2012-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى – «ئانا تەن2(Prototype2)»
«ئانا تەن2(Prototype2)» بولسا بىر تۈرلۈك ئەركىن كونترول قىلىش تىپىدىكى ئويۇن، Activision شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. «ئانا تەن2» بولسا «ئانا تەن(ProtoType)»نىڭ داۋامى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇننىڭ بىرى دەپ تەرپلەنمەكتە. تەشۋىق فىلىمىدە ھەقىقىي ئارتېستلار رول ئالغان بولۇپ، قارىماققا كىنولارنىڭ تەشۋىقات فىلىمىغا ئوخشاپ قالىدۇ، مەزكۇر ئويۇن 7-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدۇ…
ئالدىنقى بۆلۈمگە ئوخشاشلا، «Prototype2» نىڭ ۋەقەلىكىمۇ نىيۇيورك شەھىرىدە داۋاملىشىدىكەن. ئىلگىرىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ئاپەت تۈپەيلى، بۇ قېتىم نىيۇيورك شەھىرى نۆل گرادۇسلۇق نىيۇيورك دەپ ئاتىلىدىكەن، يۇقۇملىنىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شەھەر ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مانخاتتون قىزىل رەڭلىك رايون بولۇپ بېكىتىلىپ، ئاللىقاچان بىئو-خىمىيلىك غەلىتە مەخلۇقلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان. مانخاتتونغا يېقىن جايدىكى ئارال سېرىق رەڭلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن، يېشىل رەڭلىك رايون بولسا ئەڭ بىخەتەر بولۇپ، بۇ يەردىكى ئالاھىدە قوغدىغۇچى ئەترەتلەر كىشىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئەندىشىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدىكەن.
Prototype 2 دىكى باش پېرسوناژ ھەرگىزمۇ بىرىنچى بۆلۈمدىكى Alex بولماستىن، بەلكىم James Hellen ئىسىملىك يېڭى پېرسوناژ ئىكەن. James بىر ئەسكەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى دۈشمەنلىرىنىڭ پلانىنى بىتجىت قىلىش ۋە ئۆزىنى ياساپ چىققان ئادەم(Alex) نى ئۆلتۈرىۋېتىش ئىكەن.
ئەسلى تەن2(Prototype 2) نىڭ ھەقىقىي ئارتېستلار ئىشلىتىلگەن تەشۋىقات فىلىمى:
ئەسلى تەن2 نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى:
ناۋادا سىز مەزكۇر ئويۇننىڭ 1-بۆلۈمىنى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تورخۇماردا ئىلگىرى تونۇشتۇرۇلغان «يالقۇنجاپ تۇرىدىغان كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ پۇزۇر بولغان ئويۇن : ئانا تەن(Prototype)» ناملىق يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئانا تەن(Prototype) ئويۇنى 1-بۆلۈم | باشقا ئويۇنلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,715 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: prototype2-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- كېيىنكى يازما > نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
ۋاي نەدە ئولتۇرۇپ قالدىم مەن
مانا ئەمىسە!قولىڭىزغا سۇ قۇيۇپ بېرەيمۇ؟
ئەمدى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يازىلى ئىنكاسنى كارامەت ئويۇن جۇمۇ 1-بۆلىمىمۇ قاچانمۇ چىقار بۇ ئادەمنى تەقەززا قىلىپ
ئاپلا خاتا يىزىپ قالدىمغۇ 2-بۆلۈمنى قاچان چىقار دىمەكچى ئىدىم .
دىۋاندا ئولتۇرغان ئادەممۇ مۇشۇنداق جىق گەپ قىلامدۇ؟
چوڭ سۈپەت ئولتۇرلى ماندا، ھې ھې ھې
پىچچەت ئۇيۇن جۇما بۇ ئىشقىلىپ
ۋاي قاچان چىقا بۇ 2جى قىسمى ئەمدى… فىلىمىنى كۆرۈپ تۇرالماي قالدىم…
ۋاي مەن بۇ ئويۇننى چوقۇم ئوينايمەن چىقسىلا. بىرىنجى بۆلۈمىنى ئويناپ چاڭ چىقىرۋەتكەن… ھازىر Aliens vs. Predator نى چۈشۈرىۋاتىمەن. ياخشى ئويۇن خالاپ قالسام تورخۇمارنىلا ئاچىدىغان بولۇپ قالدىم جۇمۇ ھازىر… لېكىن چۈشۈرۈپ ئويناشتا باشقا دېتالنى ئىشلىتىمەن. ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ…
تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئويۇننى بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئويناش دېتالى 快快游戏 نى كۆپچىلىككە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ،تەۋسىيە قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى.. لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹مەھسۇلات›› لىر تورخۇماردا ئاز ئۇچرايدۇدە…
بۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. ئادەتتە 3DM نىڭ ئويۇنلىرىمۇ خېلى ئوبدان پرېسلىنىدۇ. قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى.
虐杀原形 دېگەن مۇشۇ شۇمۇ؟ ئويۇن ئويناپ باقمىغىلىمۇ خېلى ۋاقتلار بولۇپ كەتتى دېسە…..
قان بىلەن تولغان ئويۇندە بۇ…
ماڭا ئويۇن ئويناش پەقەت خوشياقمايدۇ(توردا دىمەكچى) ، مەن wwe نىلا كۆرىمەن.
ھەي باللا 1-بولۇمدىكى باش پىرسۇنازنى ئولتۇرەمدىكەن
刺客信条 دەك نوچى ئەمەس بۇ. بەك يىرگىنىشلىك…