ئامېرىكىلىق نامرات ئەر كېسىلىنى داۋالىتىشقا پۇل بولمىغاچ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ داۋالانماقچى بولغان
ئامېرىكا شىمالى كارولىنا شىتاتى ۋېستون ناھىيىسىدىكى 59 ياشلىق بىر ئەر ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئامال تېپىش ئۈچۈن، بانكىغا بېرىپ بىر ئامېرىكا دوللىرى بۇلىغان ۋە ساقچىلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يەتكەن، يەنى بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى، ئۇ بىر دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىكەن.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جامىس رىچارد بولۇپ، ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بېرىشتىن بۇرۇن 17 يىل كوكا-كولا توشىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، جامېس يۈك ئاپتوموبېلى ھەيدىگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان، ئەڭ ئاخىرى ئامالسىز يەنە بىر كىچىك دۇكاندىن ۋاقىتلىق خىزمەت تاپقان. ئەمما بۇ چاغدا جامىسنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقا باشلىغان، ھەر قېتىم بېلىنى ئەگكەندە ياكى بىر نەرسە يۆتكىگەندە، بەل قىسمى قاتتىق ئاغرىپ بىئارام بولۇشقا باشلىغان، سول پۇتى ئىششىپ، ماڭغاندا ئاقساپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن سىرت جامىسنىڭ قول بېغىشى بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، كۆكرەك بوشلۇقىدىمۇ ئىششىق بار ئىكەن.
بۇ كېسەللەر جامىسنى ئازاپلاشقا باشلىغان، بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز چېكىدىن ئاشقان بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە، جامىس ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشۈپ، كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ، رەتلىك ياسانغان. ئاندىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىر دانە كونۋېرت سېلىۋەتكەن. خەتنىڭ مەزمۇنىدا: «سىلەر بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىڭلاردا، مەن ئاللىقاچان بانكا بۇلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان بولىمەن، مېنىڭ پىسخىكام ئىنتايىن نورمال، بىراق سالامەتلىكىم ئىنتايىن ناچار» دېيىلگەن بولۇپ، خەت قايتۇرۇش ئادرېسىغا جاستىن تۈرمىسى دەپ يېزىغلىق ئىدى.
كەينىدىن، جامېس بىر دانە تاكسىغا ئولتۇرۇپ بانكىغا كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ «بىر ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلىش خېتى»نى بانكا خادىمىغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلار كەلگۈچە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھېلىقى بانكا خادىمى قورقۇنچتىن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن، جامىس بولسا، ئۆز ئارزۇيى بويىچە تۈرمىگە كىرگەن.
بۇلاڭچىلىق قىلىش سوممىسى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى بولغاچقا، جامىسغا بانكا بۇلاش جىنايىتى بېكىتمەي، ئوغرىلىق جىنايىتى بېكىتىلگەن. بىراق جامىس بۇنىڭغا قوشۇلماي، ناۋادا جىنايى جازا ئېغىرلىتىلمىسا، ئۆزىنىڭ داۋاملىق جىنايەت سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جامىس تۈرمىدە بىر قانچە سېستىرا بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇ ھەپتە ئاخىرىدا مەخسۇس دوختۇرغا كېسىلىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئومۇرتقا قىسمى ۋە قولىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى، ئۆپكىسىدىكى ئىششىقنى ياندۇرۇشنى خالايدىكەن. ئۇ تۈرمىدە بىر قانچە يىل تۇرۇشنى پلان قىلغان، تاكى پاراۋانلىققا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن دېڭىز بويىچە كۆچۈپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگۈسى بار ئىكەن. جامىسنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتا سېستىمىسى خەلققە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولسا، ئۇنىڭمۇ بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىشىنىڭ ئورنى يوق ئىكەن. جامېس دەيدۇ: بانكا بۇلاش ئەڭ ناچار ئەھۋالدىكى ئەڭ ياخشى تەدبىر، مەن ئۆزۈم بانكا بۇلاشنى تاللىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىقتىساد، پۇل، جەمئىيەت، جىنايەت، قانۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,773 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: treatment-of-robbery.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىنتېرنېت تورىدا 60 سكونت ئىچىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > پۇلى جىق ئادەمنى بوزەك قىلالمايسىز! 10 مىڭ دانە ئوق بىلەن Porsche 911 ئاپتوموبېلىنى ۋەيران قىلىۋېتىش!!!
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- 18 پارچە رەسىم سىزگە شەرق ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
- ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
- ئەجەم گۇرۇپىسىدىن يىڭى مىكرو فىلىم : قېرىنداشلار
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، قېنى تۆرگە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەركەتۇ ۋەلھىدايەت ۋەلمەغفىرەت … قېنى ئاۋال ياشقا چوڭلاردىن كەلسۇن
تازا ئوبدان پايدىلىنىپتۇ-ھە!
بۇيەردىمۇ ئاقامۇ بۇنداق تەدبىر قارىماققا خېلى ئەقىلغە مۇۋاپىق پىلان بۇلۇپتۇ
بۇيەردىمۇ ئېقىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە ئاخمايدۇ بۇ … يېقىندا تۈرمىدىن چىققان بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئاغىرىپ قالسا ، ھەرقانداق ئاغىرىققا بېرىدىغان بىر تاللا كۆك دارىسى باركەن . بېشى ئاغىرسىمۇ شۇنى بېرىدىكەن بېلى ئاغىرسىمۇ شۇنى بېرىدىكەن . دوختۇرغا ئاپىرىشقا توغىرا كەلسە چوقۇم بىر پۇتىڭىز گۆرگە ساڭگىلىشى كېرەككەن.
ئەمسە بۇ يەردە ئاغرىپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن !
پۇلىنى ئۆزى چىقىرىدىغاندۇ تېخى؟؟
كىم شۇنداق دەيدۇ… ئۇ دوستىڭىز بەك ئاشۇرۋېتىپتۇ…. يىنىكرەك كىسەلنى تۈرمە ئۆزى داۋالايدۇ، ئېغىې بولسا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەيدۇ….( چۈنكى مەنمۇ بەش يىل يېتىپ چىققان) بۇ مىنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم
ھازىر تىخى تۈرمىلەردە ئاغرىپ قىلىشقا روخسەت يوقمىشلەر ئاغرىپ قىلىپ ئىشقا چىقمىسا نۇمۇر تارتىدىكەن، بۇ نۇمۇر تارتىلسا كەچۈرۈم ئالالمايدىكەن، مانا مۇشۇنى دەستەك قىلىپ،،،،،،،،،، ھەي………
بۇيەر ≠ ئۇ يەر
بۇ يەردە ‹ئادەم ئاساس قىلىنىدۇ› با ئەمەسمۇ؟؟؟شۇڭا ئۆلسىمۇ كارى يوق
بۇ يەر ئافرىقىدىن سەل ياخشىراق شۇ
بولىدىغان ھۇنەمۇنىمە(چاخچاق)