ئۇ بىر تالانت ئىگىسى ھەم تەلۋە CEO، ستىۋ جوبزنىڭ ئىشخانىدا دائىم دەيدىغان كلاسسىك سۆزلىرى…
ستىۋ جوبزنىڭ قول ئاستىدىكى بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەر كۈنى بىزنىڭ بۆلۈمگە كېلىپ تۈنۈگۈنكى نەتىجىلىرىمىزنى ۋە مۇۋەپىقىيەتلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىزنى تىللىغىنىغا بىز ھەرگىز ئاچچىقلىنىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بىر مەھسۇلات بازارغا چىققاندىن كېيىن بازىرى چىقماي قېلىشقا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىمىز…
1. مەھسۇلاتنى ھەرگىز ئىشلەتكۈچىلەر يېتىلدۈرىۋالغان يامان ئادەتلەرگە بېقىپ لايىلەشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا يەنە پروگراممېرلارنىڭ ئۆز ھېس-خاھىشى بويىچە لايىھەلەشكىمۇ بولمايدۇ!
1. do not according to user bad habits to design, also do not according to programmers thinking design!
2. ياخشى ئوي-پىكىر بولسا، ئۇنىڭدا چوقۇم تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ كۆڭلىڭىزدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز باشقىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بىلەن بېسىلىپ قالمىسۇن، ناۋادا تەسەۋۋۇرىڭىزدا تەۋرەنمەي تۇرۇشقا ئامالسىز قالغىنىڭىزدا، ئىككىلەنمەي ۋاز كېچىشنى تاللىغىنىڭىز ياخشى، ئەمەلىيەتتە بۇ تېخىمۇ مەزمۇت چىدامچانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
2. have good ideas are going to insist, don’t be others’ opinion noise drown out your own inner voice. When your ideas stand, immediately magnanimous discard it is, and it is also a kind of persistence
3. ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئۆزىدە بىرەر Bug(خاتالىق) مەۋجۇد ھالدا بازارغا سېلىنماسلىق كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالساق ياكى مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلسىمۇ مەيلى.
3. any product are not should bring a BUG to meet users, that is afraid to betray media postpone the release of time
4. مەھسۇلات چوقۇم باشقىلارغا ئەڭ يېڭى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىشى كېرەك، ئەمما ھەرگىز بۇرۇنقىلار قەتئىي قىلىپ باقمىغان يېپيېڭى مەھسۇلات قىلىشقا بولمايدۇ.
4. products must be feeling letting a person, but resolute don’t do new mice to try an unprecedented new product
5. مەھسۇلات ماركىسىنى ئۇنچە يوغان قىلىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەرقانداق چاغدا كىشىگە بىر قاراپلا ئالمىنىڭ ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرالىشى، ھەرگىزمۇ ئالمىنىڭ ماركىسى ئىكەن دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك.
5. the sign painting so big? Apple products will at any time those who make a person recognized apple’s products rather than is the apple logo
6. باشقىلارغا قارىغاندا بىر تال سىزىقنى ئاز ئىشلىتىش(ئەڭ ئاددى ھالەتتە لايىھەلەش) ۋە شۇ ئارقىلىق تەننەرخنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قىممەت قارىشى تەمىنلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش، مانا بۇ سىز كۆرىۋاتقان ئالما.
6. less than others with a line acquire lower process cost more than others, and provide a kind of value identification and obtain more profits, this is an apple
7. بارلىق مەھسۇلاتلار ئالمىنىڭ ماگزىنىدىن ئەڭ ئاخىرىدا تولۇق ئايرىلىشى، بىراق ئالما سېستىمىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك، بىز خېرىدارلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى داۋاملىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، تاكى ئۇلار ئەجىلى توشۇپ ئۆلگىچە قەدەر.
7. all products will leave apple store but cannot leave apple system, we have to help customers continued use of apple products, until died
8. IBM Thinkpad تا ناۋادا كىچىك قىزىل چېكىت بولماي قالسا، ئۇ چاغدا بۇ IBM Thinkpad بولماي قالىدۇ. MACBook قا ناۋادا كىچىك قىزىل چېكىت قوشۇلسا، ئۇ ھالدا ئۇ يا IBM Thinkpad ئەمەس، يا MACBook ئەمەس.
8. IBM Thinkpad if not a little red dot, it isn’t Thinkpad. MACBook if added little red dots, that it is not IBM Thinkpad nor apple MACBook
9. ئەترەتتىكى ئاشۇ «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كىشىلەرنى نومۇس ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
9. let team for those who say “impossible” people feel not achieve them is shameful
10. داڭلىق ماركا دېگەن ئالمىنىڭ ماركىسىنى بېسىپ قويسىلا ھېساب ئەمەس، ئالمىنىڭ ماركىسىنى بېسىش ئۈچۈنمۇ يېتەرلىك ئىشەنچ ۋە خېرىدارغا بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت لازىم بولىدۇ.
10. brand is not playing apple logo is an apple quality, hit the apple logo also need confidence and commitment to customers
11. باشقىلار ئۈچۈن ياشىماڭ، شۇنداق بۈگۈنكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىماڭ، بۈگۈنكى خىزمەتنى تاماملىسىڭىز، ئەتە تەبىئىيلا سىزگە تەۋە بولىدۇ، مائاشىڭىزمۇ تەبىئىيلا باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ.
11. don’t lived for others, also don’t live for today’s themselves, to do good work today, tomorrow natural belong to you, high salary nature than others
12. مەھسۇلات لايىھەلىگەن چاغدىكى بارلىق ئىقتىدارلار بىر پۈتۈن گەۋدىگە تەۋە، باشقا ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن بۇ ئىقتىدارلارنى قىرقىۋەتمەسلىك، پۈتكۈل گەۋدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك.
12. product design all the functions are a whole, should not have any reason to cut function, destroy unity
13. رەھبەر ۋە شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ پەرقى يېڭىلىق يارىتىشتا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ئاشۇ ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش، ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى دوراشقا سەرپ قىلماڭ.
13. a leader and a follower innovation distinguishes between, your time is limited, so don’t like asians that, wasted in imitate others this kind of things
14. ئەترەتتىكى ئاشۇ Keynote(ئالمىنىڭ PPT سى) ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان كىشىلەر ھەممىسى يارىماس، ماڭا ئېنىق ھەل قىلىش چارەڭنى كۆرسەت!
14. team of people who want to use Keynote to prove themselves only shows that you can, please take out the solution
15. بىر كىشىنىڭ «كارامەت» دېگەن سۆز بىلەن تەرپلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەقىللىق بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
15. become the pronoun of not because of his remarkable how clever, but that he is how diligent
16. شەرقلىقلەرنىڭ بىر گېپى بار: مەڭگۈ يېڭى ئۆگەنگۈچىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى ساقلاش كېرەك؛ يېڭى ئۆگەنچىلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش.
16. East: “there’s a phrase in Buddhism, ‘beginner’s never keep Have a beginner’s mind is a wonderful thing
17. iPod نىڭ ئۈستىدىكى بىر تال كىچىك كۇنۇپكىغا سەل قارىماڭ، ئۇنىڭ باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز بۇ كۇنۇپكا ئۈچۈن 21 خىل ئەنزىدە تۇرغۇزدۇق، 84000 قېتىم سىناق قىلدۇق، 57 قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۇق، ئىستېمالچىلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
17. don’t look down upon a single button on the ipod, it and others are different is that we did 21 scheme, 84,000 times test, 57 times improvement, the satisfaction of customers from unnecessary insists
ئاخىرىدا Steve Jobs نىڭ ستەنفۇرد ئۇنۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى بىر بۆلەك مەزمۇننى قالدۇراي:
سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، Jobs، شىركەت، ھاياتلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: steve-jobs-classic-quotes.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > FireFox ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسى Android يانفون نەشىرى رەسمى ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! چەتئەللىك بىرسى بەدىنى مىدىراتماي تۇرۇپ بېشىنى 180 گرادۇس بۇرىيالايدىكەن!!!
- تورخۇماردىكىلەر بارمىغان مۇشۇ نوكىيا قالدىغۇ دەيمەن؟ قېنى ئەمىسە NOKIA نىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسىغا مەرھەمەت!
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
- ئالما شىركىتى 3-ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى خەنچە خەتلىك نۇسخىسى
- 80-يىللاردىكى iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى – ناۋادا iPhone/iPad لار 1986-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولسا…
- رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» – سىتيۋ.جوبز زادى قانداق ئادەم؟
- ئالما شىركىتى قانداق قىلىپ iPad توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بۇنچە چىڭ ساقلىيالىغان؟
- [سان-سىفىر گرافىگى] سىز كۆرۈۋاتقان Apple شىركىتى زادى قانچىلىك قالتىس؟
- ئۆتمۈشكە نەزەر: دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
مېىنىڭ بۇ گەپلىرىم ھەقىقەتەن كېلاسسىك گەپلەر
سىزمۇ تور خۇمالرلىرىدىن ئىكەنسىزدە؟
ھەقىقەتەنمۇ تالانىت ئىگىسى، ھەرقانداق بىر ساھەدە مۇشۇنداق ئادەملەر بولسا، خىزمەت ، ئىش ئۈنۈمى …..دېگەنلەر قالتىس بولۇپ كىتەتتى.
رەھبەر ۋە شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ پەرقى يېڭىلىق يارىتىشتا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ئاشۇ ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش، ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى دوراشقا سەرپ قىلماڭ.
ماۋۇ گەپ ھەجەپ نەق جايىغا چۈشۈپتۇ !
ماڭا بولۇپمۇ « ئەترەتتىكى ئاشۇ «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كىشىلەرنى نومۇس ھېس قىلدۇرۇش كېرەك » دىگەن گىپى بەك يارىدى !
تەدبىركار ئەپەندىم ، مۇنداق پەيزى ئويۇن بولسا تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز بولاتتى . ساموروينىڭكىنى چۈشۈرۈپ ئوينىغان ئىدىم تازا يارىمىدى ماڭا .
رەھبەر ۋە شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ پەرقى يېڭىلىق يارىتىشتا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ئاشۇ ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش، ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى دوراشقا سەرپ قىلماڭ….
قەشقەلىقمۇ نېمە ماۋۇ
قانداق دەيسىز؟
قەشقەرمۇ ئاسىىيادا تۇرسا سەرالىق …
گېپىنىڭ سېسىقلىقىغا قاراپ دەيمىنا
ئاخىرقى ئونۋېرستىتتا سۆزلىگەن نۇتقىدىن ئۈزىندە بوپ قويىدىكەن
مەن ئەمدى دېققەت قىپتىمەن بۇ ئۈزۈندىگە ،بۇ ئېينىشتىيىننىڭ سۆزلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
مۇشۇنداق چىڭ تۇزۈملەر قاتتىق ئىرادىلەردە داڭقى چىققان ئالما ئىكەندە بۇ
يىڭىلىق يارتىش روھىگە ئىگە بۇ سەخىسكە مەنمۇ بەك قايىل…گەرچە iPhone 1نى ئىشلىتىپ ياقتۇرمىغان بولساممۇ،iPhone 4نى ياقتۇردۇم. ئۇ ھەقىقەتەن پەقەت بىر يانفۇنلا ئەمەسكەن…مەن ياقتۇرىدىغان ئىككىنجى يانفۇن ماركىىسى…(بىرىنجىسى سونى ئىرىكسون)
ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى مىنىڭ تىجارتىمگە جېق تەسىر كۆرسەتتى . . . بۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم، يەنە ئۈگۈنىمەن . بۇ تىمىنىڭ ماڭا نىسبەتەن پايدىلنىش قىممى بەك يۇقۇرى بولدى . تورخۇمارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
بۇ تىمىنى بىر قەغەزگە بېسىپ ئىشخانامغا چاپلاپ قۇيىمەن
تۆۋە قىلدىم ، تۈنۈگۈن ئىزچىل تورخۇماردا بارتىم بولمىسا ، بۇ تېما ئېلان قىلىنماستىلا ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغان ،جوبسنى تەدبىركاردەكلا ياخشى كۆرىدىغان بىرى پ د ف قىلىپ ئەۋەتىپتىكەن . نېمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ جىندەكلا
ما يەردىمۇ ئېقىپ يۈرۈۋاتامسەن ئەمدى؟
سىتىۋ جوبىز تەدبىركار ئەڭ ئامراق كىشىنىڭ بىرى بولسا كېرەك…
گېپى سېسىقنىڭ ھەممىسى قەشقەرلىك بولمايدۇ. ستۋ.جوبزنىڭ ئۇ گەپلىرىنى سېسىق دېگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سېسىق گەپ ئاڭلاپ باقماپسىز!
ئاھاي تېكىنجون، ئىنكاسنى خاتا يوللاپ قاللا دېسەم ئىشىنەملا؟
13. رەھبەر ۋە شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ پەرقى يېڭىلىق يارىتىشتا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ئاشۇ ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش، ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى دوراشقا سەرپ قىلماڭ.
نەق بىزنى دەپتۇ ……
مەن ئاۋۇ «سەھرالىق» دېگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يوللاۋاتىمەن، بەگ بۇرادەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدىمۇ-نېمە
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ مۇتەللىپجان
مەنمۇ تورخۇمار ،مەن بۇ يەرگە كەلسەم ساڭا نېمە بوپتۇ ،تۆۋە
ما ئىنكاسىنى بەگ ئۇكامغا يوللىدىم جۇما
شۇنداقراق بولۇپ قالدى، ئەمدى
ئوۋ..نوۋ!! بۇندىن كېيىن بۇنداق مەشھۇر سۆزلەرنى قىلمايچۇ بولدى، نېمە دېگەن ئادەملەر بۇ
نېمە؟
ماۋۇ گەپلەر ساقلىۋالسەم بولغۇدەك …