نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

كۈن نۇرى ئاستىدىكى جەڭ – پەرەز قىلىپ بېقىڭ، سىزچە قايسى ئەقلىفوننىڭ كۈن نۇرى ئاستىدا كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشىدۇ؟

يانفوننى دائىم ئۆيدىلا ئىشلەتمەيمىز، ھازىرقىدەك تومۇز ياز كۈنلىرى قۇياش نۇرى تىك چۈشۈپ يەر-جاھاننى قىززىتىۋاتقان مەزگىلدە، كۆپىنچە سىرتلاردا كۈچلۈك قۇياش نۇرى يانفون ئېكرانىغا بىۋاستە چۈشۈپ، ئېكراننى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئېنىقلا مەۋجۇد(دائىم بىر قولىدا ئېكراننى توسۇپ يانفونغا قاراۋاتقانلارنى كۆرىمىزغۇ؟)، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئالتە خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كۆرۈپ ئۆتەيلى، قېنى زادى قايسى يانفون كۈن نۇرى ئاستىدا بەكرەك جۇلالىنىدىكىن؟

smart-phone-sunlight-test

ئاۋال يانفوننىڭ ئېكران يورۇقلىقىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە تەڭشىۋالايلى ھەمدە يورۇقلۇقنى ئاپتوماتىك تەڭشەش تۈرىنى تاقىۋېتەيلى. سۈرەتكە ئېلىنغان مەزگىل قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەر ئەتراپى بولۇپ، يانفوننى تۇتۇپ تۇرغان ۋە سۈرەتكە تارتقان ئادەمنىڭ ئورنى مۇقىم، شۇڭا تۆۋەندىكى سىناقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

which-smartphone-best-screen-in-sun-7

بۇ ئالتە دانە يانفون ئايرىم ئايرىم ھالدا: iPhone 4S/Samsung Galaxy SII/Samsung Galaxy S3/Nokia Lumia 900/HTC One X ھەمدە Sony Xperia S لاردىن ئىبارەت.

باشتىكى رەڭلىك سۈرەت بولسا ئۆي ئىچىدە بۇ يانفونلارنىڭ ئېكران يورۇقلىقىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەرتىپ بويىچە تەڭشەلگەن قاتاردا تىزىلغان، ئۈستىدىكى رەڭسىز سۈرەتتە بولسا، بۇ يانفونلارنىڭ ئېكرانىنىڭ ئىسسىق رەڭدە ياكى سوغۇق رەڭدە ئىكەنلىگى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

iPhone 4S

which-smartphone-best-screen-in-sun-1

باشتىكى سۈرەت(ئۈستىدىن سانىغاندىكى 2-رەڭلىك سۈرەتنى دېمەكچى)تە، iPhone 4S نىڭ ئېكرانى ئەڭ يورۇق ھالەتتە بولۇپ، HTC One X نىڭ ئىسسىق رەڭدىكى ئېكرانىغا قارىغاندا، بۇ بىر كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان سوغۇق رەڭدىكى ئېكران. بەلكىم ئېكراندىكى يوغان دانە دانە ئايكونلار بولغاچقىمىكىن، بىز ئېكراندىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەلەيمىز.

Samsung Galax S II

which-smartphone-best-screen-in-sun-3

Galaxy S II نىڭ ئېكرانى ھەقىقەتەن ئانچە يورۇق ئەمەس، ئۆينىڭ ئىچىدە چاغدىمۇ شۇنداق، Galaxy SII ئىشلەتكەن ھەممىسى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ، بولۇپمۇ قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئېكراندىكى نەرسىلەرنى ئاساسەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

Samsung Galaxy S III

which-smartphone-best-screen-in-sun-4

بۇ ئالتە يانفون ئىچىدە بېشى ئەڭ يوغىنى مۇشۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇرادىرى بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ، GS3 نىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا ياكى ئۆي ئىچىدىكى يورۇقلۇقى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا بۇ يانفونلارنى ئامال بار ئاپتاپ چىقمىغان كۈنلىرى ئىشلەتكەن ياخشى ئوخشايدۇ…

NOKIA Lumia 900

which-smartphone-best-screen-in-sun-6

رەڭ روشەنلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان Lumia 900 نىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى، شۇڭا Lumia 900 بەلكىم قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىشلىتىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان يانفون بولۇشى مۇمكىن، قارىغاندا Microsoft ۋە NOKIA دىكى ئېنژېنىرلار ھەممىسى ئاپتاپقا قاقلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ.

ئاددىي ۋە ئىخچام لايىھەلەنگەن Metro كۆرۈنمە يۈز قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۆزىنى تېخىمۇ ئاقسا تۇتقۇدەك.

HTC One X

which-smartphone-best-screen-in-sun-5

4.7 سۇڭلۇق LCD ئېكران قۇياش نۇرىدىن قورققان ئەمەس، شۇڭا كۈن نۇرى ئاستىدا بىز sense كۆرۈنمە يۈزىدىكى ھەرقانداق تەپسىلاتلارنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇ GS3 گە قارىغاندا نەچچە كوچا يولنى ئارتۇق مېڭىشقا يېتىدۇ.

Sony Xperia S

which-smartphone-best-screen-in-sun-2

Xperia S كە بىر دانە ئىنتايىن قالتىس ئېكران سەپلەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۈن نۇرى ئاستىدىكى ئىپادىسىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، بىز كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا يانفوندا ئېلىپ بارىدىغان كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىمىزنى تولۇق تاماملىيالايمىز.

خۇلاسە

كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، Galaxy SII ۋە SIII نىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئىپادىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، بىراق، ناۋادا سىز سىرتقا ئانچە كۆپ چىقمايدىغان، كۆپىنچە ۋاقتىڭىز ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا ئۆتىدىغان كىشى بولسىڭىز ئويلىشىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ؛ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغىنى Lumia 900، ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن Metro كۆرۈنمە يۈز بىر قاراشقىلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. خىيال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە iphone دىن مەن شۇنداق رازى… :mrgreen:

    • Forever :

      شۇ ، شۇ …. :evil:

  2. نامسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن HTC One X ئالغان ئىدىم .ئالماشتۇرسام بولامدۇ نىمە؟ :grin:

  3. شىرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ نوكىيا900دىن بىرنى ئالاي دەپ توختاپ قالغانتىم قارىغاندا ئالغاچ تۇرسام بولغىدەكتە .نىمىلا دىگەن بىلەن كونا زاۋۇت دە :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  4. ياغما : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇرۇن قارا بۆلجۈرگەن 9000 دىگەن يانفوندىن بىرنى ئىشلەتكەن، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشۈدىغان يەردىمۇ شۇنداق ئېنىق كۆرۈستىدۇ، ئېسىت شۇنداق ياخشى بىر ماركا يوقۇلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى دىسە،

  5. ئۈزەم شۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا ئۈزەمنىڭ SONY ST18i رى ياخشىكە ،SONY تېلفۇنلارمۇ بوش ئەمەس جۇمۇ بۇلۇپمۇ قۇلۇمغا چىققاندىن بېرى شۇنداق جانلىنىپ كەتتى بۇ كاساپەت

  6. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Sony بىلەن سىلىشتۇرۇش توغرا كەلسە Sony Xperia p نى ئەكىلپ سىلىش تۇرۇش كىرەك …چۈنكى ئۇنىڭ ئىكرانىغا htc بىلەن بىللە ئىجاد قىلغان wight magic ئىكرانى ئىشلىتىلگەن…لىكىن بۇ تىلفۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئېكران سۈزۈگلىگى ئەڭ يۇقرىسى Xperia S.

  7. ئابدۇۋاھاب : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سونى دىسە شۇنداق ئاياجانلىنىپ كىىتمىەن جۇما ئشقىلىپ ..نىمىشقىكى… :lol:

  8. جاھانككەزدى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تېخىچە 5800w نى ئىشلىتىۋاتىمەن قارىغاندا ھەممىڭلارنىڭ كەينىدە قاپتۇمەنمۇ نىمە ؟!

  9. ئەركىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داڭلىقنىڭ داڭلىقىلىقى با دېگەن راستكەن

  10. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Galaxy SII نى تۇتۇپ ئاپتاپتا ماڭسا،خەق نېمە قىلىۋاتقاندۇ دەپ قالىدىكەن :mrgreen:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)