تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
كالېفورنىيە شىتاتىنىڭ كۇپېرتىنو شەھىرىگە جايلاشقان ئالما(Apple) شىركىتى باش شىتابىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق بىر كارخانا ئالىي بۆلۈمى دېيىشكە بولىدۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى بولمىسا، ھېلىغۇ ئادەتتىكى ئادەملەركەن، ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ جايغا ئالدىراپ كىرىپ چىقالمايدۇ. بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇ سىرلىق جاينى ئايلىنىپ چىقايلى…
AppleGazette تور بېكىتىدە خېلى كۆپ مىقداردا ئالما شىركىتىنىڭ Cupertino دىكى باش شىتابىنىڭ سۈرەتلىرى يىغىلغان بولۇپ، بىز كۆرۈۋاتقان iPhone ۋە iPad قاتارلىقلارنىڭ لايىھەسى مۇشۇ سىرلىق جايدا پۈتۈپ چىقىدۇ.
ئاۋال كۆرىدىغىنىمىز، سىرتتىن دائىم كۆرگىلى بولىدىغان ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ سىرتتىن بىر كۆرۈنۈشى:
ئۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈدىغىنىمىز، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن كۆزگە چېلىقىدىغان كۈتۈۋېلىش ئورنى:
ئالما شىركىتى باش شىتابى ئىچىدە سىرتقا بىردىنبىر ئېچىۋېتىلگەن جاي Company Store. بۇ جايدا سىز خالىغانچە سۈرەتكە چۈشسىڭىز، بىر قىسىم ئالما شىركىتىنىڭ Logo سى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن مايكا، دوپپا دېگەندەك(ئەلۋەتتە، بۇ يەردىن يەنە iPod، iPhone قاتارلىق ئالمىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىنىمۇ سېتىۋالالايسىز).
ئالما شىركىتى باش شىتاب زالى، سىز ھازىر بۇ يەرنى كۆرەلەيسىز(پەقەت ئالىي دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرلا بۇ يەرگە كىرەلەيدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر خالىغانچە كىرىپ چىقالمايدۇ).
بۇ جاي ئوتتۇرىدىكى زالغا تۇتىشىدىغان كارىدور بولۇپ، بۇ يەردە سىز ئالما شىركىتىنىڭ سابىق CEO سى Steve Jobs نىڭ قا دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەرنى كۆرەلەيسىز.
ھاجەتخانىنىڭ تېشىغا چاپلانغان بەلگە، قارىماققا ئالدىنقى ئەسىرلەردىكى Mac كومپيۇتېرلىرىنىڭ سىنبەلگىسىگە ئوخشامدىكەن؟
تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىز، ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ تاماقخانىسى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاماقنىڭ باھاسى ھەم ئەرزان ھەم پاكىز ئىكەنمىش.
خىزمەت قىلىپ ھارغاندا، بىر ئاز ئارام ئالغۇسى كەلگەن خىزمەتچىلەر ئارام ئېلىش ئۆيى(ئالمىدىكىلەر بۇ يەرنى rec room دەپ ئاتايدىكەن)گە كېلىپ ئارام ئالسىمۇ ياكى ھويلىغا چىقىپ توپ ئوينىسىمۇ بولىدىكەن.
يەنە چېنىقىش ئۆيىمۇ سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر خىل چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق.
خىزمەت قىلىدىغان جايلار قانداقتۇ؟ ناۋادا سىز تىم.كۇكنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرىمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ. بۇ يەردە بىر قانچە پارچە ئالما شىركىتىنىڭ يىغىن زالىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئادەتتە ئاساسەن سان-فرانسىسكودىكى ئاممىۋى يىغىن زاللىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، ئەمما ئىچكى قىسىمدىكى يىغىنلارمۇ بەزىدە باش شىتابتىكى زالدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ زالنىڭ ئىسمى Apple Town Hall. ئالما شىركىتى iPhone4 نىڭ سىگنال مەسىلىسىگە قايتۇرغان جاۋاپ يىغىنى مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن.
«سىگنال ۋەقەسى» سى توغرىسىدا توختالساق، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ 1-قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇنداق مەخپىي جايلىرىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىخانىسى Wireless Testing Lab(سىمسىز سىناق تەجرىبەخانىسى)مۇ بار. بۇ يەردە ئۇلار iPhone نىڭ سىگنالىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، باشقا سىگناللارنىڭ توسالغۇ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سىنايدۇ.
ئالما شىركىتى باش شىتابىدىكى ھەقىقى «چەكلەنگەن جاي» ئېنىقلا ئالىي دەرىجىلىك لايىھەلەش ئېنژىنىرى Jonathan Ive(ئالمىنىڭ iPhone،iMac,iPod,iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى)نىڭ لايىھە تەجرىبەخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈرەت ئارقىلىق بىز بىر دانە Design Facility نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرەلەيمىز، ئالما بەلكىم مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى جەھەتتە ئۆزىدىن پەخىرلەنسە كېرەك؟ Ive نىڭ كەينىدىكى ئۈسكۈنىلەر دەل يادرولۇق ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، ساياھەت، شىركەت، كارخانا، مۇھىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,155 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: inside-apple-hq.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق دوكتور يېتەكچىسى ئەسلىدە تاڭسىڭ ئىكەن!!
- كېيىنكى يازما > تورخۇمارلار كۇلۇبى يېڭىچە قىياپەتتە قايتا ئېچىۋېتىلدى! جىددى تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ.
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
بۇگۇن دىۋان ماڭا قاپتۇدە..
تۇنجى قېتىملىق دىۋان .
تۇنجى قېتىملىق دىۋان .
ئاۋۇ تەجرىبەخانا بەك غەلىتە ئىكەن .
ئىككى دىۋانى بىر ئورۇننى تالىشىپ قاپتۇمۇ نىمە …
ھاھا …سىرلىق قەلئەگە ساياھەتكە بىرىپ كەپ بولغىچە دېۋانچىلار ئۈنۈپ بوپتۇ ما يەگە….
ئى ئادەم ئۆرۈلۈپ كەتسە تىن تارتماي ئۆلىدىكەن !!! ئورەك نىڭ ئۆزىلا بوپتىغۇ !!!
ئاندا قىلىشماڭلار بىكا كاساڭلارغا 502 قۇيۇپ قويمان جۇما باللا
مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭلار
ھەقىيقەتەن سىرلىق كەن جۇما
بىزمۇ تىرىشىپ مۇشۇنداق قەلئەدىن بىرنى قۇرۇپ چىقايلى قىرىنداشلار!!!!!!
ئامۇتتىن بىرنى ياساپ چىكساق بولاتتى ئالمىنى ئىشلىتىۋەمەي~~~~
بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن . ئاللا خالىسا ئۇمۇ بولىدۇ .