نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئۆزىڭىزنى پەس كۆرەمسىز؟ يادىڭىزدا بولسۇن: روھىي جەھەتتىكى توسالغۇ جىسمانى جەھەتتىكى توسالغۇدىنمۇ رەھىمسىز بولىدۇ!

ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ، قىسمەت ۋە ئادەت تۈپەيلى بىر قىسىملىرىمىز ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش ، كەمسىتىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرىۋالىمىز .

ozp1
ئۆزىنى پەس كۆرۈش ــ راك كېسىلىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر . بەلكىم بۇ ئوخشىتىش مۇبالىغە بولۇپ كەتكەندۇ ؟ ئەمما ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى جېنىمىزنى ئالالمىغىنى بىلەن ، كەيىپيات ، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
شۇنىڭغا ئەگىشىپ ،قاقشاش ،باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتەلمەسلىك ئاسان ئاچچىقلىنىش ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرپىنى ئويلاش ، دائىملا غەم يەپ ئۆتۈش … قاتارلىق «ئەگەشمە كېسەللىك» لەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بەزىلىرىمىزدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن .
بۇ ئانچە خەتەرلىك ئەمەس خەتەرلىك بولغىنى __ دائىملا ئۆزىنى كەمسىتىپ ئادەتلىنىپ قېلىشتۇر .
سىز نىمىشقا تورخۇمارغا كىرىسىز ؟
مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىڭىز تۈپەيلى شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن : سول قولىدا تاماق يەپ ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم بۇ خۇيىنى تاشلىيالمايدۇ.ئوڭ قولىدا يېيىش بىئەپ تۇيۇلىدۇ . نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ سول قولىدا يەپ ئادەتلىنىپ قالغان . ئەمەلىيەتتە ، بىر مەزگىل تېرىشىپ ئوڭ قولىدا يەپ ئادەتلەنسە بۇنى ئۆزگەرتىش ئاسانغاتوختايدۇ. خۇدا ئىنسانلارغا ئەڭ ئولۇغ كۈچ __ ئۆزىنى تىزگىنلەش، تاللاش قۇدرىتى ئاتاقىلغان . شۇڭا ئىمكاننىڭ بارىچە ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرشىڭىز كېرەك! بولمىسا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىدۇ. بەزىلىرىمىزتىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋالىمىز . ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ئارزۇلاش باشقىلارنىڭ رەت قىلىشى نەچچە يىل ـ ئاي ئىلگىرىكى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ قايغۇرۇش ، ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاش ، سىزنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىدۇ. گۈزەل رۇخسارىڭىزنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ سەتلەشتۈرىدۇ .تالانىت ـ ئىقتىدارىڭىزنى كۆمۈپ قويىدۇ .
قانداق قىلغاندا ئۆزىنى پەس كۆرۈش ،كەمسىتىش تۇيغۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ ؟
كەچكىچە ، غەم ـ قايغۇ ، ھېجران كۈيلىنىدىغان چۈشكۈن ئىشقى ناخشا كۈيلەرنى ئاڭلىغاننىڭ ئورنىغا كىشىگە ئېلھام ـ ئۈمىد ، ئىشەنىچ ـ جاسارەت ئاتا قىلدىغان كىتابلارنى كۆرۈڭ ! ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ مەسىت بولۇپ يىنىكلەيمەن دەپ ئويلىماڭ ! ئۇ نەرسىلەر سىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ چۈشكۈنلىككە باشلايدۇ .بەدىنىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ ، يېڭى كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ مەنزىرلىك يەرلەرنى سەيلى قىلىڭ! يالغۇز بېكىنىۋالماڭ ! كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ . ئۇچرىشىشقا پۇرسەت يارىتىڭ !خۇداغا رەھمەت ئېيتىڭ ! سىز بىلەن تەڭ ـ دېمەتلىك دوسىت ، تۇنۇش ـ بىلىشلەردىن نەچچىسى كېتىپ قالدى ؟ سىزنىڭ ھايات ، سالامەت يۈرگىنىڭىزنىڭ  ئۆزى بەخىت ـ خۇشاللىق بولماي نېمە ؟ھەر كۈننى ، يېڭى بىر كۈن باشلاندى دەپ خۇشاللىق بىلەن كۈتۈشكە ئادەتلىنىڭ !  تۈنۈگۈنكى سىز بۈگۈنكى سىز ئەمەس .ھېچكىممۇسىزگە خۇشال بولۇپ بەرمەيدۇ ، ئازابلىرىڭىزنى تارتىپ بەرمەيدۇ، كەيىپياتىڭىزنى قانداق تۇتۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق . ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۈمىدسىز ، چۈشكۈن كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ كەتمەڭ !
«قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار» دېگەندەك ، ئۇلاردىكى پاسسىپلىق سىزگىمۇ يۇقىدۇ . قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مېڭىڭ ! نەزىرىڭىزنى قەدىمىڭىز ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىڭ ! مۇخپىر ، كەشىپياتچى ئېدىسۇندىن ، سىز ئېلىكتىر لامپۇچكىنى ئىجاد قىلىشتىن ئىلگىرى 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولۇپسىز ، بۇنىڭغا قانداق تەسىراتىڭىز بار ؟ دەپ سورىغاندا __ مەن 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولمىدىم ، پەقەتئاقمايدىغان14  مىڭ خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقتىم دەپ جاۋاب بەرگەن . ئويلىنىپ بېقىڭە ! نېمدىگەن ئىسىل روھ ، ئاكتىپ ـ ئۈمىدۋار پوزىتسىيە ھە ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا سىزنىڭ بىر ـ ئىككى قېتىم ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ ؟
باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ، پەس كۆرۈشى ، سىزنىڭ خىيال ـ غايىللىرىڭىزنى كۆزگە ئىلماسلىقى بىلەن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يۇقاتماڭ ! ئۇلار ، سىزنى ھېچقانداق نەتىجە ئۇتۇق قازانمىسا ، بىزگە ئوخشاش مۇھتاجلىق ئىچىدە  كۈن ئۆتكۈزسە دەپ قارايدۇ . سىز دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئاڭلايدىغان گەپ __باشقىلارنىڭ « قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدۇ » دېگەن گېپىدۇر .
باشقىلارنىڭ گېپى بىلەن ، خىيال ـ غايىلىرىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ ! خىيالپەرەسلەر دۇنيانىڭ ئىجادكارلىرىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا خىيالپەرەسلەر تۆمۈرنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىنى خىيال قىلغان ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۇلارنىڭ خىيالىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ .
خىيالپەرەسلەر ھېچقانداق ئېلىكتىر سىمىغا تايانماي تۇرۇپ ھاۋا ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا دوسىتلىرى: ئۇلارنى نېرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپرىپ تەكشۈرۈتكەن. ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە ئۇخىيالپەرەسلەر خاتا قىلىپتىمۇ ؟
بىر ئىشنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلشىڭىز كېرەك ! سىناب باقمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز ؟ بەلكىم باشقىلاردىن ياخشى قىلالىشىڭىزمۇمكىن . ھەممىمىز تەكشى يارىتىلغان . ھېچكىم ھېچكىمدىن ئىقتىدارلىق تالانىتلىق ئەمەس .
بەلكىم باشقىلار تىرىشىش ، ئىجتىھاد بىلەن ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان . ھەر قانداق ئىشقا تىرىشچانلىق ، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر .
قىسقىسى : «ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ »



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئالپامىش 2012.07.27 , 20:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققاندا ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بۇلىدۇ ، ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمىكى بەك تەس جۇمۇ !

  2. نۇرمەمەت 2012.07.27 , 21:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. ›› بۇنداق دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەپ يۇرىۋەرسەك ئۆلۈمنىڭ ئۆزىمىزگە يىقىنلاپ قالغانلىقىنى بايقايمىز، شۇ چاغدا بۇمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ ، دىيەلىسەك بولىدۇ. ھەممىسىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي شۇ ئىشلارغا ئانچە مۇنچە ئۆزگرتىشلەرنى كىرگۈزۇپ باقسىڭىز باشقىچە نەتىجىگە ئىرىششىڭىز مۇمكىن.

    • شامال 2012.07.30 , 13:47

      «ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش» دېيىلسە ياخشىراقمىكىن. «پەس» سۆزىنى ئىشلەتسە مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىكەن.
      نۇرغۇن ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكسى بار. بۇ خىل پىسخىكا كۈچىيىپ كەتسە كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ. خۇددى «ھەسەلنى كۆپ يىسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ» دىگەندەكلا گەپ. ھەممە نەرسە لايىقىدا بولسا، ئەمەلىي ئەھۋال ھەم شەخىس ئۆزىدىكى ھەقىقىي ئىقتىدار كۆزدە تۇتۇلۇپ ھۆكۈم چىقىرىلسا ياخشى. ئۆزەمنى تۆۋەن كۆرمىدىم دەپ ھەممە نەرسىگە شىلتىڭ ئېتىشمۇ توغرا ئەمەس.

  3. تاماشىبىن 2012.07.27 , 21:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا بۇنى ئېلىپ كەلگەن ئاپتورمۇ ئۆزىنى پەس كۆرسە كېرەك، شۇنچە بىر نەرسىلەرنى دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاشكارلىماپتۇ….:mrgreen:

  4. مېستىر01 2012.07.29 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھەجەپ بۇنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،:cry:

  5. ئويلان 2012.07.29 , 13:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمانداق بىتايىن خەقلەر كۆپتۇر دۇنيادا

    شۇنداق ياخشى تىما تۇرسا بۇ

    لامزەللىلەرچە ئىنكاس يېزىپ

    ياقسا ئوقۇ ياقمىسا ئوقۇمىساڭ بىراۋ

    قۇۋاڭغا تەپمەيدۇ

    • شامال 2012.07.30 , 13:57

      ھاجىىىىىىىىم، ئىسىملىرىنى «ئويلان» دەپ قوياپ، ئويلانمايلا گەپ قىپلا. بۇ دىگەن ئەركىن پىكىر قىلىدىغان جاي، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى، مۇشۇ تېمىغا بولغان قارىشىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا تادبىركار ئەپەندىممۇ باھا بېرىش ئىقتىدارىنى تاقىۋەتكەن بولار ئىدى.
      ئۇلۇغ روزا-رامىزاندا بولسىمۇ بۇنداق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىغان سۆزنى قىلىشمايلى قېرىنداشلىرىم.

  6. ئويلان 2012.07.29 , 13:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت مەزمۇنلۇق گەپلەركەن

  7. تەشنايى 2012.07.30 , 17:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئىشەنەلەيدىغان بولىشى ئۇنىڭ تەقدىرىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتەمدىكىن دەيمەن. ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بىرخىل روھىي كىسەللىك بولسا كىرەك!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量