نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

80-يىللاردىكى iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى – ناۋادا iPhone/iPad لار 1986-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولسا…

1980s-ios-interface

تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىيات كۈندىن-كۈنگە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى تېخنىكىلارنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ، بۇنداق پەيتتە، ۋاقتى ئۆتكەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تولىسى ئادەمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان بىر بۇلۇڭدا ئاسارە-ئەتىقىغە ئايلىنىپ قالىدۇ. خۇددى ھازىر قولىڭىزدا iPhone بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى چاقىرغۇغا قاراپ قويمىغاندەكلا بىر ئىش…

ئەمما يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر يېڭىلىقنى ئۇنچە بەك ئاسان قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانچە قەدىمىي بولغان نەرسە شۇنچە گۈزەل ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ھەمىشە، ئاشۇ بىزدىن ئۇزاپ كەتكىلى ئۇزاق بولغان نەرسىلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆتمۈشكە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەشنى ياقتۇرىدۇ. بەلكىم ئاشۇ قەدىمكى مەھسۇلاتلار بىلەن ھازىرقى يېڭى دەۋىردىكى ئۈسكۈنىلەرنى مۇناسىپ بىرىكتۈرگەندە، كونا نەرسىمىزنى يوقاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا يېڭىچە بىر خىل مەھسۇلات كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇشى مۇمكىن.

iphone-retro-ios-concept-1

خۇددى بىز بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت توپلىمىدەك. بىر قاراشقىلا، سىزدە خۇددى iPhone بولسا ئالما شىركىتىنىڭ 80-يىللاردىكى مەھسۇلاتىدەك تەسىر بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ناۋادا 80-يىللاردا Apple شىركىتى iPhone ئىشلەپچىقىرىشقا لازىملىق بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا، ئۇنداق بۇ دەل بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆرىدىغان iOS 5.0.1 بولۇپ قالاتتى. سىز بۇ خىلدىكى ئۇسلۇبنى ياقتۇرامسىز؟

iphone-retro-ios-concept-2

iphone-retro-ios-concept-4

iphone-retro-ios-concept-5

رىۋايەتلەردىكى iOS 86.

iphone-retro-ios-concept-6



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2012.02.21 , 20:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە قىلىسىلەر دەيمەن دىۋان تالىشىپ…

    • تاماشىبىن 2012.02.21 , 20:47

      ئۆتكەندە قۇشقاچ بىلەن چوشقا ئاتىدىغان ئويۇننىڭ نوكىيانىڭ بۇرۇنقى رەڭسىز تېلىفونىدا ئويناۋاتقان رەسىمىنى كۆرگەنىدىم

  2. بىخلان 2012.02.22 , 01:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ئولتۇرۇش راھەتمىكەن

  3. ۋىروس 2012.02.22 , 12:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا بۇ يازمىغا مېنىڭ تۆۋەندىكى يازمامنى گىرەلەشتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك :

    1983- يىلىدىكى iPhone نى كۆرۈپ باقانمىدىڭىز ؟ [ئالمىنىڭ ئاجايىباتلىرى] ›

    ئادىرسى: http://www.jewlani.com/10919.html

  4. دانا 2012.02.22 , 13:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېھمانلار تۆرلەپ بوپتۇدە دىۋانغا .

  5. تاتلىق 2012.02.22 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنداق تىلفۇنلاردىن ئەپ قويساق بولامدۇ نىمە؟ ھازىر كونىلىق يېڭىلىقتىن قىممەت بولاپ كەتتى! كېيىنچە موزىيخانىغا ئاپىرىپ قويساق…

  6. نۆل ۋە بىر 2012.02.23 , 17:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇنيادىكى تۇنجى رەڭلىك ئىكرانلىق يانفۇن سونىينىڭمىش…

  7. ئەرۋاھ 2012.02.24 , 15:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بوپ قويىدىكەن ماۋۇ تېلىفۇنمۇ شىنجاڭدا بولسا بىرنى ئەپ قوياتتىمچۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量