4 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن Tron : Legacy فىلىمىنىڭ تام تەشۋىقات ئېلانى، كۆزىڭىزنى ئېچىۋالىسىز!
Tron : Legacy فىلىمى(خەنچە نامى 创:战记) نى خېلى كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز كۆرۈپ بولدىغۇ دەيمەن. فىلىمنىڭ باش قىسمىدىكى 3D ئۈنۈمنىڭ ئۆزىلا كىشىگە يېتىپ ئاشقۇدەك ھاياجان بېرەلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، فىلىم مۇنەۋۋەر بىر كومپيۇتېر گرافىك مەھسۇلاتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم فىلىمنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى مەلۇم بىرەيلەن تۆت كۈن ۋاقىت + N دانە پۈركىمە سىر سەرپ قىلىپ تامغا سىزىپ چىققان Tron Legacy تام تەشۋىقات ئېلانى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، ئېلان، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,645 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tron-legacy-ad.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەڭگۈلۈك 9-نومۇر، تاشقى پلانېت ئادىمى «رونالدو رىۋايىتى»
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ رەڭدار ۋە پۇزۇر ئوينالغان بارماق ئۇسۇلى، فانتازىيە ئېلىمېنتى قوشۇلغان يانفون ئېلانى!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
باشقىلار يىڭىلىق يارتىشقا بىز ھوزۇرلىنىشقا كۈنۈپ كەتتۇق
سافادىن تەگمەپتۇ گىلەمدە بولسىمۇ ئولتۇرغاچ تۇرمامدۇق
ماۋۇ يامان گۇيكەن جۇمۇ، پۈركىمە سىر بىلەنلا كومپىئوتېردا لايھىيىلىگەن 3D رەسىمدىن قېلىشمىغىدەك جانلىق چىقىرىۋېتىپتۇ…
ئىمتاھان تۈگىگندىن كىيىن تەرجىمىسىنى ئىشلەپ قوياي بۇ كىنونىڭ،خېلى پەيزى كىنو بۇ.
ۋاي ھەجەپ چىقماستا قالدى ما كىنو….
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قويسىلا بولىدىكەن، ئىچىگە كىرىپ قالسا چاتاق چىقىدىكەن. يا مەن جىق ئويلاپ سالدىم.
قىززىق ھە… ئادەم چىنە-قاچا سۇنغاندەك سۇنۇپ كەتسە… پروگرامما دېگەن يەنىلا پروگرامما
رەسىم سىزىشىغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن، لېكىن ئۆزى سىزغان رەسىمنى تولا بۇزۇپ ئۆزگەرتىۋىتىدىغان قىلىقى تازا ياقمىدى، سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، باشقىلارنىڭ قەدىرلىشى تەس.
جېنى بار گەپ!
ئۆزى سىزغان رەسىمنى تولا بۇزۇپ ؟
مەن قارىسىام تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ياخشىلاۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بۇزغانلىق ئەمەس.
قەدىرلەش ؟ مېنىڭچە ئۇ ئەسەرنى بۇ دۇنيادا شۇ ئۆزىدەك قەدىرلەيدىغان ئادەمدىن ئىككىنچى بىرسى چىقمىسا كېرەك.
ئۈستىدىكى تورداشنىڭ تور بېتىنىڭ ئىسمى نىمىدادۇ؟
رەسسامنىڭ ماھارىتىگە قول قويماي تۇرالمايمەن!!
بولىدىغان فىلىم ئوخشايدۇ!!
zcool دىمۇ مۇشۇنداق تام رەسىمى سىزىدىغان بىر بالا بار، مەنچە پۈركۈمە سىرنى كۆپ ئىشلەتسە ئۆپىكىنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ، سۈزگۈچ ماسكىنىڭ يامىنىنى تاقىۋالغان بىلەنمۇ بېكار…
ھوججو يامان گۇيكەن ماۋۇ مەن ئادەتتە بىر قىرىنداش بىلەنمۇ بىر ئەبجەخ ماشىننى تۇزۇك سىزالمايمەن ھى ھى ھى
http://www.dozah.com/ دوزاخ-كوھىقاپ دىۋىلەر ماكانى…؟ ماۋۇ قانداق تور بىكەت ئەمدى..؟ ئاۋۇ ئۈستىدىكى كارو دىگەن تورداشنىڭ ئوخشايدۇ.. تور بەتنىڭ ئىسىمى ھەجەپ…؟؟؟؟؟!!!!
مۇزىكىسى دەھشەتھە بۇ فىلىمنىڭ؟؟!
ۋاشىكەنا مەنمۇ بەك قىزىقىمەن بۇندا رەسىملەگە لىكىن قولۇمدىن پوخ كەممەيدۇ