نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق دوكتور يېتەكچىسى ئەسلىدە تاڭسىڭ ئىكەن!!

doktor-tangseng

تاڭسىڭنىڭ تۈر ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. «غەرپكە بېرىپ نوم ئېلىش» تەك بۇنداق دۆلەت دەرىجىلىك تۈرلەرنى ئادەتتىكى ئادەم ئالالمايدۇ، بۇ تۈرنى تاڭسىڭ بىۋاستە تاتاگاتونىڭ قولىدىن ئالغان، ئاۋاللوكسۋارا تونۇشتۇرغان. بۇ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.

تاڭسىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. ئالدى بىلەن ئېيتساق، ئۇ تاڭتەيزۇڭ بىلەن ئاكا-ئىنى، ھەتتا ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھىمۇ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ «ئاكا» دەپ چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭسىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىشقا ئىنتايىن ئۇستا، ھەر قېتىم بىر دۆلەتكە بارغاندا ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن: «پېقىر بۈيۈك تاڭ ئېلىدىن كېلىشىم» دەپ سۆز باشلايدۇ.

تاڭسىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر، ئۇنىڭ ئۈچ ئوقۇغۇچىسى، يەنە ھېلىقى ئاق ئاتتىن تارتىپ ھەممىسى رەھبەرلەر تونۇشتۇرغان ئىختىساسلىقلار. ئاۋاللىكسۋورا تاڭسىڭغا ياردەملىشىپ بۇنچە چوڭ تۈرنى ئېلىپ بەرگەن يەردە، بىر قانچە ئادەمنى ياردەمچىلىككە سېلىپ بېرىشمۇ ئىنتايىن ئەقەللىي بىر ئىش.

تاڭسىڭ ئاچكۆز ئەمەس، بىر قىسىم كاللىسىغا ئېشەك تېپىۋەتكەن يېتەكچىلەرگە ئوخشاش 20~30 ئوقۇغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ كۆچەت تىككىلى سالمايدۇ. تاڭسىڭ پەقەت بىر نەپەر دوكتور(ۋۇكۇڭ)، بىر نەپەر ئاسپرانت(باجى) ۋە بىر نەپەر تولۇق كۇرسانت(شاسىڭ)نى ئەگەشتۈرۈپلا يۈرۈيدۇ. بۇنىڭدا تەربىيلەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

تاڭسىڭ گەرچە بۇددا دىنىدا كامالەتكە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق نىشانى ئېنىق، شۇڭا ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرگىزمۇ نوم يادلاشقا، ئاشۇ جانغا ئەسقاتمايدىغان نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىمايدۇ، بەلكى بىۋاستە ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەملىشىپ نوم ئەكىلىشكە سالىدۇ.

تاڭسىڭ گەرچە ئوقۇغۇچىلىرىغا مائاش تارقاتمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يەنىلا تەڭقىسلىقتا قويغان ئەمەس. تۈر ئاخىرلاشقان ھامان ئۇلارغا تېگىشلىك ئۇنۋان بەردى، سۈنۋۇكۇڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى، باجى ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى، شاسىڭ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى، ھەتتا ئاق ئات جېنىدا ئالىي تېخنىكومنىڭ دېپلومىنى ئالدى، كېيىن يەنە تېخى تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيالايدۇ دېگەن گەپ.

تاڭسىڭنىڭ تەجرىبىسى بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، بەزىدە ئادەم تەلەتى يوقلارمۇ يەنىلا يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان!

  2. ئۇچقۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازمىنى ئوقۇپ بولۇپ دەيتۇق ئۇ دىۋان دىگەن گەپنى :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  3. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدىغان قاراش كەن ماۋۇ..

  4. نەۋقىران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي لەقۋالار نەچچەرەت دىدىم دىۋان ئەمەس تۆر دەپ ۋاي بولدىلا .
    مىنىڭچە بۇمۇلاھىزىلەردە بىر مەنا ئىپىدىلەنگەن ھەم مەسخىرە تەلەپپۇزىمۇ بارمۇ قانداق ،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇ غەرىبكە ساياھەت فىلىمى …….. مىكى دەپ ئەقىللىق دوسلار بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن

  5. ئوربېتا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمە دېسەم بۇلا !!!!!!!! :!:

  6. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق، تاڭ سېڭ ھازىر تورخۇماردا «دىۋان مەسىلىسى ۋە تورخۇمارنىڭ كەلگۈسى»ناملىق تېمىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ.

    • د.ئا.ئوغلان :

      بۇ تەتقىقات تۈرىنى يەنە قايسى باشلىقنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالغاندۇ ؟ تەدبىركار ئەپەندىم بۇنداق مۇھىم تۈرلەرنى ئالدىراپ كىشىگە بەرمەيدىغان … :evil:

  7. نەۋقىران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە مۇنداق دەڭلا ئاداش

  8. دەتمەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىخى يەنە ئاۋۇ نوم ئالىدىغان چاغدا ئالتۇن قاچىسىنى پارىغا بەر مىگەن بولسا نومنىمۇ ئالاممايتى ھەرقانچە

  9. جىبران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاڭسىڭغىمۇ ئامال يوق بۇ دېگەن جۇڭگۇ جۇڭگۇچىلىق شۇنداق بۇلىدىغان تۇرسا ، قارىغاندا بۇددا دىندا قارىغۇنىڭ يېنىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دېگەننى ئۆگۈتىدىغان ئوخشايدۇ .ناۋادا تاڭسىڭ ئامرىكىدا ياكى چەت دۆلەتلەردە بولغان بولسا قانداق بولغان بۇلار ئىدى . :?:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)