21- ئەسىردىكى ئون چوڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئالمىنىڭ ئىكەن…
21-ئەسىرگە كىرگىلىمۇ ئەمدى تېخى 12 يىل بولدى، ئەمما تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆتكەنكى بۇ 12 يىل ۋاقىت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ تېز گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تېخنىكا تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان SAI يېقىندا بۇ ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم 10 دانە پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتىنى باھالاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالمىنىڭلا يالغۇز iPhone/iPad/iPod ۋە MacBook Air قاتارلىق تۆت دانە مەھسۇلاتى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا Wii قاتارلىقلارمۇ بۇ قاتارغا تىزىلغان.
1. iPhone
iPhone زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، ئالما شىركىتى كەسىپلىرىدىكى ھالقىلىق تۈر بولۇپ قالدى. iPhone پۈتۈن يەرشارىنى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالاقە، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتىكى مۇھىم قورالى بولۇپ قالدى. iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقىتى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پەيتتە، كىشىلەر iPhone نىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا…
2. iPad
ئالما ئېلان قىلغان iPad تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېرى كىچىك دائىرىدە ئىشتىلىش ئېھتىياجى بار كىشلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. iTunes App Store نىڭ بوشلۇقىمۇ كېڭەيتىلىشكە ئېرىشتى، تۈرلۈك ئەپلەر ۋە ئويۇنلارمۇ تېخىمۇ چوڭ بازارغا ئىگە بولدى.
3. Android
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى يەككە Android ئۈسكىنىسى ئەمەس بەلكى، Android سىستېمىسى. گۇگېل ئېلان قىلغان بۇ كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى ئاللىقاچان تۈرلۈك ئۈسكىنىلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، تەكشى ئەينەكلىك كومپيۇتېردىن تارتىپ، يانفون ۋە ئەقلىيفونغىچە ھەممىسىدىلا ئۇنىڭ ئىزى بار..ئۇنىڭ ياخشى بىر ئەۋزەللىكى ئۇنى ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
4. ipod
2001- يىللىرى جاھان سورىغان iPod مۇزىكا قويغۇچ بازىرىنىڭ ئويۇن پرىنسىپىنى ئۆزگەرتكەن. iPod دا سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق مۇزىكىلىرىنى ساقلىيالايسىز، بىر دۆۋە CD لارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز. iPod يۈرۈشلۈكلىرىدىن كېيىن يەنە iPod Touch بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بىر مۇزىكا قويغۇچ دېيىشكە بولىدۇ.
5. ئامازوننىڭ Kindle ئېلىكترونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچىسى
Kindle بەلكىم بەزىلىرىمىزگە ئانچە تونۇش بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق ھازىر سىز پەقەت ئېلىكترونلۇق نەشىرى تارقىتىلغان ھەرقانداق كىتابنى، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ۋاراقلاشقا ئۈلگۈرەلەيسىز.
6. بارماقدېسكا
بارماقدېسكا پاتېنتى 2000- يىللىرى ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ تېزلا ھۆججەتلەرنى تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم قورال بولۇپ قالدى. ھازىر بىز سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 256GB بولغان بارماق دېسكىنى سېتىۋالالايمىز، بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي، TB لىق سانلىق مىقداردىكى بارماقدېسكا بىلەن يۈز كۆرۈشىشىمىز مۇمكىن.
7. xbox ۋە kinect
Kinect بېرىكمە دېتالى Xbox نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتتى. نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل يۇمشاق دېتال ياسىغۇچىلار Kinect نى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلىتىپ، ئۇنى 3D بوشلۇقىنى تەسۋىرلەيدىغان ماشىنا ئادەم بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتتى.
8. MacBook Air
دائىم كاماندروپكىغا چىقىپ، ئۇ ياق- بۇ ياققا چېپىپ يۈرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ زىيادە نېپىز خاتىرە كومپيۇتېرى ئۇلارنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ياخشى ھەمراھى بولۇپ قالغان.
9. Wii
Wii ئويۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خوشاللىقنى نىشان قىلغان ئائىلە ئويۇنلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
10. Flip كامېراسى
Flip كامېراسىغا سۈرەتكە ئېلىش لېنىسى ئىشلىتىشكە، چوڭ باتارىيە قاچىلاشقا بولىدۇ. ئۇ بىر كونۇپكا بىلەنلا يۇقىرى سۈپەتلىك كۆرۈنمە چاستۇتىغا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكى ۋە زىيادە تۆۋەن باھاسى بىلەن سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، iPad، iPhone، ipod، kinect، Mac، xbox، بارماقدېسكا
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,435 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: top10-digital-products-of-the-21st-century.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈن نۇرى ئاستىدىكى جەڭ – پەرەز قىلىپ بېقىڭ، سىزچە قايسى ئەقلىفوننىڭ كۈن نۇرى ئاستىدا كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
ئالمىنىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرى باركەنغۇ بۇنىڭدا
مانا دىۋان دىگەن !!!
xbox مىكروسوفتنىڭ كىغۇ دەيمەن ..
ئەمدىكى پىلان MacBook Air …..
توۋا …….
ئاخشام تورخۇماردىن Fetih 1453 دېگەن كىنونى چۈشۈرۈپ چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن…
ئالما ھەقىقەتەن قالتىسكەن جۇمۇ!
بۇ تېمىنى مەن خەنلەرنىڭ تورىدىمۇ كۆرگەن …ئۇنىڭدا 20 ئېدى…موتورولا يانفۇنى،پېلەي سىتەيشىن 3 مۇ بار ئېدى…xpox360 ,Wiiلار ئۇنىڭ ps3 ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمۇ؟
ps3 چۇ؟ xbox،wii لارنى دەپتۇ،بىراق ps لارنى دىمەپتىغۇ؟
ھەممىسى ساپلا رەقەملىك ئۇسكۇنىلەر ئىكەن ، بۇندىن كىيىنكى مۇشۇنداق تىمىلاردا ئەمدى رەقەملىك ئۈچ ئۈلچەملىك ئۇسكۇنلەر ئاساسى سالماقنى ئىگەللىسە كىرەك .
ئاندىرويىد 3 – ئىكەن .