ئەجەم گۇرۇپىسىدىن يىڭى مىكرو فىلىم : قېرىنداشلار
ئىككى قېرىنداشنىڭ كەنجى ئىنىسىنى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇش يولىدا تارتقان جەبىرلىرى. بىر توپ ئاق نانچى بەگزادىلەرنىڭ پۇل ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ، ھاياتىغا تەھتىد سېلىشى. ئاقىۋەت ئادالەتنىڭ جاھالەتتىن ئۈستۈن كېلىپ رەزىللەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىشى… ھوللىۋود فىلىملىرىغا خاس بۇ سىنارىيە ئەمدى ياش ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ قولىدا سىنغا ئېلىنىپ خېلى يامان ئەمەس تېخنىكا بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلۇپتۇ. مىكرو فىلىم ھەۋەسكارلى كۆرۈپ باھا بەرگەي.
ئەسكەرتىش : مەزكۇر فىلىم دىيارىمىزدىكى مەلۇم خىل جەمىئەت خاھېشىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلمىغان بولۇپ، فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىززىقىشى ئاساسىدا سىنغا ئېلىنغان. شۇڭا ۋەزىيەت بىلەن فىلىمدە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكنى باغلىۋالمىغان ئاساستا، فىلىم سىنارىيىسى، سىنغا ئېلىش تېخنىكىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن باھا بەرسەڭلار بولىدۇ. فىلىمنى غۇلجا ئەجەم گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن ۋە كۇلۇبىمىزغا تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەڭ سۈزۈك ھالەتكە تەڭشەپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مىكرو فىلىم : قېرىنداشلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەمئىيەت، فىلىم، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,248 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: micro-flim-qerindashlar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > GIF قا ئاساسەن كىنو پەرەز قىلىش، سىز كۆرگەن كىنولار بارمىكەن؟ (كىنولارنىڭ تىزىملىكى ئاشكارىلاندى)
- كېيىنكى يازما > ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
كۆرۈپ بولاپ بىرنىمە دەيلى …
ئاۋۇ كاۋاپخانىنى تونۇۋالدىم
تونۇش باللا خېلى باكەن شۇ
8_ئوتتۇرىنىڭ بالىلىرى كەنغۇ، ئىككى _ئۈچىدىن باشقىسى.
ھەممىسى ، مىنىڭ تۇققۇنۇمغۇ
تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم .موزىكىنى سىنغا ياخشى ماسلاشتۇرۇپتۇ .ئارتىسلارمۇ رولنى ياخشى ئاپتۇ ،بولۇپمۇ بەگزادىنىڭ رولى ياخشى چىقىپتۇ .كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى كىيىم مەسىلىسى بەك چوڭ ئورۇندا تۇرىدۇ .بەگزادىنىڭ كىيمى قاملىشىپتىمۇ ؟ناھايىنى قاملاشقان ،چۇنكى كىيىم پېرسوناژنىڭ خارەكتېرىگە ماسلاشقان .ببىراق باشقىلىرىنىڭ تازا گەۋدىلەنمەپتۇ دەپ قالدىم .سىنغا ئېلىشقا كەلسەك بېليارىتخانا ،يەر ئاستى ئۆيدىكى كۆرۈنۈشلەر بىرقەدەر بەدىئى ئېلىنغان .ياخشى ئىشلىنىپتۇ .بىراق سىنارىيەدە يەنە ئازراق چولتىلىق بار .بۇ توغۇرلۇق يازما ئېگىسى دېگىنىچە جىق سۆزلىمەي …مۇشۇنداق يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى كېنولار كۆپلەپ چىقسا ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېنوچىلىق ئېشلىرى تەرەققى قىلىپ قارلار بولغىيتى ،بىزدە نۇرغۇن يېڭى تەپەككۇرغا ئېگە ياشلارنى بار ،بىراق بىزدىكى بۇ ئېدىيەلەر بەك تارقاق ھالەتتە .مۇشۇنداق كىشىلەردىن ئونى بىريەرگە كېلەلىسە ،بەلكىم خەلقارا سەۋىيىدىكى ئەسەرلەر روياپقا چىقىپ قالاتتى …
مەنمۇ شۇ قاراشتا ، ئىسىل چىقىپتۇ …..
سىنارىينىڭ يېزىلىشى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،بولسا ھېلىقى ئۇكىسىنى تۇتۇپ ماڭغان يەردە ئاۋۇ ئۇچەيلەن كەپ قالغان ھەم ئىنىسىنىڭ ماشىنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن ئىنىسى ئاكىسىنى كۆرەپ دىرىزىدىن شۇنداق شەرەتلەپ كەتكەن كۆرنىشنى قاتقان بولسا تېخىمۇ تەسىرلىكرەك چىقاتتى …
يەنە بىرى فىلىمنىڭ مۇزىكىسى ناھايىتى ئىسىل چىققان
ياخشى ئىشلىنىپتۇ .ئارتىسلارمۇ رولنى ياخشى ئاپتۇ
سەندەكلەر جىق چىققاچقا، بىزنى زاۋاللىققا باشلايدۇ…
ما گەپنىڭ خىلى جىنى با
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم . ‹ئەجەم› گۇرۇپپىمىز ئىشلىگەن ‹قېرىنداشلار› ناملىق مىكرو كىنو تورخۇمارلار كۇلۇبىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن مەن ۋە بارلىق گۇرۇپپاداشلىرىم بەك خوش بولدۇق . ياخشى باھا ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمىز .. ئىشىنىمىزكى سىزلەرنىڭ قۇللىشىڭلار بىلەن بىز خۇدا بۇيرىسا تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىنولارنى ئىكران يۈزىگە ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىمىز…
ھېي…تونۇش يەرلەرغۇ بۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ ئېيتقان نۇقتىلىرىدىن قارىغاندا ياخشى چىقىپتۇ. تىرىشىڭلار .
سۇرەتكە ئېلىش جەھەتتە يەنىمۇ تىرىشسا بولغۇدەك، كامېرا يۆتكەلگەندە كۆزنى تالدۇرىۋېتىدىكەن. كۆرۈنۈشنى ئوبدان پىلانلاپ، ھىچ بولمىغاندا ئىككى كامېرا نى مۇقىم ئورنىتىپ بىرنى ئەركىن قويۇپ ئاخىرىدا ئۈچ كامېرانى بىرلەشتۈرۈپ مۇنتاژلىسا بولاتتىكەن.
مىكرو فىلىم بولغاندىن كېيىن ئامال بار كۆرۈنۈشلەرنى قىسقارتىپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاز كۆرۈنۈش بىلەن كۆرۈرمەننىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتىشقا تىرىشسا بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئېسىل
قىززىق كىنوكەن
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپ تۇ پىرسۇناجلارمۇ تەبى چىقىپتى ،سىزلەرنى قولايمىز،
ئىسىل چىقىپتۇ
قىسقا بولسىمۇ يىقىندىن بىرى ئىشلىنۋاتقان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا سىلىشتۇرغاندا ئىلگىرلەش خىلى چوڭ .باركاللا……..
ئىشقىلىپ 2012نىڭ بۇ يېقىغا ياش بالىلار مىكرو فېلىملەرنى يامان ئەمەس ئويناپ قويىدىغان بولۇپ قالدى – ھە ئادەمنى سۆيۈندۈرۈپ
لېكىن، نېمە تۈگىمىگەن «ئاداش»تۇ ئۇ، باشقا يېرى چېستەي…
ياخشى چىقىپتۇ. تىرشىڭلا مۇھىم ۋەقەلىك تەپسىلى بولماي قاپتۇ