نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئەجىبا بۇ Google Glass نىڭ كەلگۈسىمۇ؟ بۇنداق فانتازىيەلىك تۇرمۇش سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق؟

گۇگېلىنىڭ تېخى رەسمى ئېلان قىلىنمىغان يىڭى مەھسۇلاتى Google Glass(دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزئەينەك) بەلكىم تورخۇمارلارنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلمىگەن بولىشى مۈمكىن. ئىلگىرى كۇلۇبىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە ئانچە مۇنچە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق[بۇ يەردىن كۆرۈڭ]. مەزكۇر مەھسۇلات ئەينى چاغدا Google نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان Sergey Brin تەرىپىدىن Google I/O يىغىلىشىدا جاكارلانغاندىن بۇيان، خەلىقارادا ئەڭ يىڭى تېخنىكىنىڭ تىپىك ۋەكىلىگە ئايلىنىپ قالدى…

is-this-the-future-of-google-glass

ئۇنداقتا  Google Glass زادى قايسى دەرىجىدە ئۈنۈم يارىتالايدۇ ؟ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان قىسمەن سىن ھۆججەتلىرىدە رەسىمگە تارتىش، ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ۋىدىو كۆرسىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى نامايەن بولدى. لېكىن مۇشۇنداق بىر يۇقىرى تېخنىكا مۇجەسسەملەنگەن كۆزئەينەككە يۇقىرقى ئىككى تۆت ئىقىدار بىلەنلا بولدى قىلىشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. جۈملىدىن ھەممىمىز بۇنداق غايىۋى بىر مەھسۇلاتنىڭ بىز ئويلاپ باقمىغان تېغىمۇ زور ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشقا كەلگەندە پەرەڭلەر يەنىلا تەسسەۋۇرغا باي بولۇپ، ئاللىقاچان  ئۆزلىرىنىڭ ئېلىھامى بىلەن Google دىن كۈتىدىغانلىرىنى ئىپادىلەپ بولدى. لېكىن تۇرۇپ ئويلاپ قالدىمكى ئەگەر  Google Glass راسلا مۇشۇ دەرىجىدە تەرەققى قىلسا سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق ؟

تۆۋەندە مەزكۇر مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يىڭى سىن:



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا قورقۇنچلۇق… نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆيدىن چىقىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمىغۇدەكقۇ، بىر تال كۆز ئەينەك بولسىلا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر ئورۇن بوشىتىشقا توغرا كېلىدىكەن…

  2. سەرسان روھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ يامىنى ئاخىردا ئاۋۇ ئەر، ئايالنىڭ پېروگراممىسىنى قايتا يازدىما نىمانداق قورقۇنۇشلۇق،دۇنيا خاككىرلارنىڭمۇ قانداق :lol:

  3. تەلبا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئىشلىتىشكە باغلىق گەپ.

  4. تاماشىبىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ سىننى تەقلىدىي كىشىلىك تۇرمۇش (模拟人生) ئويۇنىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىشلىگەن ئوخشايدۇ. مېنىڭچە بەك ئاشۇرۋۋېتىپتۇ. بۇنى ھەممىگە قادىر كۆز ئەينەك دېسەك بولغۇدەك. بۇنداق تېخنىكا ئائىلىلەرگە كىرگىچە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان.
    تۇرمۇش دېگەن قانداقمۇ ئويۇنغا ئوخشىسۇن. 4 تام قۇرۇق ، يېرىم مەۋھۈم دۇنيانىڭ قىزىققۇدەك نېمىسى بار. ئەگەر راستىنلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىقسا يەنىلا 4 كۈنگە قالماي ئادەمنى زېرىكتۈرىدۇ. رېئال تۇرمۇشقا يېتىدىغان نەرسە يوق جۇمۇ….. ما گەپلەر سەل تاقا تۇقا بوپ قالدىمۇ نىمە، ئۆزۈڭلار قۇراشتۇرۇپ ئوقۇۋالارسىلەر :shy:

  5. تاڭنۇرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ستاركنىڭ كېنۇسىنى كۆرگەندەك بوپ قالدىما.

  6. دىلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياپونىيەنىڭ خەنزۇچە (hack 世界的彼方.) ناملىق بىر كارتون فىلىمى بار . مۇشۇ كارتون فىلىمدا Google Glass غا ئوخشىشىىپ كېتىدىغان FMDدەپ ئاتىلدىغان كۆزئەينەكتە The World ناملىق بىر تور ئويۇننى ئوينىغان ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلىندۇ.
    بۇ ناھايىتى ئېسىل چىققان كارتون فىلىم ھېسابلىندۇ.
    فىلىم كۆرۈش ئادېرىسى:http://kankan.xunlei.com/vod/mp4/67/67369.shtml?subid=260883

  7. سۈبھى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاخا،بۇتېخنىكىلارمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار 10يىلغا قالماي،ھەممە نەرسە appلىشىپ كەتسە…ئىشقىلىپ مەن ياشاشنى خالايدىغان تۇرمۇشقا يىقىنلىشىدىكەن.. :cool:

  8. دون_ئەپەندى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Google نىڭ تەرەققىياتى كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىۋاتىدىغۇ

  9. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بېشىنى كۆرۈۋىتىپ ما ئاداش چېكىۋالدىمۇ نېمە دىگەن ئىدىم …. :mrgreen:

  10. شاتۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرجىمىسى بولسا تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك بۇلۇپ كىتەركەن! :smile:

  11. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق تۇرمۇش ئادەمنى يلغۇر تاشلايدۇ.

  12. ئۆزۈم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق بوپ كەتسە ھاياتنىڭ نىمە مەززىسى ، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل يىزى ئادەم ئۆزىنىڭ ئەتىسىنى بىلمىگەنلىكىدە…

  13. ئەلگە نەپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرجىمە قىلنغان بولسا ئەسلى :sad:

  14. ئۇيغۇر46 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تورخۇمار ئەپەندىم مىنىڭ كومپيۇتىرىمدا 1 كۈن بولدى پەقەتلا يىڭى تىمىلار كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.(مۇشۇ ئىنكاس يازغىنىم ئەڭ يىڭىسى) بىراق ئىنىمنىڭ كومپيۇتىرىدا يىڭى تىمىدىن 3-4 ى پەيدا بولۇپ بولدى. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ :?:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)