52 ياشلىق مويسىپىت 12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر دانە بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلان تەقلىدچىسى ياساپ چىقىپتۇ…
20 يىل ۋاقىت، 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپىيات ۋە بىر قېتىملىق ئاجرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن 52 ياشلىق James Price ئاخىرى ئۆزىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزىگە تەۋە بوئېن تىپلىق ئايروپىلان تەقلىدچىسىدىن بىرنى ياساپ چىققان. بوئېن ئايروپىلان تەقلىدچىسى دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ كومپيۇتېردىكى بىر دانە تەقلىدىي ئايروپىلان ھەيدەش يۇمشاق دېتالى ئەمەس. James Price بىر دانە ئايروپىلان بېشى ياساپ چىققان ھەمدە ئىچىگە ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ ئۈسكۈنىدە ھەيدىگەندىكى ئۈنۈم ھەقىقى ئايروپىلان ھەيدىگەندىكى ئۈنۈم بىلەن ئاساسەن پەرقلەنمەيدىكەن.
James Price نىڭ كەسپى قاتناش خادىمى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا يەنە بىر شەخسى ئۇچقۇچى ئىكەن، ئۇ ئىزچىل ھالدا، ئۆز قولى بىلەن مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننى بىر قېتىم ھەيدەپ بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ ئارزۇسىغىمۇ يەتكەن.
ئاجرىشىش توغرىسىدىكى گەپكە كەلسەك، James نىڭ دېيىشىچە ئۇ 2000-يىللىرى ئاجراشقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئاندىن باشقا ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي قويۇپ تۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان ياساش سەپىرىگە ئاتلانغان ئىكەن. مەسىلەن، ئاشۇ 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ بېشىنى ئۇ 1500 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سېتىۋالغان ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئايروپىلان، ئىجادىيەت، قاتناش، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,997 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: flying-world-from-garage.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقىي ئافغانىستان: ھىجاپ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياق
- كېيىنكى يازما > ھەر يىلى تارقىلىدىغان ئەڭ مودا ئەپسانىۋى خەۋەرلەرنىڭ بىرى: يېڭى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى
- بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
چەتەللىكنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوقتە
ئوخخو باللا، يامان يۇمشاقمىكەن دىۋان؟
تۇنجى قېتىم بولغاچ تازا ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىمەن
ھەجەپ پەيزىكەن مەنمۇ بىر ئويناپ باقسام بوپتىكەن .
تەدبىركارنى سېغىنىپ قالدىم نىمە دەپ ئېچىلمايدىغاندۇ ؟؟؟
مىڭنىمۇ ھەيدەپ باققۇم كەلدى دىسە
ئايروپىلاننى دەپ ئاجرىشىپتۇدە؟ بىر ئەركىشىگە خوتۇندىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇپتۇ.
چەتئەللىك دېگەن مۇشتا خەق، ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمىنى بولسا بىر ئاماللارنى قىلىپ يېتىدۇ، ماۋۇ تاغاش خۇتۇنىنى قويۇپ بېرىپ ئايروپىلان ياساپتۇ مانا
قاناتلىق ئىنسان-ئابدۇللا قادىرىنى تۇنمامسىلەر بالىلار~
ئۇ ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىغا قاتتىق قايىللىقىم بار
بۇ خەت ئۆزىنىڭ قىزىقىشى يولىدا بىر ئىشقا ئىرا باغلاپ قالسا ھېچنىمىگە قارىمايدىكەن جۇمۇ… ما تېرىشچانلىقنى…
ئېغىر دەرىجىدە ئىملاخاتالىقىنى بايقاۋاتىمەن !
17 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنى ئايروپىلان ياساپ يىڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بولدى دەپ چىقىرىپتۇغۇ خەۋەرگە
بۇ ئادەم سەل كېيىن قاپتۇ
ئايروپىلان ھەيدىسە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسىمۇ بولىدىكەن ھە
پەچەت ياسىغاندەك تۇىدۇ
نىشانغا يېتىش ئۇچۇن ھېچنىمىگە قارمايدىغان يېرى مېنى دوراپتۇ