نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى

بۇ بوۋاي ھەربىي سەپتىن چېكىنىگەندىن كىيىن 10 نەچچە يىل نامراتچىلىقتا ئۆيسىز سىرتلاردا سەرگەردان چۈشكۈنلىشىپ «سەرگەردان زابوي» غا ئايلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈش ئېلىشقا قاتناشقاندىن كىيىن ئۇ ئۆز تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاپ يېڭى ھاياتقا قادەم ئېلىش ئۈچۈن ھاراق تاشلاش ئۇيۇشمىسىغا قاتنىىشىدۇ، بىر ئىللىق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ بىر ئۆي سېتىۋالماقچىمۇ بۇلىدۇ.

transformacion-vagabundo

مەن ئويلايمەن، ئەڭ ناچار مۇھىتتىمۇ ئىشەنچنى يوقىتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئىشەنچ ئادەمگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشقا تەسىر قىلىدىغىنى مۇھىت بولماستىن، بەلكى ئىدىيە، ھەرىكەتتۇر.

سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. راسكەن 2013.12.18 , 22:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    、、ئاۋال كۆرۇپ ئاندىن باھا بىرەي…………….ئىنىقىنى دىگىلى بولماس ئەمما شۇ مىنىڭ بولدى،،:mrgreen::mrgreen:

  2. راسكەن 2013.12.18 , 22:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەپ ،، گىرىمچى ئۇستىكەن جۇمۇ…:wink:

  3. شەمشەر 2013.12.18 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مائاشنى بەرمىگىلى بىر ئاي بولدى ، بولسا مېنى مۇشۇنداق باي قىلىپ قويغان بولسا ھە !:grin::grin::grin:

  4. ئابومجان 2013.12.19 , 00:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرىدا ئەينەكتىكى ھالىتىنى كۈرۈپ ھەيران قالغان يىرىنى ھەم ساتىراش بالىنى قۇچاقلاپ قويغاندا ئۆزەمچە بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم .
    بەلكىم بەزىلەر كۆرگەن بۇلۇشى مۇمكىن ، ئامرىكىدا مىترودا مۇنداق بىر ئىشنى سىناق قىپتۇ ، سىز قەستەن مۈگدىگەن بۇلۇپ يېنىڭىزدىكى ئەدەمنىڭ مۈرىسىگە بېشىڭىزنى قۇيۇپ ئۇخلىغان بۇلىدىكەنسىز ، دەسلىپدە ئۇ كىشلەر سەل ھەيران قالدىكەن ، لىكىن سىزنىڭ ھېرىپ چارچاپ كەتكەن چىرايىڭىزغا قاراپ ھە بوپتۇ ئۇخلىۋاسۇن دەپ مۈرىسىنى بىرىپ تۇرىدىكەن ، بۇنى سۈرەتكە ئېلىش يۇشۇرۇن بۇلۇپ ، كىشلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشى پەقەتلا ئىچىدىن چىقىرىپ قىلغان ئىشى ئىكەن ، زادى ئون ئەدەمنىڭ توققۇزى شۇنداق تەبئى ~
    قىزىقىدىغانلا كۈرۈپ بېقىڭلا : http://v.ku6.com/show/zcFsN4_yOjkImCICMtZPGA…html?from=my
    رەسىم:http://news.qq.com/a/20131205/

    • تاماشىبىن 2013.12.19 , 02:11

      ئادرېس ئېچىلمايدىغۇ؟ كۆرۈپ باقاي دىگەن

    • ئىسيانكار 2013.12.19 , 14:22

      ئېچىلمىدىغۇ؟ ( ئابومجان مۇنداق مەسئۇلىيەتسىز بالا ئەمەستى نىمە بولغاندۇ ؟ تويدىن كىيىنكى نورمال بولغان ئۆزگۈرۈشمۇيابۇ؟:grin::grin:)

    • ئابومجان 2013.12.19 , 15:39

      ئادرىسنى توغرا چاپلىغاندەك قىغانتىم بوممىسا ، چاپلىسام يەنە خاتا چىقىۋاممىسۇن ، چۈشتىن كىيىن كارىدورغا يوللاپ قۇياي ،خاپۇلۇشماي شۇيەدىن كۈرۈۋېلىشاملا

  5. ئابومجان 2013.12.19 , 00:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويلاپ باقتىڭلامۇ ؟ ئەگەر يۇقىرىدا مەن دىگەندەك ئىشنى ئۈرۈمچىدە ياكى ئىچكىرىدە يولداشلا با يەدە سىناپ باقسا قانداق بۇلىدىغاندۇ ؟
    پەرەز: ئون ئەدەمنىڭ بەشى تاتە ۋاي سېسىق بېشىڭنى دەپ ئىتتىرۋىتىدۇ ، ئۈچى ئاغزىنى بۇزۇپ تازا تىللايدۇ ، بىرسى مىنىڭ دادام لىگاڭتى ، سەن قوقماي بېشىڭنى مۈرەمگە قويدۇڭما دەپ ئۇششۇقلۇق ئۇرىدۇ ، ئەڭ ئاخىرقىسى ھە بوپتۇ ئۇخلىۋال دىگەن بىلەن ئۇنىڭدىمۇ نىيەت باشقا ، سىز ئويغۇنۇپ قالدىڭىزمۇ بولدى ، ئېسىلىپلا ۋالىدۇ ، پۇل بەر دىسىمۇ دەيدۇ ، بېشىڭ مۈرەمنى تىشىۋەتتى دىسىمۇ دەيدۇ ، ئىشقىلىپ سىزنى بىر بالاغا تىقىدۇ .
    كىچىكىمدە ساپا مائارىپى ، ساپا ساپا دىسە نىمە ئىشتۇ دەيتىم ، مۇشۇ يولداشلار قىغان ئىشنى قىممىغان بوساق ئۆزىمىزنى خېلى ساپالىق ھېس قىساق بولدىكەن.
    بەزى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ساپاسىدا پەرىق نىمانچە چوڭدۇ ، ئۇلاردىمۇ چۇقۇم ئەسكى كىشى ، يامان نىيەتلىك ئەدەملەر با ، لىكىن تۇرۇپ ئويلاپ قالىمە چەتئەلنىڭ ئەسكى ھىساپلانغان كىشىلىرى ھەرگىزمۇ يولداشلاغا ئوخشاش يەيدىغان نەرسىگە، بۇۋاقلارنىڭ سۈت پاراشۇكىغا ساختىلىق ئىشلەتمەيدۇ ، مۇشۇ ئىشلارنى چەتئەلدە ئەسكى ھىساپلىغان كىشى ئاڭلاپ قاسا ، ئۆزىچە تۆۋە ماۋۇ بەسەيلەنىڭ قىپ يۈگەن ئىشىنى دەۋىتە .
    قېرى ياشانغان كىشى يىقىلىپ چۈشسە بېرىپ يۈلەپ قۇيۇش ياخشى ئادەت ، چەتئەلدە بۇلادەك مىنىى يىقىتىۋەتتى پۇل بىرىسە دەپ ئېسىلۋاممايدىغاندۇ ھەقچان ، توۋا دەي

    • ئىلچىن 2013.12.19 , 02:27

      بىز ئۆزىمىزنىڭ كىشلىرىنىڭگىگە قويساق يا ئويغۇتۇپ قويا، يا تۇرۇپ بىرە ياكى بولمىسا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ، ئەممازە ماۋۇ يولداشلارنىڭكىگە قويۇپ قالسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق، خورازدىن قاچقان مىڭياندەك ما…يا… دەپلا قاچىدۇ ئۆزىڭىزنى يەرە كۆرىسىز، بەكراق قورقۇپ كەتسە ساقچىدا بىر ئاي سوراقتا بولىسىز، لېكىن باغلىشىمەن، قەشقەرە مۇشۇنداق يولداشلارنىڭكىگە قويۇپ قېلىپ قورقۇتۋەتسىڭىز مىللىي ساقچىلار كۆرۈپلا قالسا سىزنى تۇتۇپ ئىنئام ئالىدۇ، ھەم بىرنىمە رورچى بولۇش مۇمكىنچىلىكىڭىز بىلەن ھەقسىز نەچچە كۈن يىمىگەن نەرسىلەرنى يەپ چىقىسىز، لېكىن ھەرگىز ئاچچىقلىنىپ قالماڭ، بولمسا ….

  6. ئىلچىن 2013.12.19 , 02:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى فىلىمكەن، ئاۋۇ قىز ساتىراچ ئۇستىكەن، قاراڭلار، پەرتۇقمۇ تارتماي كىيمنىڭ ئۈستىگىلا چاچ پاچ، ساقاپ پاقالنى چۈشىرىلىۋەردى دىسە….
    لېكىن مېنىڭمۇ ياساتقۇم كىلىۋاتىدۇ:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  7. raziman 2013.12.19 , 14:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىشىلىك تۇرمۇشقا تەسىر قىلىدىغىنى مۇھىت بولماستىن، بەلكى ئىدىيە، ھەرىكەتتۇر.:oops:

  8. hayatim538 2013.12.19 , 14:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ، تۇرخۇماردىكى دوستلار بۇسىن ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن .
    مەيلى ئادەم تۇرمۇشتا باي بولسۇن , نامرات بولسۇن ، ئادەمنى ھەر ۋاقىت مۇكەممەل ھەم گۇزەل
    قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ روھ ، ئاڭ دۇنياسى جېمۇ ، ھە !
    مۇنداق دىسەم بەلكىم تازا توغرا بولماس ، راست ئاۋۇ قىز ئۆز كەسپىگە ئۇستا ئىكەن ، شۇنداق تەبىئي ياسىدىغۇ چاچنى ، لىكىن بۇ يەردە دېيىلۋاتقىنى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ چىچىڭلارنى ياساش ئەمەس.
    بۇ ھايات ئاجايىپ ھايات ھە دوستلار !!!

  9. سەھەر 2013.12.20 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى سىن ئىكەن، ئادەم مەيلى قانداق ۋاقىت ، قانداق شارائىتتا بۇلسۇن قەيسەر بۇلىشى ئۆزىگە ئىشىنىشى كىرەك .

  10. قارغاي 2013.12.20 , 18:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ ئىدارىدىكى يولداشلارنىڭ دىيىشچە ئۆزلىرى ھەممىدىن ئەقللىقمىش،ھېچ نەرسە ياسىيالمىسىمۇ خەق ياسىغاننى بىر كۆرۈپلا ئۆگۈنىۋالامىش

  11. مەۋلان 2013.12.21 , 00:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىدېئونىڭ ئاستىدىكى ئېلاننى چىقىرەتكىلى بولمامدۇ؟ خىرىستىيانلارنىڭ ئېلانىكەن.

  12. ئىلھام 2015.01.07 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندىن سانغاندا ئىكىنچى ئىنكاسقا ئەگەشتىم مەنىسى باركەن ….:mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量