دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى مەجبۇرىيەت چاقىرىقىدىن قېلىشمايدىغان قوراللىق جەڭ فىلىمى – Act Of Valor
«Act of Valor باتۇرلۇق ھەرىكىتى» فىلىمىنىڭ باش پېرسوناژى بولسا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى(يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق Marine شۇ)نىڭ ئىچىدىكى نامى تېخىمۇ مەشھۇر بولغان تيۇلېن زەربىدارلار ئەترىتى(ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئەترەت). گەرچە مەزكۇر فىلىمنىڭ بېشىدا «بۇ فىلىم بىر توقۇلما» دەپ ئەسكەرتىش بولسىمۇ، قوشۇمچە قىلىپ «جەڭ تاكتىكىسى ۋە قوراللارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي!» دەپ قوشۇپ قويغان…
تەشۋىق فىلىمدىن قارىغاندىلا، فىلىمنىڭ باشقا تىپىك جەڭ فىلىملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، نۇرغۇن(راستىلا خېلىلا نۇرغۇن جايلىرى) دۇنيادىكى FPS ئويۇنلىرىنىڭ شاھى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى(Call Of Duty)» دىن بىۋاستە ئېلىنغاندەكلا. مەجبۇرىيەت چاقىرىقى(使命召唤) ئوينىغانلارغا نىسبەتەن بەلكىم ئىنتايىن تونۇش بىلىنىشى مۇمكىن، مەيلى بوشلۇقتىكى ئادەمسىز بومباردىمانچى بولسۇن، ياكى سۇ ئاستى جېڭى بولسۇن، ھەممىسى مەزكۇر تەشۋىق فىلىمدە ئەكس ئەتكەن.
مەزكۇر كىنو 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە قويۇلۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. شۇنداقتىمۇ توردىكى مەنبەلەردىن يەنىلا كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: COD، جەڭ، فىلىم ئۇچۇرى، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,174 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: act-of-valor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يولۋاس كەبى مۈشۈكنىڭ ئىككى كالۋا ئىت بىلەن يەكمۇ-يەك دوئېلغا چۈشىشى! كىرىشتۈرۈڭ دېسە شۇنداقمۇ قىلامدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كلاسسىك تەۋسىيە فىلىم: چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
ئاھ دىۋان!!!
ئاھ دىۋان،پاھ دىۋان دەپلا قاپتۇغۇ ما ئېدېش~
تورخۇماردىكىلەر دىۋانغا ئاشىق
دىۋان ئاستىدىكى يوغان مېخقىمۇ ئاشىق .
خېلە پوچى كىنودەك قىلىدىغۇ….
كۆرمىسەك بولمايدىغان كىنولارنىڭ قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغۇدەك كىنوكەن.
تەدبىركارئەپەندىم قىزىقتۇرغاندىكىن، بۇ كىنولارنىڭ توردىكى مەنبەلىردىكى خەۋىرى بۇلۇپ قالسا تەمىن ئېتەسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەدبىركار ياخشىمۇسىز ؟ سىزدىن سورايدىغان بىر مەسىلە بار ئىدى يول كۆرسەتكەيسىز؟ مەن كومپۇيۇتۇرنى يىڭىدن ئۈگۈنۈۋاتقان بولغاچىقا سىسىىتىمىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى بىلمەيىمەن شۇڭا بازاردىن گوسىت ۋىندوۋىس 7 قاچلغان ،قاچىلاپ بولۇپ قوزغاتقۇچنى قۇزغوتۇپ بولۇپ قارسام( س) دىسكىدا 8جى ئورۇنىنى ئىگىلەپتۇ لىكن قاچلغان نەرسە 8جى چقمايدۇ ،يول كۆرسەتكەيسىز؟بولسا سىىستىما قاچىلاشنى تەپسىلى ئۈگۈتىدىغان دەرسلك بولسا تەۋسىيە قلسڭز بەكمۇ مىنىنەتدار بولغان بولاتىتم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېھقان!
Windows 7 نى قاچىلىغان چاغدا ئادەتتە شۇ 7~8 گېگابايت ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، سىز ئۇچرىغان ئەھۋال ئىنتايىن نورمال.
‹‹مەزكۇر كىنو 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە قويۇلۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. شۇنداقتىمۇ توردىكى مەنبەلەردىن يەنىلا كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.››
مەن بىر قار ايۇمۇر ئوقۇدۇم ….