Windows 8 – بىز يەنە بىر قېتىم، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردۇق!
مىكروسوفت(Microsoft) ئالدىنقى ئايدا بىر قانچە دانە سىننى ئېلان قىلىپ، Windows8 نىڭ بىر دانە كونا سەپلىمىلىك لەپتوپتىكى قوزغىلىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، ئۈنۈمى خېلىلا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، يېڭى ئېلان قىلىنغان Macbook Air نىڭ Lion سېستىمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ، قارىغاندا، ئۇزۇندىن بېرى كۆپچىلىكنى قىيناپ كېلىۋاتقان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى مەسىلىسى ئاخىرى بىر ئاز ئەلالاشتۇرۇلغان چېغى…
بىراق، بەزى تورداشلار بۇ گەپنىڭ ئازراق تونۇش ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنمەي Windows نىڭ ئىلگىرىكى نەشىرلىرىدىكى تەشۋىقات سۆزىنى ئاختۇرۇپ چىققان ھەمدە تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم قىزىقارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان:
windows 7:
قوزغىلىش سۈرئىتى راكېتاغا ئوخشاشلا تېز؛
Windows Vista:
قوزغىلىش سۈرئىتى Windows XP غا قارىغاندا %50 تېز!
Windows XP، ئۇ تېخى 2002-يىلى ئىدى، مىكروسوفت مۇنداق بىلدۈرگەن:
ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپچىلىك ئەڭ ئېھتىياجلىق سېستىما ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى – سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى(سوغۇق قوزغىتىش، ئۇيقۇ ھالىتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ئىكەن، Windows XP سېستىمىسىدا، Windows ئېچىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، PC نىڭ تېخىمۇ تېز قوزغىلىشى رېئاللىققا ئايلانغان؛
تونۇش ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟ بۇ تېخى ھېساب ئەمەس، 2001-يىلىدىكى Windows me نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىكروسوفت تۆۋەندىكىگە ئوخشاپ قالىدىغانراق بىر گەپنى قىلغان:
Windows me سېستىمىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، PC نىڭ تېخىمۇ تېز قوزغىلىشىنى قولغا كەلتۈردۇق؛
بۇ بىر بۆلەك بىلەن XP نىڭ تەشۋىقات سۆزى ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش. ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى، Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىدە گەرچە ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما «راكېتا»غا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى زور پەرق بار. بۇ قېتىم، مىكروسوفتنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئالما(Apple) بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن خېلى يامان ئەمەس قىلدى دېيىشكە بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، windows8، ئەلالاشتۇرۇش، سۈرئەت، سېستىما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,360 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-boot-faster.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت كەلگۈسىدە Kinect تېخنىكىسىنى Windows سېستىمىسىغا قوشۇۋەتمەكچىكەن!
- كېيىنكى يازما > Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن بىر سكونت ئىلگىرى، ناۋادا پاراڭلاشقىلى بولغان بولسا…
- دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماشىنا – يىگىتلەرنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىنىڭ بىرى
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
دىۋان دىگەن مانا!!!!! تۇنجى قېتىم دىۋاندا ئوتتۇرۇشۇم.
Windows 7:
قوزغىلىش سۈرئىتى راكېتاغا ئوخشاشلا تېز
مەك بۇك ئەييرغا چاقچاق قېلغىلى بولمايدۇ… بۇ ئېنكاسنى دەل لايىن قاچىلانغان مەك بۇك ئەييردا يېزىۋاتىمەن… كاساپەت كومپىيۇتېرنى ئالغاندىن بېرى بىرەر قېتىم ئۆچۈرۈپ باقمىدىم… ئاغزىنى ئاچىمەن ئېشلىتىمەن… ياپىمەن سونكىغا سالىمەن….
ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى، بىچارىنى خېلى قىيناپسىز دەڭە ئەمسە، ئورۇقلاپ تېخىمۇ نېپىزلاپ كەتكەندۇ ھەقاچان…
ۋىندوۋىس 8 ھەقىقەتەن تىز قوزغىلىدىكەن .مىنىڭ pcرىم ئادەتتە 15_25 سىكۇنىتلارغىچە قوزغىلىپ بۇلىدۇ
ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى، بىچارىنى خېلى قىيناپسىز دەڭە ئەمسە، ئورۇقلاپ تېخىمۇ نېپىزلاپ كەتكەندۇ ھەقاچان…
ياخشىكەن