2012-يىلى قويۇلماقچى بولغان 18 يۈرۈش ھوللىيۋود كىنولىرى! ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!!
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر يىل يېتىپ كەلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، كىنو ئېكرانىدىكى بىر قىسىم چوڭ فىلىملەرمۇ تەرتىپ بويىچە يەنە كۆزنى قاماشتۇرۇشقا باشلىدى. بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەتتە تورخۇماردىكى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرگە بۇ يىل قويۇلىدىغان 18 يۈرۈش چوڭ تىپتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى توغرىسىدا ئازراق پاراڭ سېلىشايلى، 2012-يىلىدىكى فىلىملەر يەنىلا سەرخىل!
1-ئاينىڭ 20-كۈنى «زولمەتتىكى رىۋايەت4»
سونى بايرىقى ئاستىدىكى كۈمۈش ئىكران گۆھەر شىركىتى قان شورىغۇچىلار ئاساسى تىما قىلىنغان «زۇلمەتتىكى رىۋايەت(Underworld)» نىڭ تۆتىنجى بۆلىمىنى سۆرەتكە ئالدى . بۇ قىتىم ئۇلار ھازىر مودا بولىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەم تىخنىكىسىنى ئىشلەتمەكچىكەن.
1-ئاينىڭ 20-كۈنى«قىزىل قۇيرۇقلۇق ئايروپىلان»
بۇ كىنودا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ ، ئامىرىكا بىرىنجى تۈركۈم نېگىر ئۇچقۇچىلار ئەترىتى ئەينى دەۋىردىكى ئېرقى كەمسىتىش ۋى تۈزۈملەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ، بىر ئالاھىدە تەجىربە خاراكتىرلىك پارتىلىتىش قوغداش گۇرۇپپىسى-< تاسكىج ئوچقۇچىلار ئەترىتى >نى تەشكىل قىلغان . ئۇلارنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇيرۇقىغا قىزىل بەلگە ئۇرۇلغان بۇلۇپ بۇ ئۇلارنىڭ لەقىمىگە ئايلانغان.
2-ئاينىڭ 3- كۈنى «ئادەتتىن تاشقىرى ئەسلىمە»
بۇ كىنو ھۆججەتلىك فىلىم ئاساسىدا ئىشلەنگەن فانتازىيەلىك فىلىم بۇلۇپ، فىلىمدىكى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەك ئوقۇغۇچىسى تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە ئۇلار ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن كىشىلەرنى بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەخمەق قىلىپ ئوينايدۇ .
2- ئاينىڭ 10- كۈنى«يەر مەركىزىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتە2»
دوۋن جونسون جوش خاچسىننىڭ ئاپىسىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ رولىنى ئالىدۇ ، خاچسىن ئۇنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدۇ . يەنە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قەدىمقى بىر ئارالغا بېرىپ يوقىلىپ كەتكەن ئاتا بوۋىسىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالدىنقى بۆلىمى ۋېرنانىڭ ئەسلى ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىدى، بۇ قىتىمقىسىمۇ ئوخشاش ‹سىرلىق ئارال› نى ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . بىراق يەنە نۇرغۇن جايلىرى ئىجادىيلىققا ئىگەن.
2-ئاينىڭ 17 كۈنى «ئالۋاستى چەۋەنداز2»
«قارا تۈن» ئىلگىرى ئالۋاستى چەۋەنداز تەرىپىدىن دوزاق ئوتى تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئىدى ، بىراق نىمىشقىدۇ يەنە ئالاھىدە كۈچكە ئىگە بۇلۇپ قىلىپ قايتىپ كىلىپ يەنە روھ چەۋەندازىدىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ . بىراق ئۇ روھ چەۋەندازىنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى Danny Ketch نى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەننى ۋە دەننىنىڭ سىڭلىسى بابارانى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ.
3-ئاينىڭ 9- كۈنى«جون كاتىر»
«مارىستىكى جون كاتىر» Edgar Rice Burroughs نىڭ ئوخشاش ئىسىملىك فانتازىيەلىك ھىكايىلەر توپلىمىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . Edgar Rice Burroughs بولسا جاھانغا پۇر كەتكەن ‹ ئورمان ئادىمى تارزان› ناملىق كىنونىڭ ئاپتۇرى . ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن 11 دانە ‹ جون كاتىر › ناملىق خەتەرلىك ھادىسىلەر تەسۋىرلىنىدىغان فىلىمنى ئىشلىدى.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى«ئىچىرقىغان ئۇيۇن»
بۇ كىنو Suzanne Collinsنىڭ ئوخشاش ئىسىمدىكى ياش ئۆسمۈرلەر فانتازىيەلىك ھىكايلىرىگە ئاساسەن ئۆرگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئىلاھلار ئۇرۇشى2»
«ئىلاھلار غەزىپى» «ئىلاھلار ئۇرۇشى» غا ئۆزگىرىپ داۋاملىشىۋاتىدۇ . بۇنىڭدا : دىفىت ھەدىس يەنە قايتىدىن باش كۆتىرىپ چىقىپ ،تىتان شاھى كىرونوس بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ . ۋە زىيۇسنى تىرىك تۇتىۋېلىشنى ئارمان قىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ پېرسۇس يەنە بىر قىتىم دۇنيانى قۇتقۇزۇش كۆرىشىگە ئاتلىنىدۇ . «دىڭىز ئىلاھى» لىجىنا ۋە «ئوت شاھى» ستون بىلەن بىللە باقى دۇنيا بېرىپ زىيۇسنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى: زۇلمەتتىكى سايە
60 -يىللاردىكى ئوخشاش ئىسىملىك تەبىئەتتىن ھالقىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋېزىيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . بۇ تىلىۋېزىيە تىياتىرى 1225 قىسىمغا يىتەتتى .بۇ بىر كەيپىيات قاراڭغۇ بولغان تىلىۋېزىيە تىياتىرى . بۇ ئاساسى جەھەتتىن ۋەھىمىلىك كىنولاردىكى بارلىق ئوبرازلارنى ئۆزىگە يىغىنچاقلىغان . مەسلەن : قان شورىغۇچى ئالۋاستى ، غەلىتە مەخلۇق ، بۆرە ئادەم ، روھ ، تىرىك جەسەت قاتارلىقلار ..
5-ئاينىڭ 18-كۈنى «جەڭ پاراخوتى»
جەڭ كىمىسى -بالىلار گۆھىرى بولۇپ ناھايىتى قەدىمى بىر ئويۇنچۇق ، يەنى ئىككى ئادەم بىرلىشىپ ئوينايدىغان ئىكران ئويۇنى ، 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قەلەم بىلەن قەغەزگە بىر گىرافىك سىزىش ئارقىلىقلا بۇنى ئوينىغىلى بولاتتى . كىيىن بالىلار گۆھىرى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق بۇلۇپ تەرەققى قىلدى ،مانا ئەمدى كىنوغا قاراپ تەرەققى قىلدى .
5- ئاينىڭ 25- كۈنى قارا كىيىملىق ئادەم3
كىنودا قاراقوللار جەمىيىتىدىكى ياز ئۆتمۈشكە قايتىپ كىلىپ رازۋېتچىك كەينى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ .ۋېر شىمىس رازۋېتچىك جاينىڭ رولىنى ئالغان بۇلۇپ .ئۇمۇ 1969-يىلىغا قايتىپ كىلىپ ياشلىق دەۋرىدىكى كەي بىلەن بىللە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ . ۋە بىرلىكتە يازنىڭ بۇدۇنيانى ۋەيران قىلىشتەك رەزىل پىلانىنى بىتچىت قىلىدۇ.
6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالاھىدە قىسىم2
7-ئاينىڭ 3-كۈنى: سىرلىق ئۆمۈچۈك پالۋان
7-ئاينىڭ 20-كۈنى: شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەتتىكى چەۋەندازنىڭ باش كۆتۈرىشى
8-ئاينىڭ 17-كۈنى: پىدائىيلار2
9-ئاينىڭ 14-كۈنى بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس5
11-ئاينىڭ 19-كۈنى: 007
12-ئاينىڭ 14-كۈنى: خوببېتلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم ئۇچۇرى، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,239 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 18-films-in-2012.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كلاسسىك تەۋسىيە فىلىم: چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- كېيىنكى يازما > سەپەردە كېتىۋېتىپ ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدە ئويۇن ئويناش؟؟ بۇ ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس!!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
پۇرسەت دېگەن مانا ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇنۇ كىنولارنى كۆرىۋالايچۇ ، بولمىسا كۆرىدىغانغا ۋاقىت چىقمايدۇ . يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت !!!!!!!!!!
ۋاي خۇدايىم ، دىۋاندا ئولتۇرىمەنيا مەن . ئۇنداق بولسا تۈزۈت قىلمىدىم ھە ، شاھى دىۋان …..
دىۋاننى خىيالىمدىن كەچۈرگۈچىلا ئولتۇرۋاپسىز، بۇپتۇلا ئەمدى ھۇزۇرلىنىپ يازما كۆرەي!
قاتمۇقات سۈيقەست 4 …. نىڭ گېپى يوقيا ؟
ئۇ فىلىم توغرىلىق تازا تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئىمكانسىز ۋەزىپە4 نى بۇرۇن ئايرىم يوللاپ قويغان، شۇنى دەمسىزكىن يا؟
… قاتمۇقات سۈيقەست 4 ھەققىدە ماۋۇ يەردە ئۇچۇر باركەن …
http://baike.baidu.com/view/2132033.htm
ئەڭ ئارزۇلاۋاتقىنىڭ بىئو خىمىيە كېرزىسى 5 …
ئەڭ ئارزۇلاۋاتقىنىم بىئو خىمىيە كېرزىسى 5 …
ھەي تورخۇمارئەپەندى شىرلوك ھولمىس نىڭ 2.بۆلىمى چىقىدىكەن دىگەن ئىدى فىلىم ئۇچۇرى يوقكەنغۇ
ئۇ كىنونى ھازىر قويۇۋاتىدۇ، مەنمۇ كۆرۈپ كەلدىم. شۇڭا تونۇشتۇرۇپ يۈرمەپتىمەن.
007 نى كۆرسەك بولاتتى ….
بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس5نىڭ بىشى ئېلان بىلەن توشۇپ كىتىپتىگغۇ؟سونىي شىركىتى reses بولاي دەپ تۇدە؟
http://trailers.apple.com/trailers/ بۇ تور ئادىرىسىدىن، بارلىق ئەڭ يىڭى فىلىملانىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرمە فىلىمىنى كۆرەلەيسىز…. ھەم بەك تېز يىڭىلىنىدۇ،
تىتانىك نىڭ ئاخىرىنى ئىشلىدى دەۋاتاتتى ھازىرقى زامان تېخنىكىسى بىلەن توڭلاپ قالغان جېكنى تېپىپ تىرىلدۈرەرمىش. ئاندىن ئۇ ئامېركىنىڭ كوچىلىرىدا ھاڭۋېقىپ يۈرەرمىش. بۇنىڭ ئۇچۇرلىرى بارمىكەن؟
بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس 5 نى دۆلىتىمىز مەبلەغ سېلىپ ئىشلىدىمۇ نېمە ؟:evil: ئېلان سەل جىق بولۇپ قالدىمۇ قانداق …..
كىنولار بىربىرىدىن سەرخىل ئىكەن، مەھەللىمىزدىكى دوبەنچى راسا پۇل تاپىدىغان بىر يىل بولغۇدەك
ئاۋۇ2- ئاينىڭ 10- كۈنى قۇيۇلىدىغان«يەر مەركىزىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتە2» دىگەن كىنو بۇرۇنقى wwe چىمپىيونى rack نىڭ كىنوسىكەن، چۇقۇم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ!
يەر مەركىزىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتە2 سۇزۇك نۇسغىسنى يوللاپ قويساڭلار
نەزىرىڭىز پات پات تورخۇمارنىڭ بۇلۇت كىنوخانىسىدا بولسۇن.
يەر مەركىزىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتە 2 نىڭ سۈزۈك كۆرۈش ئادىرېسى:http://www.xueqi520.com/player/index25051.html?25051-0-0