نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى ۋە ھوللىيۋود چولپىنى Johnny Depp نىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى

ئەنگىلىيە لوندۇن شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، توققۇز ياشلىق تىنا كۆڭلىدىكى مەبۇدىسى بولغان داڭلىق چولپان كاپىتان جېكقا خەت يېزىۋاتاتتى. ئۇ خېتىدا، دادىسىنىڭ دائىم ھاراق ئىچىپ مەس يۈرۈيدىغانلىقى، ئاپىسىنىڭ بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىقنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدىغىنى بولسا، ئۇ دادىسى بىلەن ئاپىسى سەۋەبلىك، دائىم ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى ئەسكى بالا دەيدىغانلىقى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىنتايىن يالغۇز، غېرىب ئىكەنلىكىنى يازدى. خېتىنىڭ ئاخىرىدا تىنا تەڭرىدىن، كاپىتان جېكنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

9-year-old-little-girl-and-johnny-depp

بۇ خەت مۇشۇنداق چۆگلەپ يۈرۈپ، لوندوندا «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 4»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان جوننى دېپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خەتنى كۆرگەن جېننى دېپنىڭ كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولدى. چۈنكى ئۇ بىر بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن قوينىغا ئېلىنماسلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، جوننى دېپ تىنانى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىش قارارىغا كەلدى.
بىر كۈنى، بىر كۈنى، تىنا ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان بىر تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالدى. تېلىفوننى جوننى دېپ ئۇرغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تىناغا بېرىدىغان تۇيۇقسىز خۇشاللىققا ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن جوننى دىپنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كۈنى، تىنا ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە مەكتەپكە كەلدى. بۇ كۈنى دەل ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى.تىنا شۇ ئازاب ئىچىدە سىنىپقا كىرىپ پارتىسىدا ئولتۇردى-دە، دەرس ئۆگۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما ئوقۇتقۇچى تۇيۇقسىزلا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ يىغىن زالىغا يىغىلىشقا بۇيرىدى. تىنامۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە زالغا يىغىلدى.
تىنا يەنىلا شۇ ئازاب ئىچىدە ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى:
-تۆۋەندە بىز كاپىتان جېكنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز!
جوننى دېپ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە دېڭىز قاراقچىلارنىڭ ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. ۋاقىت قىسچىلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئالدى-كەينى 15 مىنۇتلا نومۇر كۆرسەتتى.
ئاخىرىدا كاپىتان جېك، تەڭرىنىڭ ئۇنى تىنانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، تەڭرىنىڭ تىنانىڭ خۇشال بولغان بىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەڭرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنى ئاغدۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تىنادىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆۋەندە گۈلداراس ئالقىشلار ۋە تىناغا بولغان تەبرىكلەر ياڭرىدى.

460

تىنا ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاپىتان جېكقا يازغان خېتىنى كاپىتان جېكنىڭ تاپشۇرۋالغانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. كاپىتان جېكنىڭ راستلا ھەمراھلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقى، كاپىتان جېكنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاغدۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغانلىقى ئىدى.
ئىنتايىن تېزلا، تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۆزىنىڭ تىناغا بەك كۆپ ئازار بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىناغا بەرگەن ئازارلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. تىنانىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشتى. ئوقۇتقۇچى-ساۋاقداشلىرىغا قاراپ، تىنا تۇنجى قېتىم بەخت تۇيغۇسىدا ئەللەيلەندى. ئۇ تەڭرى بىلەن كاپىتان جېكقا قايتا-قايتا رەھمەت بىلدۈردى.
بۇ ئىش ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جوننى دېپنىڭ نېمە ئۈچۈن كىچىك بىر قىزنى دەپ شۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىك ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشتى. «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 4»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار جېننى دېپتىن بۇ سۇئالنى سورىدى.
جوننى دېپ بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن: «كىچىك چاغلىرىمدا دادامنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك  بىز توختىماي ئۆي كۆچەتتۇق. تۆت يىل ئىچىدىلا بىر ئوتتۇز نەچچە قېتىم كۆچۈپ بولغانا ئىدۇق. شۇڭلاشقا ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا چىن دىلىدىن كۆيۈنىدىغان نە ساۋاقداشلىرىم، نە ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق ئىدى. ئۇ چاغدا مەن تەڭرىگە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئايىم دەل مېنى ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن، مەن بىلەن ئويناشنى خالايدىغان ساۋاقداشلارغا ئۇچراش ئىدى. شۇڭلاشقا مەن تىنانىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قەلبىم تىترىدى. ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تەڭرىنىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرالايمەن دەپ ئويلىدىم. مەن ھەربىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشنى تولىمۇ خالايمەن!» دېدى.
ھەربىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، بۇ بىر جۈملە سۆز كىشىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. كىشىلەر جوننى دېپنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان شەخسىيەتسىز مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئالقىشلىدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ئېقىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن تەلەي دەھشەت كەپتا بىراقلا 3 دىۋان ، تورخۇمار كۇلۇبى تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ئىش بولغىيتى :mrgreen:

  2. سېھرىگەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمىدىگەن ئالىجاناپ روھ

    • شەيتان :

      راس دەيسىز…….. :smile:

  3. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ئۈتۈپ كەتكەن دىۋانى ئىكەنسىز :mrgreen: ( چاقچاق )

  4. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن بولىدىغان گۇي جۇمۇ مۇشۇ!يارايدۇ!!!

  5. ئەركان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چەتەلنىڭ ئارتىسلىرى ئالامەت ھە،،،،،،،،ئۆزىنى بېغىشلاش، ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش قارىشى بەك يۇقۇرى

  6. جاھان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس نىمە دىسەم بولا…راسلا تەسىرلىك :cry:

  7. كۆك كەپتەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «كالبىرىت دېڭىز قاراقچىلىرى»نىڭ بەشىنجى بۆلۈمى سۈرەتكە ئىلىنۋىتىپتۇ. چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ بۆلۈممۇ ناھايىتى ئىسىل چىقىدىغاندەك. :wink:
    http://baike.baidu.com/view/5050523.htm






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)