سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
سېھرىي خىيالىزىم ئۇسلۇبىدىكى مەزكۇر فىلىم 2013-يىللىق Sundance خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا كىرگەن. فىلىمدە، ئىككى بالىنىڭ دېڭىز بويىدا سۈرەتكە چۈشىۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن Mbwana(ئىككى بالىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى) بىلەن بىر دانە چوڭ بېلىقنىڭ بوشلۇققا شۇڭغىۋاتقان سۈرىتىنى تارتىپ سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن Mbwana بۇ مەھەللىدىكى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ ھەمدە شۇ كەنتكە ئاز بولمىغان سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كىچىك كەنت ھەشىمەتكە تولغان ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىدۇ. ھالبۇكى، ھېكايىمىزنىڭ باش پېرسوناژىمۇ نەپسانىيەتكە تولغان دۇنيادا نىشانىدىن ئېزىشقا قاراپ ماڭىدۇ، تاكى قېرىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھېلىقى چوڭ بېلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قالىدۇ…
كەنتنىڭ 50 يىللىق ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلىگەندە، فىلىم Mbwana نىڭ كۆز قارىچۇقى ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ بىر قېرى بوۋايغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەرمۇ ماددىي دۇنيادا ئۆزىنى بارا-بارا يوقىتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئۇنتۇيدۇ، Mbwana بولسا بىر ئۇنتۇلغان رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.
فىلىمنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كىچىك كەنت چاكىنا، ئىسراپخورلۇق ۋە راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن، تەلۋىلەرچە پۇرسەت ئىزدەپ يۈرۈيدىغانلار توپلاشقان بىر دېڭىز بويى كەنتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە كەنتتىكى ئەسلىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بېلىق تۇتۇش ئەنئەنىسى يوقىلىشقا باشلايدۇ. بىز فىلىمدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن پۇشايمان ئۇچقۇنىنى بايقىيالايمىز. يوشۇرۇن ئىشارە تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك بىر مەيدان كۆرۈنۈش بولسا فىلىمنىڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىلىدۇ، كەنتتىكى ھەممە كىشى كەينىگە چېكىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ كەتنىڭ ماددىي جەھەتتىن چىرىكلىشىپ، كىشىلەرنىڭ روھىي بېغىنىڭ بارغانسىرى قۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى ئىدى.
فىلىم 17 مىنۇت كېلىدۇ، بىر قىسىم ئېنگلىزچە دېئالوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، فىلىمنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئاخىرىدا بۇ سېھرىي خىيالىزىم ئۇسلۇبىدىكى فىلىمنىڭ سىزگىمۇ قاتتىق تەسىر قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Jonah
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساياھەت، فانتازىيە، فىلىم، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,557 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jonah.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر مىنۇتتا قېرىپ كېتىش | ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
- كېيىنكى يازما > كارتون بىلەن ئۆتكەن ھايات: 宫崎骏 ۋە ئۇنىڭ كارتون دۇنياسى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
چۈشۈرۋىلىپ تەپسىلى كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يازاي ما تىمىغا ،
ھەي بولدىلا ، مانىڭغىمۇ ئىنكاس يېزىۋىتەي ، يۇقۇملۇق كىسەلدەك مۇشۇ يېڭى تىمىغا ئىنكاس يازمىسام بىرخىللا بوپ قالىمە دىسە
يۇقۇملۇق كىسەل دەڭ
يائاللا… قاچان يېڭى تېما يوللىناكىن دەپ دۇربۇن بىلەن قاراپ تۇردىغان مۈشۈك كۆزلەر جىقكەن ھە…
ئۈنۈملەر ھوللىۋوتنىڭ فىلىملىرىدەكلا چىقىپتۇ. پەچەت سىنكە ئەمما.
بۇرۇن بىريەردە كۆرگەن چىراي …
ھەزرەت گىرافىكى دا كۆرگەن فىلىم كەن!
مىنىڭ كومپيۇتىرىمدا تورخۇمارنىڭ بەزى تىمىلىرى يانفون نۇسخىسىدا ئېچىلدىغان بولۇۋالدى. مۇشۇ تمىمۇ شۇنداق ئېچىلدى. تۈزەپ قويساڭلارچۇ
چاتاقچى ئىسىملىرىغا لايىق بولاپتا ،تىمىغا كەلسەك فانتازىيە كۆرىنىشلىنى كىرىشتۈرۈش تەرەققىي قىلغانسىرى ساختا مۆجىزىلىك فىلىملە كۆپلەپ ئىشلىنىدىكەن لىكىن بىدىن بىر ئامال قولىنى يۇيۇپ نان يىيىش ئەقلى با باللا چۈشەنگەن بولسىڭىز سازكەننى بىسىپ
ھاجېممممم بىزبى يات مىللەت بوممىغاندىكىن گەپنى تۈز تۈز دىمەيلىما ، دۇنيادا ھەممىدىن ئەدەم دىگەننى چۈشەنمەك تەسچۇ ، دىۋەتسىلىلا بولمىدىمۇ بىزمۇ ئارتۇقچە ئويلاپ ئولتامايلى
تورخۇماردا ھەممە ئىنكاسقا بىر قېتىمدىن مازكەننى بېسىپ چىقسا نېمانداق راھەت
شۇنداق قىلساڭلا ئىسمى – جىسمىڭلىغا لايىق خىيالى دۇنيادىكى ئەزىمەتكە ئايلىنىسىلە ئ= ( چاقچاق)
ئاشۇ يەردىمۇ BRT بارمۇ نىمە،، ئاۋۇ ئاپتۇبوسقا قاراڭلار
بىزمۇ قاچان مۇشۇنداق سىزىمدىكى فىلىملەرنى ئىشلىيەلەيدىغان بولامىز؟
تۆگىنىڭ قويرىقى يەگە تەككەندە ئاۋال ئۆزلىكىمىزنى تونۇيلى
Forever بۇرادەر ھازىر چىقارغان تىلىفۇندىكى ئەپنىڭ ئىسمى نىمە
بۇ فىلىم ئادەمگە «قۇم باسقان شەھەر» دىكى بىغەملەر شەھرىنى ئەسلىتىدىكەن. بىغەملەر شەھرىمىز قانداق بۇلۇپ كىتەر.؟
ئېسل
بۇ فىلىم ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن. كۈرەش دېگەندەك بۇنداق سىنارىيەلەر يېزىلىپ بولغان، شۇ فىلىم قىلىپ ئىشلەنمىدى خالاس…