نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)

OddBall كارتون ستۇدېيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى فانتازىيەلىك قىسقا فىلىمى «خارابە(Ruin)» بەلكىم ھەرىكەت ياكى باشقا جەھەتلەردىن ئوخشاش تۈردىكى ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە يېڭى فىلىم بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئىنسانلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، ئۆسۈملۈكلەر قاپلىغان شەھەرلەر، ئەمما كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك كۆرۈنۈشلەر…

ruin2012-video

فىلىمنىڭ رېژىسورى Wes Ball ئىلگىرى ھوللىيۋودتا 8 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى HBO ۋە DVD/BlueRay ئۈچۈن CG كارتون ئىشلەپ بەرگەن. Wes Ball فلورېدا شىتاتى ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، 2003-يىلى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى ئەسىرى «A Work in Progress» ئەينى يىلىدىكى ئوسكار ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ «خارابە» ناملىق ئەسەر ئۈچۈن Wes Ball ئىككى يىلدىن ئارتۇق قان-تەر سىڭدۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ يەنە فىلىمنى كېڭەيتىپ بىر پۈتۈن كىنو قىلىپ چىقىش پلانى بار ئىكەن، كۆپچىلىك ھەممىمىز تەقەززامىز ئەلۋەتتە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بودەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىمۇ دىۋان دەيمىز تورخۇماردا..
    نادىر تىمىلا ئۇزۇلمىگەي .. تورخۇمارنىڭ ئمرى مىنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغاي :mrgreen:

  2. نۇرنىجات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاننى تاتقۇزۇپ قويساق بولماس؟!…

  3. نۇرنىجات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر سىكۇنت!…بىر سىكۇنت!….

  4. بودەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: ئىۋۇ ئۇستىدىكى فىلىمدىكى شەھەردىن كەلدىم، پەچەت ئىشلەپ قۇيۇپتۇ، كىنو بۇلۇپ ئىشلىنىپ چىقىشىغا تەقەززامەن

  5. ئارسلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدايىم توۋا، بايا قارىسام يېڭى يازما يوق ئىدى، ئۆيدىكىلەر بىلەن توردا يېرىم سائەت پاراڭلىشىپ بەتنى يېڭىلىسام يېڭى يازما باركەن،بۈگۈن دىۋاننى ئۆزۈم ئولتۇرىدىكەنمەندە دەپ يۈگۈرۈپ كەلسەم مائىشنى كۆرەڭ، دىۋان ئەمەس،دىۋاننىڭ يېنىنىمۇ ئېلىپ بوپتۇ ما باللا،بىرەر مۇقىم ۋاقىتقا تەڭشىلىپ قويۇلغانمۇ نېمە بۇ تېمىلار؟

  6. ئارسلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنوسىنى ساقلايمەن جۇما، رەسمىي فەچەت ئىشلەپ قويۇپتىكەن

  7. wiros : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېي يوۋ ….. 5 كۈن تورغا چىقمىسام ھەممە باشقىچە بوپ كېتىپتىغۇ ؟

  8. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەرشارى شۇنچىۋىلا بۇلۇپ كەتسىمۇ يەنە بىرى-بىرىنى قىرىشتىن توختىمىغان . . . ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇشقاقلىقى توختىمايدىغان

  9. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەتكەن جۇمۇ….؟! كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولمامدۇ دەيمە…؟! كىنوخانىغا كىرىپ كۆزەينەك تاقاپ بىر كۆرسەك بۇنى… دەھشەت ھە… :se:

    ھەراست باللا، ئاۋۇ ئاداش ( قىز بالىمۇ يا ئۇ :sad: ) ئىشلەتكەن نەرسە كەلگۈسىدىكى iPhone ئوخشىمامدۇ..؟ شەكلى iPhone غىلا ئوخشايدىكەن راستلا..! :grin:

  10. ئالا قانات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن نوچى چىقىپ تىكەن قاچانمۇ كىنو قىلىپ ئىشلەپ بولا بۇنى

  11. تاڭنۇرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالدى،تازا ياخشى كۆرەلمەي قالدىمدە،يېڭى تورخۇمار ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ جۇما…

  12. بەھرام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي مۇشۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلەشكە ئىككى يىل كەتكەن بولسا ، پۈتۈن كىنوسىغا نەچچەيىل كىتە؟

  13. ئۇيغۇر ئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەھشى ئىشلەپتۇ بۇنى :razz:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)