كارتون بىلەن ئۆتكەن ھايات: 宫崎骏 ۋە ئۇنىڭ كارتون دۇنياسى
千与千寻 (چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى)نى كۆرمىگەنلەر ئارىمىزدا يوققۇ دەيمەن؟ (ئەگەر كۆرمىگەن بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ) پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داڭقى بار بۇ كارتوننى كۆرگەن كىشى كارتون ئىچىدىكى خىيالىي دۇنيادىن سېھىرلەنمەي قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پېرسوناژلار، تېخىمۇ مۇھىمى ئاشۇ سېھىرلىك مۇزىكىلىرى قەلىب تارىڭىزنى چەكمەي قالمايدۇ. راست گەپنى قىلسام، ئەينى ۋاقىتتا مەن تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقىتتا نەچچە كۈنگىچە مەست بولۇپ قالغاندەك ئەس-ھوشۇمنى بىلمەي يۈرگەنىدىم(ئەلۋەتتە ئۇ خېلىلا كىچىك ۋاقتىم ئىدى)…
ۋەھالەنكى، 宫崎骏 نىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنداق ۋەقەلەر دائىم ئۇچرايدۇ، مەن ئۇ ئىشلىگەن كارتونلارنى ھەممىنى دېگۈدەك كۆرۈپ بولغان، يەنە كېلىپ قايتا-قايتا كۆرىمەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئامراق بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، ئۇ ياراتقان بالىلارچە سېھرىي دۇنيا، چۆچەكلەردىكىدەك خىيالىي ۋەقەلىكلەر رېئاللىقنىڭ بەزى خاپىلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ۋە بىر خىل تامامەن ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدۇ. ۋەقەلىككە گۈلدەك ماس كەلگەن مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ كارتون ئىچىگە كىرىپ كەتسىڭىز خۇددى ئاشۇ دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك، سىزمۇ ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ئاجايىپ تەسىراتلارغا ئېرىشىسىز. خوش، ئەمدى ئۇنىڭ كارتون ئىشلەش ھاياتى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى.
宫崎骏 ئەپەندى 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى توكيودا تۇغۇلغان. 1963-يىلى ياپونىيەنىڭ داڭلىق كارتون ستودىيىسى 东映 گە كېلىپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ 吉卜力工作室 نى قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا كارتون ئىشلەشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەيلى كۆرۇنمە يۈزى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ۋەقەلىك جەھەتتىن بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ ستۇدىيىلىرى بىلەن
بەسلىشەلەيدىغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دۆلەتتىن بولسۇن، مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا «دەۋر ژۇرنىلى» ئۇنى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 100 شەخسنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ ۋەكىللىك بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
风之谷
天空之城
ئۆزى ئەڭ رازى بولىدىغان ئەسىرى 龙猫
哈尔的移动城堡
借东西的小人
يېقىندا، بۇ كارتون ئۇستىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى 起风了 نى كۆپچىلىككە سۇندى ھەمدە شۇندىن باشلاپ، كارتون ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۇنيا كارتونچىلىقى ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
قوشۇمچە: 吉卜力工作室 ئەسەرلەر توپلىمى ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى توردىن كۆرۈش
宫崎骏 نىڭ ئەڭ يېقىن خىزمەتدىشى، ھەممە كارتونلىرىنىڭ مۇزىكا ئىشلىگۈچىسى 久石让 نىڭ 武道馆 دە ئۆتكۈزگەن كونسېرتى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,661 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: miyazaki-hayao.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
- كېيىنكى يازما > بور بىلەن سىزىپ ئىشلەنگەن ئۆزگىچە كارتون – خاسىيەتلىك ئادەم VS تىيىن دىۋە
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
مەنمۇ ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلىنغان چىھېرونى كۆرۈپلا قاتتىق ئىچىگە كىرىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسىنى كۆرۈپتىمەن، ئۇمۇ بەك قالتىس چىقىپتۇ. ئىشقىلىپ ئۇسلۇبى ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىشلەيدىكەن.
مەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ بارىلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بولغان ،ئالدىنى 7ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ كۆرۈپتىكەنمەن ئويلاپ باقسام،
ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدەشمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ ئىجادىيتىغۇ دەيمە .،.
ئىشقىلىپ 2د كارتونچىلقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن ئادەم بۇ .،.
قانداقلا كىنوسىنى كۆرسە مىنۇتنىڭ ئىچىدە بىلىپ بىلمەي كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىكەن ئادەم .،.
哈尔的移动城堡پەيزى جۇمۇ
ئانىسى بىلەن دادىسى چوشقىغا ئايلىنىپ قالىدىغىنىمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ كارتونسىمۇ ؟
شۇ شۇ، چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى دىگەن كارتون شۇ.
ئۇيغۇرچە يېزىش ئىمكانىيەت بولغان جايلارنىمۇ خەنزۇچە يېزىۋېرىپتۇ. بۇ تېمىنى تەدبىركار يازسا ھەرگىز بۇنداق چىقمايتتى، بۇ كارتونچىنىڭ ئىمىنى بولسىمۇ ياپۇنچىسىنى ئالسىڭىز بوپتىكەن ، مۇ شۇ جايلار تېمىنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ
Hayao Miyazaki is a Japanese film director, animator, manga artist, producer, and screenwriter
خاياۋ مىيازاكى دەمدۇ نېمە بۇ فىلىم رىژىسورىنى
مىيازاكى ھايائو
خارنىڭ يۆتكەلمە قەلئەسىنى نەچچە كۈن ئاۋال قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرۈپ تەگەتتۇق ، قىزىم خارنىڭ قىز ياكى ئوغولبالا ئىكەنلىگە قايمۇقۇپ قالدى ،ئۇ :ئاتا ،بۇقىزمۇ ياكى ئوغۇل بالىمۇ ؟،چىچىغا قارىسام تېخى قۇلۇقىدا ھالقىسى بارئىكەن قىزبالىمىكىن دىسەم ، ئاۋازى ئوغۇل بالىنىڭ ئىگەنغۇ ؟ دەپ تۇرىۋىلىپ ئاران تەستە چۈشەندۇردۇم ،قۇلقىدا ھالقىسى بار ئوغۇل بالا ئىكەن دەپ .
توۋا بىرە تال ئىسلامى كارتون ئىشلىمەپتۇ ھە تىخنىكىسى تامامەن بولىدىكەن ئەسلى ھەر ئادەمنىڭ تاللىغان يولى ھەي پەقەت 2 يول ھە
مۇشۇنىمۇ گەپ دەپ قىپسىز ھە؟ يا ئۇ ئادەم مۇسۇلمان بولمىسا نىمىشقا ئىسلامى كارتون ئىشلىگۈدەك ,بۇ ئىتنى نىمىشقا چاشقان تۇتمىدىڭ دەپ ئەيىپلىگەندەكلا ئىش ئەمەسمۇ؟
خاياۋ مىيازاكىنىڭ ئەسەرلىرىرى ئىچىدە بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقرى بولغىنى دەل… …‹چىې بىلەن چىھرو›.
ھەممە ئىنكاسلارغا مازكەن كۆپ بېرىلىپتۇ…..
مەنمۇ چېھرونىڭ سەرگۈزەشتىسى
خاۋلنىڭ كۆچمە قەلئەسى
خېلى كۆرەپ قويۇپتىكەنمە
بەلكىم زىيارەت قىلغان ئادەملەر بەك ماز چوڭ بوپ قالغان ماز پاينەك ئەپەندىلەر بولسا كېرەك ،.شۇڭا مازلىشىپ ھەممە نەرسە كۆزىگە مازدەك كۆرۈندىغان ئوخشايدۇ .،.
بۇنىڭغىمۇ ماز كەننى بېسىڭلا مازەكلە،.
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق”
شۇ يىقىندىن بىرى مازخانىدا ئىشلەيدىغانلار كۆپىيىپ قالغان چىراي… …
ماڭا مۇشۇ كارتونلارنىڭ مۇزىكىسى بەكرەك يارايدۇ . 久石让 ئەپەندىىنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرىمەن. بولۇپمۇ ‹‹ كۆكتىكى شەھەر ›› نىڭ.
借东西的小人 بۇنى ئۆيدىكىلەر بىلەن قايتا- قايتا كۆرىمەن. دوستلارنىڭ بۇنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياپۇنيەنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرنى ئۆگىنىپ ،ئۆزىمىزنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋيىمىزنى ئاشۇرساق بۇلىدۇ.
كىچىككىنە تەكلىپ، بولسا ئىسىم ۋە ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى يېزىلىپ ئاندىن زۆرۈر بولسا تىرناق ئىچىگە خەنزۇچە ئەسكەرتىلسە. باش تېمىدىلا كۆزۇمگە سىغمىغان بىر ئىش مىيازاكى خاياۋ (Miyazaki Hayao)نىڭ ئىسمىنى ئىزدەپ باقمايلا خەنچە يېزىپ قويغاندەك قىلىسىز…ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى نامراتلاشتۇرۇپ سازايە قىلمايلى .
راست، بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن، پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.
داداشكا،ياپونچىدە خ دەيدىغان گەپ يوق،خ كەلسە بۇنى خ بىلەن ھ نىڭ ئارلىقىدا تەلەپپۇز قىلىمىز.شۇڭا دىققەت قىلسىلا ،باشقىلاردا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ ئاۋۇنىڭدەك خەتلەر.
龙猫 ماۋۇ كارتونسىنىڭ ئۇيغۇرچا خەتلىكى يوقمىدۇ”
بىركۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ”
بولۇپمۇ قالار
ماركونىڭ ئاپىسنى ئىزدىشى دېگەن كارتونلارنى كىچىك ۋاقتىمدا دەششەت كۆرۈتۈمدە ئەمما لېكىن .. بۇ تېمىنى كۈرۈپ كىچىك ۋاقتىم ئېسىمگە كەپ قالدى
خاياۋ مىيازاكى ئەپەندىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بولسا يەنە تەۋسىيە قىلساڭلار.باشقا ئېسىل كارتون فىلىملەر بولسىمۇ تەۋسىيە قىلىڭلار!