نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows,چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

مىكروسوفت كەلگۈسىدە Kinect تېخنىكىسىنى Windows سېستىمىسىغا قوشۇۋەتمەكچىكەن!

kinect-for-windows-video

مىكروسوفتنىڭ Kinect تېخنىكىسى شۈبھىسىزكى بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، Wii ۋە Sony Move نىڭ كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ چىرايلىق تېخنىكا نۆۋەتتە پەقەت Xbox360 ئويۇنچۇقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، PC ئىشلەتكۈچىلەر قوشۇنىغا تەۋە بىزلەر بولساق، بۇنىڭدىن تولىمۇ مەيۈسلىنىپ تۇرۇپتۇق…

يېقىندا مىكروسوفت تەرەپتىن بۇ توغرىسىدا خۇشخەۋەر كەلدى، Kinect نىڭ يىللىق تۇغۇلغان كۈن ھارپىسىدا، مىكروسوفت تەرەپ Kinect نى Windows قا ئېلىپ كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى!!!

ئەمما مىكروسوفتمۇ بىرلا ۋاقىتتا Kinect نىڭ Windows سۇپىسىدىكى ئاساسلىق رولى ئويۇنلاردا ئەمەس، بەلكى قوللىنىشچان پروگراممىلارغا بەكرەك مەركەزلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.. ئەلۋەتتە، كىچىك تىپتىكى ئېلىكترونلۇق ئويۇنلاردا يەنىلا مەسىلە يوق.

سودا كەسپىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى، مىكروسوفت نۆۋەتتە ئاللىقاچان Kinect For Windows تىپىدىكى ھەر خىل كىچىك قوللانچى پروگراممىلارنى ئېچىشنى باشلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ چېتىلىدىغان ساھەسى داۋالاش، مائارىپ، سەنئەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە بارىدىكەن، نۆۋەتتە تۈزۈپ بولۇنغان قوللانچى پروگراممىلارمۇ 200 دىن ئاشقان.

ئەلۋەتتە، Kinect تېخى ئائىلىلەرگىچە تېخى ھەقىقىي سىڭىپ كىرىشكە باشلىغىنى يوق، بىراق ئىشىنىمەنكى، ئۇزۇن ئارىغا قالماي، دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان يېڭى تېخنىكىلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى يېڭىچە مەنىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال قوشۇپ باقسۇن،شۇ چاغدا كۆرەرمىز كارامەتنى :mrgreen:

  2. ئىرلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئال.ئاللا . ما زامان ئەجەپ تەرەققي قىلىپ كەتتى . بىز تەرەپكە قاچان كېلەر بۇ تېخنىكلار .
    مىكروسوفىتنىڭ ئالدىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان سۈرفەيىس تېخنىكىسىنى تېخى بىز بۇ تەرەپلەردە كۆرۈپ باقىمىدۇق.

  3. AUTO27 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنارسىنى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرسا قانچەپۇل غاتوغراكېلىدۇ. بىلەمسىلەر. :smile: :?: :?: :?: :?:

  4. AUTO27 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنارسىنى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرسا قانچەپۇل غاتوغراكېلىدۇ. بىلەمسىلەر.






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)