ئالىي مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياتىقىنى ئاقسا قىلىۋاپتۇ، قىزلار كىرىپ قالسا چوقۇم ھەيران قالغۇدەك!
كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئالىي مەكتەپ دېگەندە شۇ دەرس ئاڭلاپ، مۇھەببەتلىشىپ، CS ئېتىپلا يۈرگەن ۋاقىتلار ئېسىگە كېلىشى مۇمكىن. ياتىقىنى بېزەش دېگەندەك ئىشلار ئىشىنىمەنكى نەچچە ئادەمنىڭ ئېسىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن. گەرچە ئېسىگە كەلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، سىز مەكتەپنىڭ ئاشۇ ئەسكى ياتىقىنى خالىغانچە بېزەي دېسىڭىزمۇ ئامال يوق، تەلەتى سۆرۈن ئاشۇ ياتاق باشقۇرىدىغانلار كۆرۈپلا قالسا… ھالبۇكى، كالېفورنىيە بېركلىي ئۇنۋېرسىتېتى UC Berkeley نىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى Derek Low دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتقان ھەم مۇشۇنداق خىيالى بار ھەم قىلىشقا پېتىنالايدىغان بىر ئوقۇغۇچىكەن. ئۇ يانفون، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر ۋە ياتاق ئىچىدىكى ھەرخىل ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئارا ئۇلاپ، Brad(ئۇ ئۆزى قويغان Berkeley Ridiculously Automated Drom دېگەن ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى) ئىسىملىك بىر پۈتۈن ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلىق ياتاق قۇرۇپ چىققان…
ئۇنىڭ يانفونىغا ۋە تاختا كومپيۇتېرىغا دەرىزە پەردىسى، چىراق قاتارلىقلارنى كونترول قىلىغان ئەپلەر قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە كومپيۇتېردىكى Dragon Dictate يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بۇ ياتاقنى يەنە ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. چىراقنى ياندۇرۇپ ئۆچۈرىدىغان ئاددى ئىشلارنى دېمەيلا تۇرايلى، سىز ئۇنىڭغا بىر دانە ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھالەت پروگراممىسى ئورنىتىپ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئاۋاز بويىچە شۇ ھالەتنى قوزغىتالايدىكەنسىز. مەسىلەن «ئۇخلاش ھالىتى» دېگەندىن كېيىن، Brad ئاپتوماتىك ھالدا پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ، چىراقلارنى ئۆچۈرىدىكەن، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا، Brad يەنە ئاپتوماتىك ھالدا Justin Bieber نىڭ Baby دېگەن ناخشىسىنى قويۇپ سىزنى ئويغىتىدىكەن؛ «ئۆگىنىش ھالىتى» گە توغرىلانسا، ئۈستەل چىرىقىدىن باشقا بارلىق چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ، سىزنى پۈتۈن زېھنىڭىزنى ئۆگىنىشكە قارىتىشقا مەجبۇرلايدىكەن. «رومانتىك ھالەت» كە توغرىلانسا بارلىق چىراقلارنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن، تورۇستىكى نۇر قايتۇرغۇچ شار چۆرگىلەش بىلەن بىرگە، Elton John نىڭ Can You Feel The Love Tonight نى قويۇپ بېرىدىكەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، تەسەۋۋۇر، رومانتىك، مەكتەپ، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,272 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: automated-dorm.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- كېيىنكى يازما > ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا يوتقان يىغالايدىغان كارىۋات – ھورۇنلار ئۈچۈن كاتتا خۇشخەۋەركەن بۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
ئەمما بۇ كاساپەتتە شارائېت دىگەن توشاقكەن ئەمەسمۇ ….
كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاس يىزەي دىسەم،دىۋان ۋىروسلىنىپتۇ ، خەپ!!
pad pad دىگەن كارتون ئېسىمدىن كەچتى ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ
ياتاقنىڭ ئىچىدىنى دىبا قىلىۋاپتا ما سولتەك
دىباغا بېرىش خوشياقمىسا ياتاقتا ئوتتۇرۇپلا دىبا ئوينايدۇ دە…
پۇل
ۋاھ ۋاھ…. ئىچىم كۆيىدۇ مۇشۇلارغا
مۇشۇنداق سىستىما يازىدىغانلارغا … مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلارغا بەك ھەۋسىم كىلىدۇ دىسە
بۇ ياتاتقا بىر ماۋسوم ئوقۇغان ئوقۇغۇچى تەتىل قويۇپ بەرگەندە «ئامېركىلىق جۇ ۋۇنىڭ» غا ئايلىنىپ قالغۇدەك.
مەنمۇ بۇرۇن ياتىقىمنى بېزىگەن، لېكىن بۇنداق دىبادەك قىلىۋەتمىگەن، ھا ھا ھا ، سېغىنىۋاتىمەن جۇما ئاشۇ 7 ئاغىنەمنى
مەنمۇ شۇ پىروگىرامما يېزىشنى ئۈگىنىۋاتىمەن ئەمەسمۇ! خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆيدىن بىرنى ياساپ چىقمىسام….
ئەمما ،،،،پەچەت قىلىۋىتىپتۇ بۇ ئاداش .
راس شۇنى سوراپ بىلىۋالاي ،ئاشۇ كومپىيۇتىر بىلەن پەر دىنى يىپىپ ئاچىدىغان ئۇسكىننىڭ ئوتتۇر سىدا ئىش ئىشلەيدىغان ئۇسكىننى نىمە دەپ ئاتايدۇ ،ئۇنى تور دىن ئىزدەش ئۇچۇن نىمە دەپ كىر گۇزۇمىز
بىرەنى ياساپ باقاي دىگەنما ؟!
كومپيوتېرى دەپ ئاتايدۇ
تورخۇمارغا بىر تال يازما باھالاش)ئەلا ناچار دېگەندەكچۇ( قىستۇرمىسى كامدەك، ئىنكاس يېزىش خوشياقمىغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپمۇ بولسا چىقىپ كېتەتتىم.
ئېسىل ھە!
ھۇرۇنلۇقمۇ يا بۇ ئالدىراشچىلىقمۇ..؟
يا .ئاللا مىنڭمۇ ياتقىم مۇشۇنداق ئىدى .مەن تورغا چىقارماپتىكەنمەن،ھى ھى ھى ھى
بۇ بالا ئەسلى مەكتەپكە ئەمەس،دىباغا ئوقۇغىلى بارسا بولۇپتىكەن ، شەرتسىز «دوكتۇر ئاشتى»لىق دىپلومىنى ئالالىغۇدەك. ھى ھى ھى . . .
مۇشۇنداق بالىلارمۇ باركىنا ، پاھ
ئالامەت ياتاخكە ماۋۇ ، ئامما دىبامۇ دۈم يېتىپ يىغلىغۇدەك .