ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2) بولسا بىر تۈرلۈك ئىنتايىن قالتىس چىققان مەرگەنلىك تېمىسىدىكى ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئويۇندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، بىز ئويۇندا بىر نەپەر مەرگەننىڭ رولىنى ئالىمىز ۋە دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىپ بىر بىرىدىن مۈشكۈل قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز، ئويۇننىڭ كىشىگە بېرىدىغان ھاياجىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ.
ئويۇننىڭ شۇئارى «بىر تال ئوق بىلەن تارىخىنى ئۆزگەرتىش» بولۇپ، ئورگان تەرەپنىڭ دېيىشىچە، «مەرگەن ئەزىمەتلەرV2» ئەڭ ھەقىقىي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەرگەنلەر تەسۋىرلەنگەن ئويۇن ئىكەن. ئوينىغۇچىلار ئويۇندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدىكى بىر قاتار سوقۇنۇپ كىرىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن، ناتسىت ئالىملەرنى بىردىن بىردىن يىقىتىدىكەن.
باشقا مەرگەنلىك ئويۇنلىرىغا ئوخشاشلا، مەزكۇر ئويۇندىمۇ مەرگەنلىك ئويۇنلىرىدىكى ھەقىقىيلىك، يىراقتىن ئوقنىڭ ئۇچۇپ بېرىپ دۈشمەننى يەرگە تىك چۈشۈرۈشىدىكى ئاستىلىتىلغان دەقىقىلەر قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگىچە ئېلىمىنتلار سىڭدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە X نۇرى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۈشمەنگە ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاستا كۆرۈنۈشلەر ئاجايىپ فەچەت چىققان…
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
1. ئاۋال سىستېمىڭىزنىڭ Windows7 بولۇشىغا ھەمدە سىنكارتىنىڭ DX10 نى قوللىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ(XP ئىشلىتىۋاتقانلار چۈشۈرمەيلا قويۇڭ).
2. ساپ لاتىنچە ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستىن يېشىپ بېرىمىز.
3. setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز.
4. يېشىش يامىقىنى ئۇرىۋەتسەكلا ئويناشقا باشلىساق بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
مەرگەن ئەزىمەتلەرV2 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، جەڭ، مەرگەن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,143 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sniper-elite-v2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- كېيىنكى يازما > «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9: قارا ھەرىكەت2» نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
ئۇيۇن ئوينىسا مۇشۇ بۇرادەردەك ئوينىسا.
تېخى ھازىرلا يوقتى بۇ يازما، بىردەمدە بەتنى يېڭىلاپ بولغۇچە… ھەجەپ تىزغۇ بۇ تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى…
ئەجرىممۇ مارلاپ ئاران تۇرۇپتىكەن ئوخشايدۇ..
بۇرۇنقى نەشىرلىرىنىڭ ھەممىنى ئويناپ بولغان. بۇنىمۇ …
ئالدىنقىسىنىڭ دىۋانىدا ئولتۇرالماي ماراپ تۇرغان گەپ .
شۇنى دەيمە…
توۋا بىزلەرمۇ دىۋاندا بىرەر قىتىم ئۇلتۇرساق ھەرگىزمۇ قانونغا خىلاپ بۇلۇپ قالماستى .
مەن مىلتىق ئېتىشقا بەك ئامراق، ھەم دەل تەككۈزىمەن. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنى ئويناپ باققان، شۇنداق ھاياجانلىنىمەنكى… بۇنىمۇ ئويناپ باقاي!
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى بولمىغان بولسا، بىز ئوينايدىغانغا مارىيودىن باشقا ئويۇن چىقماس بولغىيتتى ھە.
xp بولسا نىمىشقا ئوينىغىلى بولمايدىكەن ئەمدى، مەن مۇشۇ win7 سېستىمىسىغا قاملىشالمايدىكەنمەن، بەزى بىر سېستىمىلارنى نۇرمال قاچىلىغىلى بولماي ئادەم
ئىككى يىلدىن بېرى ئۇنداق ئىشنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
ما ئويۇن زادى ياقتى ماڭا
تورخۇمارنىڭ ئاۋۇ رەسىم كۆرۈش گىرافىكىمۇ شاشلىشىپ قاپتۇغۇ!! دەۋېر راستىنلا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ؟!
ئۈنۈمى قالتىسكەن! ئاستىلاتقان كۆرۈنۈش كىشىگە ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.
mtvكۆرۈنىشى راسىت بولىدىكەن، لىكىن قاچىلايمەن دەپ بىر كىچە ھەپىلىشىپ سىستىمىنى win7گە ئالماشتۇرۇپ، قىلمىغىنىم قالمىدى. « dll.* ھۆججىتى كام قايتا قىچىلىشىڭىز مۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز»دىگەندىن باشقىغا ئىرىشەلمىدىم. ياردەم قىلساڭلار.
dll خاتالىقى ئۈچۈن http://www.dll-files.com/d3dcompiler_43.zip?0WFjSFVKdO بۇ ئادرىستىن dll ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تۈۋەندىكى ئۇسۇل بۇيىچە قاچىلاپ قويسىڭىز ئىش تامام.
Extract d3dcompiler_43.dll from d3dcompiler_43.zip. We recommend that you extract d3dcompiler_43.dll to the installation directory of the program that is requesting d3dcompiler_43.dll.
If that doesn’t work, you will have to extract d3dcompiler_43.dll to your system directory. By default, this is:
C:\Windows\System (Windows 95/98/Me)
C:\WINNT\System32 (Windows NT/2000)
C:\Windows\System32 (Windows XP, Vista, 7)
If you use a 64-bit version of Windows, you should also place d3dcompiler_43.dll in C:\Windows\SysWOW64\
Make sure overwrite any existing files (but make a backup copy of the original file).
Reboot your computer.
If the problem still occurs, try the following:
Open Windows Start menu and select “Run…”.
Type CMD and press Enter (or if you use Windows ME, type COMMAND)).
Type regsvr32 d3dcompiler_43.dll and press Enter.
يۇقارقى ئادرىستىن چۈشمىسە بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.dll-files.com/dllindex/dll-files.shtml?d3dcompiler_43
خاپا بولماي تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟ بۇنى چۈشۈرۈپ نەگە قويوشنى پەقەت بىلمىدىم!!
رەخمەت سىزگە، ئەمدى نورمال قاچىلاپ ئىشلىتەلىدىم.راستلا پەيزى ئويۇنكەن ماۋۇ.
بوپ قالدىغان ئويۇنلار..
مىىنىڭ كىگىمۇ ئاشۇنداق چىقىۋالدى ھەل قىلىش چارىسى بامۇدۇ؟؟؟؟؟
ھەل قىلىش ئۇسۇلى يەنە قايتىدىن قىچىغاپ باقساڭلا بۇلۇشى مۇمكىن
مەن قاچىلىسام پەقەتلا قوزغالمىدى، ئىككى چەكسەم ھېچنىمە چىقمىدى قانداق قىلىمەن،
مەن قاچىلسام ئويۇن قوزغالدى ،لىكىن ‹输入不支持›دەپ قارا ئىكران چىقىۋالدى.بۇنى قانداق ھەلقىلىمەن.
ياردەم قىلغان بولساڭلار…..
مىنىڭمۇ ئاپپاق بۇلۇپ تاترىپ تۇرىدىغۇ گوردىن چىققان ئۇلۇكتەك
ما ئويۇننى بۈگۈن ئويناپ يەككە كىشىلىك ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردۇم . ھەقىقەتەن پەيزى ئويۇن ئىكەن . ئويۇنخۇمارلارغا تەۋىسىيە قىلىمەن جۇمۇ.
مەنچۇشۇرەلمىدىمغۇ ئۇلانما ئادىرسى خاتا دەيدۇ قايسىڭلا ياردەم قىلسىلە دوسلا توغرا چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يوللاپ بىرڭلا مەنمۇ ئويناپ باقاي بۇ ئۇيۇننى بەك نوچى ئۇيۇندەك قىلدۇ