نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئۇيغۇر ھەققىدە يالغان پاراڭلار…

بىرنچى ئاي :

كوچا چىراقلىرى كۈندۈزى ئادەملەر ئۈزۈلمەيدىغان ، كىچىسى بوران ئۈشقىيتىدىغان بۇ كوچىنى غوۋا ياندۇرۇپ تۇراتتى ، چاپانلىرىنىڭ پەچلىرىنى مۇز تۇتقان ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ، بۇ كوچىدا ناخشىسىنى ئۈنلۈك توۋلاپ كىتىپ باراتتى، بۇ خوشاللىق بەلكىم چۈشتىن كىيىندىن ياقى دۇكاننىڭ بىر بۇلىڭىدا شىمىشكا-پۇرچاقنى زاكوسقا قىلىپ ئىچكەن ھاراقنىڭ كۈچىدىن بولسا كىرەك . ئەگەر ئۇ سەۋەب بولمىدى دىسەك ، ئۇلارنى ئۆيلىرىدە ساقلاپ ئولتۇرغان ياش ئانا بىلەن سەبى بالا . بىر -بىرىنى ئاران يۆلىشىپ كىتىپ بارغان بۇ ئاۋانگارتلارنىڭ ئىغىزىدىن چىقىۋاتقان ناخشىغا مەنمۇ قۇلاق سالدىم ،.
– ئاھ ،ئاتىلار جەڭلەردە شىھىت ،
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت …

uyghur-heqqide-yalghan-paranglar

ئىككىنچى ئاي :

مەھەللە دوقمىشىدىكى پارچە كۆمۈر ساتىدىغان كۆمۈرچىنىڭ سودىسى بەكلا جانلىنىپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى بىزنىڭ ئارىمىزدا قانچە ئائىلىلىكنى كۈزدە ئىسكىلاتلىرىغا توننىلاپ كۆمۈر بېسىۋالالايدۇ دەيسىز ، كىلولاپ كۆمۈر سېتىۋالغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەچ بۇ يەر بىر كىچىك بازارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئارلىقتا قولىغا بىر سولياۋ خالتا تۇتقان ياشانغان موماي بۇ توپقا قېتىلدى ، ھەم كۆمۈرچىنىڭ ئالدىغا بىرخىل خىجىللىقتا كىلىپ ،
-ماڭا 2 كىلو كۆمۈر بەرگەن بولسىڭىز دەپ ، 5 سوم پۇلنى تەڭلىدى ، ھىلقى خوجايىن چىرايىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلماي ، كۆمۈر ئۇسىۋاتقان بالىغا ۋاقىرىدى ،
-ماياققا 2 كىلو تارتىپ بىرە ، موماي كۆمۈرنى كۆتۈرۈپ كىشلەر توپىدىن غايىپ بولدى ، كۆمۈرچى داۋاملىق سودا قىلماقتا ، ئەتىراپتا كۆمۈر ئېلىۋاتقانلار، بىر ياقتا قارىشىپ تۇرغانلار يەنىلا ئۆز ئەسلى بىلەن ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئىدى …..

 

ئۈچىنچى ئاي :

قىشنىڭ ياقى قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان شەھەر ئەخلەتلىرى ئەمدىلىكتە قارنىڭ ئېرىشى بىلەن مانا مەن دەپ چىقىپ قالغان ئىدى ، سەھەر 4-5 بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ قوياش غەرىپكە باش قويغىچە سوغۇقتا قېتىپ سىزىمىنى يوقاتقان قوللىرى بىلەن تەرلەپ ئىشلەيدىغان تازلىق ئىشچىلىرى بۇ شەھەردىكى مەدەنيەتلىك كىشلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئادالىماقتا . مەدەنيەتلىك شەھەر پۇخرالىرى ئىشقا بىرىش ، ئىشتىن چۈشۈش يولىدا بۇ ئىشچىلارغا بىرخىل كۆزگە ئىلماسلىق نەزىرى بىلەن قاراپ ئۆتمەكتە ، كىلەر يىلىمۇ بۇ ئەھۋال قايتىلىنىدۇ ، ئۇنىڭ كىلەركى يىلىمۇ ھەم شۇنداق ، ئەخلەت تاشلىغانلار يەنىلا مەدەنيەتنىڭ بەلگىسى ، ئەخلەت تازلىغانلار تۆۋەن قاتلامدىكى كىشلەر ھىسابلىنىپ يۈرىۋىرىدۇ . شۇنداق بۇ بىر قانۇنيەت بۇ بىر ھەقىقەت…

 

تۆتىنچى ئاي :

ئېتىز قىرىدا بىردىھقان كەتمەنگە يۆلىنىپ غەم يىمەكتە :” ئېلىپ قويغان ئۇرۇقلۇقمۇ قىشتا تۈگەپ كەتتى . بۇ يەرنى ئەمدى قانداق تىرىغۇلۇق . ئازىراق قەرىز ئېلىپ يەرنى تىرىۋالارمەن ، ئوغۇتنىمۇ بىر ئامال قىلارمەن بوپتۇ . ئاشلىقنى ئۆزۈم كىچە-كۈندۈز ئىشلەپ يۈرۈپ يىغىۋالارمەن ، ئەمما ئاشلىقنى ئۆتكۈزگەندە يرىمىدىن چىقى قەرىزگە قىپ قالغىنى ئۇنىڭ -بۇنىڭغا بولۇپ تۈگەيدۇ ، قىشلىق ئوزۇقنى يەنە قەرىز ئالارمەنمۇ ؟ ” تىگى يوق خىياللار كەتمەننى ئىگىز كۆتۈرۈپ قاتتىق يەرگە پاتتۇرۇپ سانجىيالايدىغان ئەركەكنىڭ بېشىنى ئەگمەكتە. غۇربەتچىلىك تاشتىنمۇ قاتتىق ، راس ئەگەر يۇمشاق بولغان بولسا ئۇيغۇرۇم پاختىنىڭ ئۈستىدە ناخشا توۋلاپ ياتقان بولاتتى ئەمەسمۇ …..

 

بەشىنچى ئاي :

بۈگۈن ئەمگەكچىلەر بايرىمى ، كوچىدا ئۇيغۇر لەيلىمەكتە ، دوپپا بىلەن ياغلىق ئاقماقتا ، مەيدان ، باغچا دىگەندەك يەرلەرنىڭ ئورۇندۇقلىرىغا ئۇيغۇرنىڭ قوڭى چاپلانماقتا ، بۇ پەقەت كەچتىكى سورۇن ئۈچۈن ماغدۇر توپلاشتۇر ، كۈن قايرىلغاندا رىستۇران ، قاۋاق ، يەنە ياتاقلار ئاۋاتلىشىدۇ ، رىستۇراندىن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ، قاۋاقلاردىن ” خوشە ، دوستلىقىمىز ئۈچۈن ، ئىچە سالامەتلىكىڭ ئۈچۈن ” دىگەندەك تەبرىكلەر ، ياتاقلاردىن ئىڭراشلار ئاڭلىنىپ شەھەرگە يىڭىچە بايرام تۈسى قاتىدۇ ، تۈن يىرىملاشقاندا مەسىتلەر يول بويلىرىدا قۇسۇققا مىلەنسە ياش باللار تۈگىمەس ناخشىلىرىنى ئىشىك قاققاچ ياڭرىتىدۇ …

 

ئالتىنچى ئاي :

بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر جۈپ ياش ئاتا -ئانا بالىسىنى يىتلەپ باغچىنى ئايلىنىپ يۈرگەنگە2سائەت بولۇپ قالدى ، باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئەتىراپىدا ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق ئۈستىدىكى ئەركە بارلىلار چۇقان سىلىپ ۋاقىراشماقتا ، دادا يانچۇقىدىكى 100 سومغا يەتمەيدىغان پۇلنى تۇرۇپ- تۇرۇپ سىلاپ قوياتتى ، بالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ باغچىغا كەلگەن بۇ ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بىرەر خىل ئويۇنچۇقنى بولسىمۇ ئوينىۋىلىشىنى ئويلايتتى ، بالا بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ يانچۇقىدا پۇلنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى تىخىمۇ ئىنىق بىلەتتى ،
-بالام ، قايسى ئويۇنچۇقنى ئوينايسەن ؟ دادا بالىدىن سورىدى ، بالا جىممىدە تۇردى ،
– بولە بالام . داداڭ گەپ سوراۋاتىدۇ ، ئاۋۇنى ئوينامسەن يا ، ئانا گەپ قاتتى ،
-بولدى ئاپا ، ئوينىمايمەن ، ئۆيگە كىتەيلى ، بالىنىڭ جاۋابى ئاتا-ئانىنى خىجىل قىلدى ، بۇ خىجىللىق نىمە ئۈچۈن پەيدا بولدى بۇ ئاتا-ئانىغا ئىنىق ئىدى .

 

يەتتىنچى ئاي :

چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئاغىنەم بىلەن تاماقلانغىنى كىتىپ باراتتىم ، يولنىڭ بويىدىكى كونا قۇرلۇشنى چىقىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدىم ، ھەم ئاغىنەمگە
-ئاداش، بۇ ئۇيغۇرلار چىقىشقا ئۇستا ھە ، دىدىم ، ئاغىنەم دەماللىققا سۆزۈمنى چۈشىنەلمىدى .
– قاراپ باقسام ، مەيلى قۇرلۇش ياكى يول بولسۇن باشقا مىللەت كىشلىرى ياسايدىكەن ، كونىرىغاندا بىز چاقىمىزكەن ، بەلكى بۇ ياساشقا بىلىم ، چېقىشقا كۈچ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كىرەك . قارا ئاۋۇ بالىلارغا چىڭقى چۈشتە جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىگىز بىنا ئۈستىدە بازغان ئۇرماقتا . ھايات ھەجەپ قىينايدىكەن ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى مۇشىمۇ يا ؟ ئاغىنەم ئەمدى مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنگەن بولغاي ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى ، بەلكىم سۆز قاتقىسى بار بولغۇيتى ئەمما شۇ مەنىلىك قاراش بىلەن ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاچ كۆپ سۆزلىمىدى…..

 

سەككىزىنچى ئاي:

يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمى يەنە باشلاندى ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ( بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ياشلار ) سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلماقتا ، ئاتا-ئانىلار ئوقۇش پۇلى غەملەش بىلەن ئاۋارە ، بەزىلەر ئېغىللىرىدىكى ماللىرىنى ساتسا بەزىلەر قەرىز سوراپ ئۇيان-بۇيان چاپتى . مۇشۇ ئەجىرلەر ئۈچۈن بالىلار جاۋاب قايتۇرسىلا بولاتتىغۇ ، ئىي چوڭ شەھەرلەردە مودىلاشقان قىزلار ، ئىي شۇ يۇرتلاردا پوخۇرلاشقان يىگىتلەر ، ئاتاڭنىڭ بىر تامچە تەرى بەدىلىگە كەلگەن بىر تىيىن پۇلنى ، ئاپاڭنىڭ دوزاخ ئوتىغا نەچچە قېتىم بېشىنى تىقىپ ياققان نىنىنى ئەزىزلە ، ياشلىق قايتىلانمايدۇ ، ئاتا-ئاناڭغا ھەپتىدە بولسىمۇ بىر قىتىم تىلفۇن ئۇرۇپ ھالىنى سوراپ قوي…

 

توققۇزىنچى ئاي :

بۇ ئاي شەھرىمىزدە توي ئەڭ كۆپ بولىندىغان ئاي ، (توي ئېيى) دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ ، چۈنكى مىۋىگە تويۇنغان باغلار ، سالقىن ھاۋا توي ياساشقا شۇنداق باب كىلىدۇ . شۇ تويلارنىڭ قانچىسى ھاي ھاي بىلەن بولىنۋاتىدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلوم . ھازىر يىگىت توي باشلىنىشتىن بۇرۇن :” تويدا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ ” دەپ جاكارلىۋىتىدىغان بولسىمۇ ئەمما توي ئىشتىراكچىلىرى سىرتلارغا تۆتتىن بەشتىن چىقىپ ئىسپىرىتقا تويۇنۇپ كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توي < توي> بولىدۇ ، يا قىز تالىشىدۇ ، يا گەپ تالىشىدۇ ، ئۇ جوزىدىكى تەخسە بۇ جوزىغا ئۇچىدۇ ، بىر جۈپ ياش خىجىللىقتىن ياش تۆكسە ، ئاۋۇ مۇشىت-پەشۋا ئاتقان نوچىلار باتۇرلىقىدىن پەخىرلىنىپ كۈلىدۇ . توينى مانا مۇشۇلار ئوينايدۇ ….

 

ئونىنچى ئاي :

كۈز پەسلىنىڭ يىغىسى تولا . نەچچە كۈن توختىماي ياغقان ئاق يىغىن كەمبەغەلنىڭ ئۆگزىسىنى تاتلايدۇ . بىچارە خەلقىم بازاردىن ئۆگىزلىرىگە چاپانلىق توشۇيدۇ . ئاق سولياۋ بىلەن ئۆگىزلىرىنىڭ يىغىسىنى باسىدۇ ، يەر جىق تەۋرەيدىغان جايلاردا «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» سېلىپ بىرىدىكەن ، نىمىشقا بىزنىڭ بۇ يامغۇر جىق ياغىدىغان رايۇنىمىزدا «يامغۇر ئۆتمەيدىغان ئۆي» سېلىپ بەرمەيدىغاندۇ ؟ ئۆگزىگە ئاق سولياۋ ياپقان بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرسىڭىز تۆت-بەش يەردە ئەسكى داس ، بىچارە ئۇيغۇر ئۆينىڭ بۇلىڭىدا ئولتۇرۇپ غەمگە پاتىدۇ ، يامغۇر تامچىسى شۇ غەملەرگە مۇزىكا چالىدۇ ، چىك چاك چىك ….

 

ئون بىرىنچى ئاي :

ھىيتمۇ يىقىنلاپ قالدى ، شەھەر ئەتىراپىدىكى مال بازىرىدا قۇربانلىق ماللىرى سودىسى قاينىماقتا . پۇلى بارى تازا بودالغان قويلارنى ماشىنىغا باسماقتا ، ئوتتۇراھاللىرى ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن ئارغامچىسىغا لايىق قوينى باغلاپ ئۆيگە قاراپ يىتلىمەكتە ،. ئەمما يەنە بەزىلەر ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇياق قويىنى سېتىپ ھىيتلىق ئېلىش ئۈچۈن بۇ بازاردا ئاپتاپقا قاقلانماقتا . تۇرمۇش دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن . بىراۋلار ئوتتا كۆيسە يەنە بىراۋلار سۇدا ئاقىدىكەن . ھىلىقى «ياقىلار ئىتەك بولۇپ ، ئىتەكلەر ياقا» بولىدىغان كۈنلەر قاچانمۇ كىلەر . ياقىلار ئىتەك بولمىسىمۇ مەيلى ، ئەمما ھەممە ئىتەكلەر ياقا بولۇپ كەتكەن بولسا ھە …..

 

ئون ئىككىنچى ئاي :

ھىلىقى موماي يەنە كۆمۈر ئالغىلى سولياۋ خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ، دىھقان يەنە شۇ غەملىرىنى قۇچاغلاپ يىغلىماقتا . ياش ئاتا-ئانا يەنەشۇ تۇرمۇش غىمىدە ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ۋاقىت يەنە ئىسراپ قىلىنماقتا . تازلىق ئىشچىسى يەنە شۇ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن . كوچىلاردا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاقماقتا . غۇۋا چىراق نۇرىدا بىر -بىرىنى يۆلىشىپ دەلدەڭشىپ كىتىپ بارغان ئۇيغۇرلار ئوخشاش ئاھاڭ ،ئوخشاش ئۇسلۇبدا ناخشا ئىيتماقتا ، ناخشا مۇڭى ھەربىرىمىزنىڭ دىلىنى ئەزمەكتە .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. شەيتان 2012.07.25 , 12:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يالغان پاراڭكەنغۇ بۇ …..

  2. شەيتان 2012.07.25 , 12:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ئولتۇرىۋاپتىمەنغۇ ؟ ئاپلا دىۋانچىلار قىنى؟:?::mrgreen: بوپتۇ تۇنجى قىتىم ئولتۇرۇشۇمكەن ……. قانداق بولىدىكىن ، دىۋاندا ئولتۇرساھە…….:lol::lol:

  3. بانكىر 2012.07.25 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇرمۇشقا يىقىن، ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن، تورخۇمارغا خۇمار بولۇپ قالدىم جۇمۇ مەن.

  4. ھەسەل 2012.07.25 , 13:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر ئۇيغۇرۇم مۇشۇ چەمبەرنى ئايلىنىپ چۆگلەۋەسە سۈركىلىش كۈچى بىزنى خورىتىپ ھالاكەت گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىدۇ! سالاھىتم بولمىسىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي: ھورۇنلۇق قىلمايلى دوسلا، ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، بىز ئەقىللىق مىللەت پەقەت تىرىشساقلا چوڭ ئىشلانى قىلالايمىز، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشايلى،ئەتراپىمىزدىكى ئەشۇ ساددا ،ئاق كۆڭۈل ئەمما نېمە قىلارىنى بىلمەي شالغۇت ئېقىندا ئېقىپ كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتەيلى ! «ئۆزەڭدە يوق ،ئالەمدە يوق» دەپتىكەن ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرمىسەك ھېچكىم بىزگە ياردەم قىلالمايدۇ! ھورۇن ئادەمگە خۇدامۇ ئۆچ! :cry::!:

    • چايان 2012.07.25 , 21:30

      ياردەم قىلىش تۇگۇل بىزنىڭ ھۇرۇن نادان پېتې قېلشمىزنى ھەممىسى كىچەكۇندۇز ئۇمۇدقىلىدۇئىشنەمسىز؟:twisted:

  5. ئابدۇۋاھاب 2012.07.25 , 18:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەسەلنىڭ گىپىنى قوللايمەن……

  6. بودەك 2012.07.25 , 22:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    A:ئاداش بىزنىڭ ئېدارىغا ئادەم ئېلىۋاتىدۇ،ئىشلەمسەن؟
    B:مېنىڭمۇ شۇنداق ئىشلىگۇم بار ئاداش، لىكىن شۇ قاچان چىقار بۇ ئايلىق دەپ تەلمۇرۇپ ئولتۇرارمەن، يەنە كىلىپ سەن قىلغان ئىشنى مەن ئۇقمىسام، باشقا ياخشاراق ئىش چىقىپ قالار
    ———————————–
    مەن تېىگىرافتا ئىشلەيمەن،ئادەم ئىلىۋاتاتتى ، ئىشى تەس ئەمەس، ئېيىغا ئاز دېگەندە 2500ئايلىق چىقاتتى،بىرنەچچىلا ئۇيغۇر باللا بىللە ئىشلەيمىز، باشقىلار بىزدىن ئەمەس شۇنىڭ بىلەن قايسى كۇنى يېقىن ئاغىنەمگە دىسەم مۇشۇنداق دېدى، بەكلا ئۇمۇدسىزلەندىم،پۇل تاپسا كۇندە ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق ئوينايدۇ، پۇلى قالمىسا تاماكا تىلەپ چېكىدۇ،يېقىندا ئويىدىكىلەر ئويلەپ قويدى،
    خوتۇنىنى قانداق باقار دەپ ئويلاپ قالدىم،مەللەمدىكى چوڭ كىچىك ھەممىسى ئوگۇنۇپتۇ ئۇيەرگە،ئىچىم ئاچچىق بوپ قالدى،

  7. بىلال 2012.07.26 , 00:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ئىسىل تىمائىكەن

  8. غىرىپ 2012.07.26 , 01:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدە يالغان پاراڭ بولدۇ ھەممىسى راستقۇ؟
    ئوقوپ بولغۇچە گىلىمگە بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بوپ ئاران ئوقودوم:cry:

    • شەيتان 2012.07.28 , 16:42

      ھەممىمىز يالغان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىزغۇ ؟ :???::cry:

  9. بۆرە 2012.07.26 , 16:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىدىغانمىز.

    • سادا425 2012.07.26 , 16:39

      تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكىچە.

  10. بەخت 2012.09.27 , 17:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقىۋېتىپ ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى ئەسلەپ قالدىم .

  11. تاشۋاي 2012.09.28 , 11:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلھاسىم يالغان بولسىتى

  12. تاشۋاي 2012.09.28 , 11:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەچۈرىڭلار ئەسلى (ئىلاھىم يالغان بولسىدى دىمەكچى ئىدىم)

  13. ئەلقۇت 2012.09.29 , 21:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى شەرھىلەپسىز..يېلىكى شورلۇك ئۇيغۇرۇم…

  14. *يۇرتۇغ*-شايار 2012.10.03 , 14:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :cry:مەن دىيەلمىگەننى دەپسىز..چەتئەللىكلەرمۇ بىزنى ھورۇن مىللەت دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ…

  15. يۇلۇچى 2012.10.06 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يىغلاپ سالدىم سەت بولدى اپتورغا تەشەككۇر

  16. يۇلۇچى 2012.10.06 , 16:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ەسسالامۇ ەلەيكۇم تورداشلا بۇ مەزموننى كىم يازغان؟؟

  17. ئىلنۇر 2013.02.13 , 23:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىچىم ئاچچىق بولوپ قالدى ھەي…….

  18. Mr. President 2013.04.23 , 10:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي…:sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad::sad:

  19. مايماق 2013.11.28 , 22:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىكاچىلىق كىشىنىڭ ئىرادىسىنى يامغۇردىكى لايدەك ئىزىۋىتىدۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量