كومپىيۇتېرىڭىز كونىراپ قالدى، يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ئاپىڭىز ئۇنىمايدۇ، ئەمىسە زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟
كومپىيۇتېرىڭىز كونىراپ قالدى، يىڭى چىققان ئالاھېدە چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىيالمىدىڭىز ؟ يەنە بىرنى ئېلىشىڭىزغا ئاپىڭىز ئۇنىمايدۇ، چۈنكى بۇ كومپيۇتېرنى ئالغىلىمۇ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇ نەسباسقان كومپىيۇتېرمۇ بۇزۇلماستا قالدى شۇنداقمۇ ؟ بۈگۈن كەمىنە ۋىروس سىز ئۈچۈن يىڭى كومپىيۇتېر سېتىۋالىدىغانغا ئوبدان باھانە تېپىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز كۈندىلىك كومپىيۇتېر مەشخۇلات ئادىتىڭىزنى تۆۋەندە مەن تاپشۇرغان يۇسۇنغا تەڭشىشىڭىز كېرەك. قېنى ئەمسە قۇلىقىڭىز ئاغىزىمدا بولسۇن …
كومپيوتېرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يەردە ئىشلىتىڭ. پار، مەش… دېگەندەك ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يېقىن يەردە ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەڭ ياخشىسى ئەتراپنىڭ ئازراق ھۆل، نەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
كومپيوتېرىڭىزنى ئەتكەندە، ئاۋارە بولۇپ «باشلاش» تىزىملىكىدىن «كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈش» نى تاللاپ ئۆچۈرۈپ يۈرمەڭ، بىۋاسىتە Power كونۇپكىسىنى بېسىپلا ئۆچۈرۈڭ. ئۆچۈرۈپ بولۇپلا، دەرھال قايتا كومپيوتېرىڭىزنى قوزغىتىڭ.
كومپيوتېرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك كەتسە، كومپيوتېرنى ئېتىپ يۈرمەڭ، توك كەلگەندە ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېكراندىكى غەلىتە رەسىملەر، ئانا تاختىدىن چىققان غەلىتە ئاۋازلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، "ئەجەب قىزىقكەن" دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كومپيوتېرنى قويغان ئۈستىلىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ كەتمىسۇن. بۇنداق بولغاندا ھەر قېتىم كونۇپكا باسقىنىڭىزدا لەپەڭشىپ، چىڭراق باسىسىز، نىشانغىمۇ بالدۇر يېتىسىز.
ئانا تاختىنى تامغا يېقىن، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكچىلىرىنى تام توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا كومپيوتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، ۋە كېرەكسىز ئىسلارنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئىللىق ھالىتىنى ساقلىيالايسىز.
ئېكرانىڭىزدا بىر رەسىمنى چىقىرىۋېلىپ، نەچچە سائەتكىچە ئۆزگەرتمەڭ، (رەسىم قانچە رەڭلىك بولسا شۇنچە ياخشى) بۇنداق بولغاندا ئېكرانىڭىزنىڭ رەڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ، سىز كومپيوتېرنى ئېتىۋەتكەندىمۇ شۇ رەسىمنى كۆرەلەيدىغان بولىسىز.
كومپيوتېرىڭىزنىڭ توك سىملىرىنى ئۇلىغاندا يەر سىمى ئىشلەتمەڭ. باشقا ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر سىمىسىز بىر توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز، ياكى بالىلىرىڭىز بولسا، كومپيوتېرىڭىز بار ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئادەتتە ئوچۇق قويۇڭ. كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئەتراپىغا پارچە-پۇرات پۇل، ئويۇنچۇق بىرنەرسىلەرنى قويۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
كومپيوتېرىڭىزنىڭ تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى… دېگەندەك ئانا تاختىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كارتىلارنى پات-پات چىقىرىپ، "ھاۋالاندۇرۇپ" تۇرۇڭ. ئەلۋەتتە، تۆت قىرلىق ئەتۋىركە تاپماق دائىم ئاسان ئەمەس، شۇڭا خالىسىڭىز ئانا تاختىڭىزنى ئوچۇق قويۇڭ. بۇنداقتا بەك قولايلىق بولىدۇ. بولسا ئانىڭىزغا تاپىلاپ قويۇڭ، شىرەلەرنى، ئوچاق بېشىلىرىنى سۈرتكەندە كومپيوتېرىڭىزدىنمۇ بىر خەۋەر ئېلىپ قويسۇن.
ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى سىنىسىڭىزمۇ كومپيوتېرىڭىز يەنە جاھىللىق بىلەن ئىشلەۋەرسە، ئامال يوق، ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىڭ: كومپيوتېرىڭىزنى كۆتىرىپ دېرىزىدىن تاشلاپلىۋېتىڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، قىزىقارلىق، كومپيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kompyuter-yengilash.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
- كېيىنكى يازما > تۈركچە تەسىرلىك سىنلىق كۆرۈنۈش – ئانا سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ
- تۈركچە تەسىرلىك سىنلىق كۆرۈنۈش – ئانا سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ
- «ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
- گۇگېلنىڭ باش بېتىدىكى قىزىقارلىق Doodle، قېنى تورخۇماردىكى باللار 110 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈپ باقمامدۇق؟
- ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئۈستىدە، رېئاللىق بولسا پەستە، مانا بۇ تۇرمۇش…
- cctv دىكى خادىملارنى خاتالاشمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ ياخشى قارىسىڭىز ئۇلار خاتالاشسا بەك قىززىق بولىدۇ
- ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…
- روسىيەلىك بۇ ھۈرمەت قاراۋۇللىرىغا قاراڭ! ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويىدىغان دومىنو قارتىسى شەكلىدىكى بۇ خىلدىكى ماھارەت!
- غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى ۋە ھوللىيۋود چولپىنى Johnny Depp نىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى
- ئۆزىڭىزنى پەس كۆرەمسىز؟ يادىڭىزدا بولسۇن: روھىي جەھەتتىكى توسالغۇ جىسمانى جەھەتتىكى توسالغۇدىنمۇ رەھىمسىز بولىدۇ!
- قىزىقارلىق ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم – in The Rough | ئىپتىدائىي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن…
ھەي كومپيوتېرىم يېڭى سەپلىمىسىمۇ يۇقىرى ، شۇڭا مۇشۇنداق تېز دىۋاندا ئولتۇرالايمەن
تېخى ھازىر كىرسەم يوق ئىدى ماۋۇ تېما
راستىنلا سىز دىگەندەك قىلغىلى تۇرساق يانچۇققا زىيان بولغۇدەك . ماڭا كىم يېڭىلاپ بېرەتتى ؟ تېخى نەچچە ئاي بۇرۇنلا ئەڭ ئىلغار يۇقىرى سەپلىمىلىك خاتىرە كومپىيۇتېرغا يېڭىلىۋالغان كاساپەتنىڭ شاشلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. تورمۇ شۇنداق شاش ، قايسى كۈنى ۋىندوۋس8 چۈشۈرسەم 1250kb/s چۈشكەنتى ھەيران قالدىم
ۋىروس يۇقتۇرمامدۇق؟
يېقىندىن بۇيان بۇ يازما بەك كۆپ بېكەتلەردە ئېلان قىلىنىپ كەتتى ، لېكىن بۇ ئوكيان تورىدا خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنىپ بولغانغۇ دەيمەن
خېلى بىلىم بەردىڭىز جۇما
كومپىيۇتېرنى پات- پات سۇدا يۇيۇپ بەرسىڭىز ئەڭ تېز نىشانغا يىتىسىز.
ئىكسىچە يوللىۋىتىپسىزمۇ مەن تېخى كەينىنى ئۇقۇمايلا تاس قاپتىمەن كومپىيوترىمنى كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايغا يۆتكىگىلى
ئىملا خاتتا بۇلۇپ قاپتىكەن ئوڭشاي دىسەم تەھرىىلەش كۇنۇپكىسى يوققۇ
مەن دائىم شۇنداق ئىشىلتىمەن يانا بۇزۇلمايۋاتدۇ
ۋاي ئۇنداق قىلماي ما ئىچىدىن كىنو كۆگىلى بولمايدىغان ئۇسۇل بولسا بولتى… باشقا يىرى بولتى مۇشۇ ئويۇن كارتىسىنى يىڭىلاشنىڭ ئۇسۇلى بولسا يوللىسىڭىز بولتى … قانداق قىلسام بولا
گېپىڭىزنى ئوچۇقراق دېسىڭىز بولتى، چۈشەندۈرۈپراق ئېيتقان بوسىڭىز بولتى، شۇنداق قىلسىڭىز بولتى…
مەنمۇ چۇشەندۇرۇپ ئىيتسام بولتى . ئويۇن كارتىسىنى ئالماشتۇسام بولتى. لىكىن دادام ئۇنماي قالتىشۇ
بۇرۇن باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ بولغان ئىدىم .
لەپتوپ ئىشلەتسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگە (قاتتىق دېسكىنىڭ ئەتراپىغا) تېلفۇننى قۇيۇپ قۇيۇڭ، تېلفۇنغا كەلگەن كۈچلۈك رادىئاتسىيە سىگىنالى كومپيوتېردىكى ئۇچۇرلارنى ھەقسىز تازلاپ بېرىدۇ.
كومپىيوتۇرنى بۇزۇلۇش باشقۇچىغا يۆتكىگەن شۇ ۋاقىتلاردا كۆرسەم بولغۇدەك مۇنۇ يازمىڭىزنى