەھمەت!رازى بۇلۇڭ!
-رازى!رازى!نەچچە بېرەي؟
-بولدى سېپ قويۇڭ!
-مەيلى ئەمىسە!…خوش ئامان بۇلۇڭ!
-…
بولدىلا،چاچ ياساتماپتىمەن ئەمدى
توۋۋا