بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كلاسسىك تەۋسىيە فىلىم: چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
مەزكۇر فىلىم ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كارتون فىلىم ئاتىسى Hayao Miyazaki نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 75-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى ئارىسىدا ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇشۇنداق نادىر بىر كارتون فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تورخۇمار دوستلارغىمۇ تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى. چۈنكى بۇ فىلىم ماڭا ياققان ئاز ئۇچرايدىغان 2D نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى ئىدى…
فىلىمنىڭ ئاپتورى Hayao Miyazaki (خەنچە ئىسمى 宫崎骏)نى بەلكىم بىلمەيدىغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ بىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ يېتىپ كەلگەن كارتونلىرى يوق دېيەرلىك. بىراق باشقا تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ باققان دوستلارغا بۇ ئىسىم چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. يۇقارقى كارتون فىلىم ئاتىسىنىڭ يەنە دۇنياغا داڭلىق «ئەرۋاھ مەلىكە»، «خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسى» ناملىق دۇنياۋى ئەسەرلىرى بار.
«چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى(خەنچە ئىسمى 千与千寻)» ناملىق بۇ فىلىمنى ئالاھەزەل نەچچە يىل ئالدىدا تېلىۋېزوردا كۆرگىنىم يادىمدا، ئەينى چاغدا تاساددىپىي پۇرسەتتە قانال يۆتكەۋېتىپ بۇ كارتونغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، كېيىن شۇ كۆرگەنچە ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. كارتوندىكى ئاجايىپ ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر، نەپس سىزىلغان ئوبرازلار ۋە بىر قىسىم 3D ئۈنۈمدىن قېلىشمايدىغان كۆرۈنۈشلەر مېنى ئۆزىگە قاتتىق رام قىلىۋالدى. كېيىن توردىن ماتېرىيال ئىزدەش ئارقىلىق بۇ كارتون فىلىم ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئاندىن Miyazaki نىڭ يەنە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسى» قاتارلىق كارتونلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۈگەتتىم. بۇ كارتون فىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىچە بىر خىل ئۇسلۇب بولۇپ، 宫崎骏 نىڭ ئەسەرلىرىدىكى تونۇش پۇراق ئەكس ئېتىپلا تۇراتتى.
قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ كەتتىم. مەزكۇر فىلىم نۆۋەتتە شاھ-ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى ۋە ئىختىيارى تەرجىمانىمىز پاتىگۈل تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىلىپتۇ. مۇشۇنداق نادىر بىر كارتون فىلىمنىڭ بىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ يېتىپ كەلمىگىمۇ ئاسان ئەمەس(تېلىۋېزىيە ئىستانسىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ھېرىپ قالدۇق)، شۇڭا بۇ يەردە كۆپچىلىككە بۇ فىلىمنى بىر تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى. كۆرۈپ بولغانلار ئاستىدا داۋاملىق كىنو ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ، كۆرمىگەنلەر بولسا ۋاقتىڭلار چىققاندا بىر كۆرۈپ چىقىڭلار.
فىلىمنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى:
چىھىرو ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شەھەر سىرتىدىكى بىر ئۆيگە كۆچمەكچى بولۇپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر خىلۋەت كوچىغا كىرىپ قىلىپ بىر قەدىمى سېپىل ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ، گەرچە چىھىرو بۇ يەرنى ئىزچىل ياقتۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانىسى پەقەت قىزىقىش سەۋەبىدىنلا بۇ سېپىل ئىچىگە كىرىپ تۇيۇقسىز ئادىمىزاتمۇ يوق بولغان باشقا بىر دۇنيانى بايقاپ قالىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېلىپ قالغىنىنى تېخى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن چىھىرونىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ جايدىكى بىر مەززىلىك تاماقخانىغا كىرىپ قورسىقىنى تۇيدۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما رۇخسەتسىز يېيىلگەن تاماق بۇلارنى چوشقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئۇنداقتا چىھىرو قانداق قىلىدۇ؟
1-بۆلەك:
2-بۆلەك:
3-بۆلەك:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 2D، ئوسكار، ئۇيغۇرچە، فىلىم، كارتون، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,073 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: chihiro.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى مەجبۇرىيەت چاقىرىقىدىن قېلىشمايدىغان قوراللىق جەڭ فىلىمى – Act Of Valor
- كېيىنكى يازما > 2012-يىلى قويۇلماقچى بولغان 18 يۈرۈش ھوللىيۋود كىنولىرى! ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
دىۋان !
Hayao Miyazaki 宫崎骏نىڭ كارتونلىرىغا مەنمۇ بەك ئامراق !ھەقىقەتەن ياپونىيە كارتون ئاتىسى دىيىشكە مۇناسىپ !بولسا كۆكتىكى شەھەر لاپوتا نىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسا !مارىكونىڭ ئاپىسىنى ئىز دىشى مۇ مۇ شۇ ئادەمنىڭ ئىجادىيتى!
كۆكتىكى شەھەر بىلەن شامال جىلغىسىنى بىلىگ ستودىيىسى تەرجىمە قىلىپ بولدى،پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
بلوگ ستودىيىسىنىڭ تور ئادرېسى؟
http://www.bilig.cc/
ئۇلار بۇ تورنى رەسمىي ئاچقىلى تېخى نەچچە كۈنلا بولدى.مەن دېگەن فىلىملەر ۋە باشقا تەييارلىغان مەزمۇنلىرىنى ئاز-ئازدىن يوللىماقچىكەن.مۇمكىن بولسا تەشۋىق قىلىپ قويسىڭىز.بۇ مېنىڭ ئاغىنەم يانتاقنى قوللىغىنىم بوپ قالغاي.
شۇنداق، كۆكتىكى شەھەر بىلەن شامال جىلغىسىنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى. كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنىدۇ.
مەن بۇ كارتۇننى كۆپ كۆرگەن ، ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى ئىشلىگەن كارتۇن بۇ ،مەن بەكمۇ ياقتۇرىمەن ، تەدبىركارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولغانلىقىمدىن ناھايتىمۇ خوشالمەن . يوللىغان تېمىڭىزغا رازى بولدۇم ، رەھمەت !!!!!!!!!
لېكىن لېكىن شۇ لېكىن مەن خەتلىكنى ئەمەس ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسىنى كۆرگەنتىم لېكىن شۇ
مەن كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك، بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن بۇ كارتونغا.
«ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى»نى كۆرۈپ يىغلاپ كىتەتتىم ئۆزۇمچە ،كېچىكلىكتە..
«ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» ئىشلىگەن كىشى بولسا، بۇ ئەسىرىنىمۇ كۆرۇپ باقاي قىنى.
مىيازاكى خايائو ھەقىقەتەن نوچى كىشى جۇمۇ.ئۇنىڭ يەنە 2010-يىلى ئىشلىگەن ئارىيەتچى ئارىئېتىي دىگەن فىلىمىمۇ بار،كۆرسەڭلا يىغلاپ تاشلايسىلە،
راسىت بەك ئېسىل كارتون خەنچە ئىسمى : 借东西的小人阿莉埃蒂
بۇ ياپۇنلوق گۇيلا كارتون ئىشلىسە ئامرىكىمنىڭ 3D قوچاقلىرىدىن ۋەھشى ئىشلەيدۇ .
بۇ كارتوننى ھازىرغىچە 2 قېتىم كۆرگەن ، ئۆ تىلدىكىسى بىلەن خەنچىسىنى ، يەنە ئەخمەقجان ئېيتقان كۆكتىكى شەھەر مۇ ناھايتى نادىر كارتون فىلىم !
تېلىۋېزىيە ئىستانسىدىكى توغقانلار نەدىكى ئاقماس كورىيەچە مىڭ قىسىملىق بىرنىمىلەرنى بىرنىمە قىلىپ يۈرمەي،مەزمونى ئېسىل ئادەمگە ھەقىقىي تەربىيە قىلالايدىغان كىنولارغا ئاۋاز بەرسە بولاتتى. ..
چوڭ بولغاندا قەتتىي كارتون كۆرۈش خوشياقماس بوپ قالدىغۇ تاڭ ، ۋەھشى چانايدىغان ، قان چىقارماي بوغۇزلايدىغان كىنولار بولسا ئەمما جىنىمنى تىكىپ قويۇپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىمەندە !
بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېلۋىزوردىمۇ جىق قويۇپ كەتتىغۇ؟! ئاۋازىمۇ ناھايىتى ياخشى بېرىلگەن. بەزىلەر تازا دەنشى كۆمىگەنلەر ئوخشايدۇ…
خارنىڭ كۆچمە قەلئەسىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرگەن.
داۋامىنى كۆرگۈم بارئىدى.
كۆرۈش ئادىرسى ياكى خەنچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا
مەنمۇ كارتون فىلىم كۆرۈشكە بەك ئامىراق، بولسا شۇ كارتون ئاتىسىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىگە ئۇخشاپ قالدىكەن
خەقتە تەسەۋۋۇر دېگەن بار جۇما
«ئەرۋاھ مەلىكە»، «خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسى»بۇ ئىككىسنىڭمۇ خەنچە نامىنى دەپ بىرىڭە توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقاي.
كۆرۈۋەتتىم. قالتىس چىقىپتۇ! سىز 幽灵公主، 哈尔的移动城堡 دەپ ئىزدەڭ.
幽灵公主,哈尔的移动城堡 مۇشۇ ئىككىس شۇ.
تېلۋۇزۇردا قويغىنىنى قىسقارتىۋەتكەن ئوخشايدۇ.مانىڭدا تېلۋۇزۇردا يوق يەرلىرىمۇ تۇللۇقكەن.
بەك ياخشى كارتۇنكەن، ياخشى كارتۇنلار بولسا تونۇشتۇرغاچ تۇرۇڭلار ئۆزۈڭلارلا كۆرمەي
مەن بۇنى تىلىۋۇزۇردا كۆرگەن ئۇيغۇرچىتى بەك بەيزە كارتون فىلىم بۇ . مەن نەچچە قىتىم كۆردۇم
: «خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسى»مەن بەك ئامراق!
تورخۇمارلارتورىغىمۇ غىمۇ ئامراق بوپ قالدىم !
تورخۇماركا توربەت زۇكامداپ قالدىمۇ يە … ئا …. دۆڭكۆۋرۈكتىكى تىۋىپلارغا كۆرسۈتۈپ باقمايلىمۇ….