نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

گۈزەللىگىدىن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان نورۋېگىيە ئاۋرولا مەنزىرىسى…

تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما، پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا جىممىدە ئولتۇرۇپ تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى خالايدۇ. شۇنداقتىمۇ، نورۋېگىيەلىك فوتوگراف Terje Sorgjerd بىر ھەپتە ئۇخلىماي دېگۈدەك خىزمەت قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان تۆۋەندىكى نورۋېگىيە ئاۋرولا مەنزىرىسى ناملىق سىننى سۈرەتكە ئېلىپ چىققان. تەبىئەتنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى بەلكىم بەزىلىرىمىز بىر ئۆمۈر ھېس قىلىپ بولالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن…

ئەسكەرتىش: تور سۈرئىتىڭىز ياخشى بولسا، قويغۇچتىن ئېنىقلىقنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە(超清) تەڭشەپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. Pida : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقلىم لال بولاپ كەتت :smile: ى

  2. Pida : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا فەچەتكەن جۇما.

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا بەك سۈزۈككەن :roll:

  4. شاھ ئۇيغۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق مەنزىرىنى راستىنلا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىكەن

  5. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ گۈزەلكەن ،ئەمما بىز ياشاۋاتقان جاي بەك گۈزەل

  6. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپىيۇتىردا ئىشلىگەنمۇ بۇنى قانداق ، ئانچە گۈزەل ئەمەسكەن، تارىم قاناس ئاشۇ يەرلەرنىڭ مەنزىرسى پەچەت

  7. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن گۈزەل مەنزىركەن.
    ئەممە ماۋۇ (超清) ھالەتنى بۇگۈن ئۆگۈنۋالدىم.

    رەھمەت سىزگە.

  8. سۇمپىيان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    超清غا تەڭشەپ شۇنى ھىس قىلدىمكى………………
    تور سۈرئىتىم ھەقىقەتەن ئاستىكەن :arrow:

  9. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، لېكىن سەل سۈنئىيدەك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

  10. ئاتەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا بەك ئۆزگىچىكەن، بىراق ئاۋۇ يېشىل نۇرلارنى كۆرۈپ، فىلمگە ئىش قوشقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.

  11. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالام ئاتەش ئەپەندىم!!بارمۇ سىلە؟
    يېشىل نۇر لا بولسا قۇتۇپ شولىسى ئىكەن.

  12. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقىقەتەن گۈزەل تەبىئەت . فىلىمدىكى يىشىل نۇرلار كىرىشتۈرمە ئەمەس بەلكى قۇتۇب رايۇنىدىكى تەبىئى ھادىسە . ئۇنى پەندە قۇتۇپ نۇرى ھادىسسى دەيدۇ . ئادەتتە شىمالى قۇتۇپ ئەتىراپىدا ناماز شام ۋە ئۇندىن كېيىن جەنۇبتىكى قۇياش نۇرىنىڭ چاچىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ فوتوگىرافنىڭ سەبىر قىلىش روھېغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم !

  13. قانۇنچىلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ

  14. كوڭلۇم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللانىڭ موجىزىلىرى

  15. نامسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنزىرە ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن ، بىراق، تەدبىركا بۇنى تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى دىمەي ، ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگىنى دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بۇلارمىكىن دەيمەن ، تەبىئەت بىر جانسىز نەرسە ،ئۇ ھىچ كىمگە ھېچ نەرسە ئاتا قىلالمايدۇ ، ئۇ پەقەت بىر ئۇقۇم ،
    قالغىننى تورخۇماردىكى بىلىم ئەھلىللىرىگە مۇراجات قىلاي :?:

 汗