نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟

بۈگۈن بىز ئاز ۋاقىت چىقىرىپ بىت تەڭگىسى (Bitcoin) توغىرىسىدا ئاز تولا قۇرۇق پاراڭ قىلىشىپ باقايلى ، يىقىندىن بېرى مەيلى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بولسۇن ياكى تاراتقۇلار خەۋىرىدە بولسۇن ، بىت تەڭگىسى يېڭى بىر قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى ، ھەتتا دۇنيادىكى ئىشلار پروگراممىسىدىمۇ بۇ بىت تەڭگىسى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتتى ، قارىسام ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزدە بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق پاراڭ بولۇنمىغاندەك ، تورداشلار بۇنىڭغا قەتئىي قىززىقمىدىمۇ ياكى خەۋەر تاپماي قالدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، ئەمما مەن بىت تەڭگىسىگە ئانچە مۇنچە قىززىقىپ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم ، شۇڭا بۇ يەردە ئاز تولا «ئاخبارات» تەمىنلەي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن.

bitcoin

ئەڭ ئالدى بىلەن «بىت تەڭگىسى دىگەن نىمە ؟» دىگەن سوئالغا جاۋابەن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈش فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى : (تىلى ئىنگىلىزچە ، ئاستىدا خەنزۇچە خېتى بار )

دىققەت : تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەت بىت تەڭگىسى ھەققىدىكى بەزى يېڭىلىقلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلار يىزىلدى ، ئەگەر سىز مىنىڭ يازمامدىن ئىلھاملىنىپ كىتىپ بىت تەڭگىسى سېتىۋالسىڭىز ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارسىڭىز بارلىق بىخەتەرلىكى ۋە خەتىرىگە ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىڭ . رەھمەت !
يۇقارقى فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن بەلكىم بىت تەڭگىسىگە بولغان تونۇشىمىز يەنىلا يىتەرلىك بولمىغان بولۇشى مۇمكىن ، ئەمدى بىز ۋىكىپىدىيا قامۇسىدىكى بىت تەڭگىسىگە ئائىت بىر بۆلۈك چۈشەندۈرۈشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :

比特币(英语:Bitcoin,简写:BTC,货币符号:฿)是一种用户自治的,全球通用的加密电子货币。 其概念由中本聪(Satoshi Nakamoto,化名)在2008年提出。他以开放、对等、共识、直接参与的理念为基准,结合开源软件和密码学中块密码的工作模式,在P2P对等网络和分布式数据库的平台上,开发出比特币发行、交易和账户管理的操作系统。其系统让遍布整个对等网络用户端的各节点,按照其种子文件达成网络协议,从而确保在货币发行、管理、流通等环节中公平、安全、可靠。它的货币总量按照设计预定的速率逐步增加,增加速度逐步放缓,并最终在2140年达到2100万个的极限。(来自维基百科)

يۇقارقى بۆلەك مەزمۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى :

بىت تەڭگىسى ، ئىنگىلىزچىسى Bitcoin ، قىسقارتىپ يېزىلىشى : BTC ، پۇل بەلگىىسى : ฿ ، ئۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئابونت ئۆزى ياسىغان ، خەلىقئارادا بىردەك ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخپىيلەشتۈرۈلگەن مەۋھۇم پۇل . ئۇنىڭ نەزەرىيسىنى 2008 – يىلى ياپونىيىلىك Satoshi Nakamoto ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ ئوچۇق ، باراۋەر ، بىرلىككە كەلگەن ، بىۋاستە قاتنىىشىش ئىددىيلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ، ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ۋە مەخپىي شىفىر بۆلىكنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ ، P2P باراۋەت تورى ۋە تارقىلىشچان سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىت تەڭگىسىنى ئېچىش ، سودىلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان . ئۇنىڭ سىستېمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئابونتلار بۆلىكىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنىڭ تارقىتىش ، باشقۇرۇش ، سودىلىشىش باسقۇچلىرىنىڭ باراۋەر ، بىخەتەر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومى سانى ئەسلىدىكى پروگراممىدا ئالدىن بېكىتىلگىنى بويىچە بارا – بارا ئازىيىپ 2140 – يىلىغا بارغاندا 21 مىليۇنلۇق ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن كۆپ بولمايدۇ .

راستىنى دىسەم يۇقارقى مەزمۇننى تەرجىمە قىلىشتا جۈملىلەرنى قاملاشتۇرۇشتا ئوبدانلا قىينالدىم ، تۆۋەندە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىت تەڭگىسى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئاددىيراق ئۇسۇلدا چۈشىنىپ باقايلى :
1. بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ : مەسىلەن سىز بارلىق ئىقتىسادىڭىزنى دوللار ياكى خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ يىغسىڭىز ئاشۇ پۇلنى تارقاتقان ئورگاننى شۇ پۇلنىڭ مەركىزى دەپ بىلسەك بولىدۇ ، ئەگەر ئۇ ئورگان ۋەيران بولۇپ يوقىسا سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ . ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇنداق ئەمەس ، يەنى سىز «بىت پۇلى گوروھى» نىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇنداق بىر ئورگان مەۋجۇت ئەمەس . پەقەت دۇنيادا باشقا بىر ئادەم ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان بولسا سىز بىت تەڭگىسىنى ئىشلىتەلەيسىز . مىسال كەلتۈرسەك : بىز ئىشلىتىۋاتقان پۇللارنى مەلۇم بىر تور بېكەتتىن چۈشۈرسەك بولىدۇ دەپ قارىساق ئەگەر ئۇ بېكەت تاقىلىپ قالسا سىز داۋاملىق چۈشۈرەلمەيسىز دىگەن گەپ ، ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق نەرسە چۈشۈرىدۇ ، خالىغان بىر ئادەم شۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ باققان بولسا سىزمۇ چۈشۈرەلەيسىز دىگەن گەپ ، بېكەت مۇلازىمىترى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .

2. بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومىي سانى مۇقىم بولىدۇ : بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومىي سانى جەمئىي 21 مىليۇن ، بۇ ئاشۇ بىت تەڭگىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پروگراممىغا مۇقىم يىزىۋىتىلگەن بولىدۇ . يەنە كىلىپ ئالدىدا ئېيتقاندەك بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بىت تەڭگىسىنى ياخشى بولغان كاپالەتكە ئىگە قىلغان ، بەزىلەر ھەتتا بىت تەڭگىسىنى ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ .

3. بىت تەڭگىسىنى پارچىلاشقا بولىدۇ : خۇددى بىز ئادەتتىكى پۇلنى بىر مو ھەتتا بىر سىنىت دەپ كىچىك بىرلىك بىلەن ئاتىغانغا ئوخشاش بىت تەڭگىسىنىمۇ پارچىلاشقا بولىدۇ ، ئەمما ئۇ بىر مەۋھۇم پۇل ، شۇڭا پارچىلاش ئۇسۇلى ئالاھىدىرەك ، مەسىلەن : mBTC نى ئىشلىتىپ پارچىلاش (0.001 BTC = 1 mBTC) ، دىگەندەكلەر .

4. بىت تەڭگىسىنى سودىلىشىش ناھايتى قولايلىق : مەيلى سىز دۇنيانىڭ قايسى ئورنىدا بولۇڭ ، تور ئارقىلىق خالىغان ئادەم بىلەن بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلىشالايسىز ، خۇددى ئەلىپاينى ئىشلىتىپ توردىن مال سېتىۋالغاندەك . ئەلۋەتتە ئۇ بىت تەڭگىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم ، بولمىسا يەنىلا خەلق پۇلى ياكى دوللار بېرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ .

5. بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلاشقاندا ھەر قېتىمغا 0.0001BTC ھەق ئېلىنىدۇ ، ئادەتتە سىز چوقۇم ئابونتلار تېرمىنالى ئارقىلىق سودىلىشىسىز ، ھەم بۇ تېرمىنال ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولىدۇ ، شۇڭا بۇ رەسمىيەت ھەققى بىت تەڭگىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تور بايلىقنى ئاسراش ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىدۇ .

بىت تەڭگىسى پورتمالى
سىز ئادەتتە بىت تەڭگىسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئابونتلار تېرمىنالى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ تېرمىنال ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنى باشقىلارغا تۆلەشكە ھەم باشقىلار تۆلىگەن بىت تەڭگىسىنى قوبۇللاشقا بولىدۇ . تېرمىناللار تۆۋەندىكىچە :
1. Bitcoin-Qt دېتالى

بۇ دېتالنىڭ سىغىمى بەك چوڭ ، ئەمما ھەر قانداق مۇھىتتا ئىشلەيدۇ (Windows/Linux/Mac OS) .

2. Multibit دېتالى

بۇ دېتال نىسبەتەن بىر قەدەر كىچىك ، ئىشلىتىش قولايلىقراق ، ھەم ھەر قانداق مۇھىتتا (Windows/Linux/Mac OS) ئىشلەيدۇ .

3. ئاندىرويىد تېرمىنالى : Bitcoin Wallet ، ئايفون تېرمىنالى : Blockchain
يۇقارقىلىرى يانفون تېرمىناللىرى .

سىز يۇقارقى دېتالدىن خالىغان بىرنى قاچىلىسىڭىز سىزگە مەخسۇس بولغان بىر ئادىرىس ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ . بۇ سىزنىڭ پورتمال ئادىرىسىڭىز ھىسابلىنىدۇ .  ئەمدى سىز تۆۋەندىكى ئىككى تور بېكەتنىڭ خالىغان بىرىگە كىرىپ دوللار ياكى خەلق پۇلى خەجلەپ بىت تەڭگىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئەلۋەتتە بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى توختىماي ئۆزگىرىۋاتىدۇ ، پايچىك ئوينىغانغا ئوخشاش ئەرزانلاشقاندا ئىلىپ قىممەتلەشكەندە ساتسىڭىز پۇل تاپىسىز دىگەن گەپ . ھە راس ھىلىقى ئىككى تور بېكەت :
1. BTCChina تورى ، مەنزىل : https://vip.btcchina.com/
2. BTer.com تورى ، مەنزىل : http://bter.com/
يەنە بىر قېتىم دىققەت : بۇ مەزمۇنلاردىن ئىلھاملىنىپ بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سالسىڭىز خەتىرىنى ھەم بىخەتەرلىكىنى ئۆزىڭىز پەرق قىلىڭ ، تەكلىپىم شۇكى ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا مەبلەغ سالماڭ ، مەن پەقەت يېڭىلىقنى تونۇشتۇرىۋاتىمەن ، سىزنى مەبلەغ سىلىشقا قىززىقتۇرۋاتقىنىم يوق.

مەنبە: ئوغلان ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,732 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: bitcoin.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. رىۋايەت 2013.12.03 , 12:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەبلەغ سالمىغان ياخشى يەنىلا يەنچۇقتىكى نەق بۇلغا يەتمەيدۇ:grin::grin::grin::idea:

  2. بىرلان 2013.12.03 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ تور دۇنياسىنىڭ يېڭى يۈرلىنىشى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.بىراق رىۋايەت ئىېيتقاندەڭ نەق پۇلغا يەتمەيدۇ جۇما…

  3. ئابومجان 2013.12.03 , 13:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئىسىل يازما بوپتۇ، ئۆتكەن يىلى مۇشۇ توغرۇلۇق خېلى ماتىريال كۈرۈپ باققان،تورخۇمارغا مۇشۇ توغرۇلۇق تىما يېزىشنى ئويلاپ نەچچە سائەت ئوتتۇرۇپ پەقەت قۇلاشتۇرالماي تاشلاپ قويغانتىم ،شۇندا بولسىمۇ تورخۇمارغا مۇشۇ توغرۇلۇق تىما يوللىنىشنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتكەن،ئاخرى يېزىلىپتۇ …
    ئۆتكەن يىلى زاماننىڭ كەينىدە قالماي دەپ يىغىپ تۆشەپ يۈرۈپ 730يۈەنگە بىت پۇلىدن بىرنى سېتىۋالغان تېخى، كاساپەتنىڭ قىممىتى خېلى ئۈسىۋاتىدۇ، ئامرىكىدىكى بىت سودىگەرلىرى پەرەز قىلىپ 2015-يىلى قىممىتىنى 10000دوللاردىن ئاشىدۇ دەۋاتىدۇ ، ساقلاپ باقاي، ماشىنا ئالغىدەك پۇل بوغاندا گۇپلا قىپ ساتامە …

    • مىھمان 2013.12.03 , 15:01

      دىمەك ئاشۇ بىر بىتنى ھازىر ساتسىڭىز ئالتە مىڭ يۇەندىن ئارتۇق ساتالايدىكەنسىزدە؟ مەن خىلى قىزىقىپ قىلىۋاتىمە بولسا سودا قىلىش تەجرىبىڭىزنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز بوپتىكەن،رەخمەت!

  4. ئارسلان107 2013.12.03 , 13:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىت تەڭگىسى ئارقىلىق ئامازۇن قاتارلىق خەلىقئارالىق سودا تور بىكەتلىرىدىن نەرسە سېتىۋالغىلى بولارمۇ ؟ :?::?:

  5. ئەپسانە 2013.12.03 , 13:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىخى قايسى كۈنى قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىسىدا تونۇشتۇرغان ئىدى،بۈگۈن تورخۇماردا كۆرۈپتىمەن،تورخۇمارنىڭ ئىسىللىىقى مۇشۇدە،دۇنيادىكى قىززىق نۇقتا بولىۋاتقان يىڭىلىقلارنى مۇشۇ تورخۇماردىن ئانا تىلىمىزدا ۋاقتىدا خەۋەر تاپىمىز.

  6. ئابومجان 2013.12.03 , 13:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇنيا بۇيىچە كانادادا بىت پۇلى ئاجايىپ ئالقىشقا ئىرىشىدىكەن ، ئۆتكەن يىلى بەزى سودا سارايلادا بىت پۇلى تۆلەپ نەرسە سېتىۋالسىمۇ بۇلىدىكەن،بىت پۇلىنى بىۋاستا بىت پۇل ئالىدىغان ماشىنىدىنمۇ ئالغىلى بۇلىدىكەن…
    جۇڭگۇ خەلىق بانكىسىنىڭ خېلى چوڭ بىر ئەمەلدارى دۆلىتىمىزدە بىت پۇلىنى ھازىرچە ئىتراپ قىممايمىز دەپتۇ

  7. شامال 2013.12.03 , 14:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى بىر خەۋەردە بىر ياش ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى شۇ خىلدىكى پۇلغا ئالماشتۇرۇپ ئۆي پۇلىنى تاشۇرغاننى دەۋاتاتتى…

  8. ئابومجان 2013.12.03 , 14:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىت پۇلىغا ئىرىشش جەريانىنى خەڭسۇلا ئوبرازلىق قىلىپ 挖矿 كان قېزىش دەپتىكەن،بىز ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرى ئارقىلىق 密码学شىفىرشۇناسلىق ئىلىمى ئاساسىدە تۈزۈلگەن قىيىن مەسلىلەرنى يىشىپ چىقىدىكەنمىز،تۇنجى قېتىم مەسلىنى يىشىل چىققان ئادەم 50بىت پۇلىغا ئىرىشىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىيىن مەسلە بارلىققا كىلىدىكەن،بۇنى يەشكەن ئادەم 25بىت پۇلىغا ئىرىشىدىكەن، كانچىلارنىڭ سانى ئاشقانسىرى سۇئالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ شۇنچە ئېشىپ بارىدىكەن،ماتىريالدا دىيىشچە ھازىر ئۆز ئالدىغا كان قېزىش بەك تەسلىشىپ كىتىپتۇ،سەپلىمىسى بەك ئىلغار كومپىيۇتېر بولغان تەقدىرىدىمۇ ھازىر ئۆزئالدىغا كان قازسا ئايدا بىرتال بىت پۇلىغا ئىرىششمۇ خېلى تەسكەن،شۇڭا كانادالىقلا مەخسۇس بىت پۇلى قازىدىغان ھېساپلاش ماشنىسىنى بازارغا ساپتۇدەك،باھاسى ئەرزانمۇ ئەمەسكەن،ئەللىك مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ دەيدۇ…
    ھازىر نەچچە ئادەم بىرلىشىپ كان قازسا سەل ئاسان بولغۇدەك،كانچىلار ئۇيۇشمىسى دەيدىكەن ئۇنى ، ئېرىشكەن بىت پۇلىنى تەڭ نىسبەتتە بۈلىشىدىكەن، شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا كان قېزىش تازا مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك چوڭمىش…
    2011-يىلى ئىچكىرىدىكى بىر خەڭسۇ باشقىلارنىڭ نەچچە مىڭ كومپىيۇتېرىنى يىراقتىن كونتىرول قىلىپ ھەپتىسىگە يۈز نەچچە بىت پۇلىغا ئىرىشپتىكەن،كىيىن تۇتۇلۇپ قاپتۇ ، قانداق كونتىرول قىلدى قانداق ئىرىشتى بۇ پۇلغا تازا كاللام ئىشلىمىدى، ئىشقىلىپ ئەدەمنى خېلى قىزىقتۇرىدىغان نەسىكەن بۇ بىت

  9. ئابومجان 2013.12.03 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىدىن سىرلىق يىرى ئۆزىنى Satoshi Nakamoto دەپ ئاتىۋالغان بۇ كىشى مەلۇم بىر مۇنبەردە ئۆزىنىڭ بىت پۇلى توغرىسىدىكى بايانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىنلا تۇيۇقسىز غايىپ بولغان، مۇنبەردا باشقىلار بۇ كىشىنى بۇرۇن پەقەتلا ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىكەن،گۇگىل دىگەندەك ئىزدەش ماتورلىرى ئارقىلىق ئىزدەپمۇ بۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق ماتىريالىغا ئىرىشەلمىگەن…
    باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە Satoshi Nakamoto 中本聪 ياپونىيەلىكمىش ، لىكىن مۇنبەرگە تىزىملاتقان ئادرىسى گىرمانىيەدىكى بىر ھەقسىز ئىلخەت بىكىتى ئىكەن ، يامان ئەدەملەر نىمىدىگەن كەمتەر كىلدۇ ھە …

  10. ئېلتەبېر 2013.12.03 , 17:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن زاماننىڭ ئارقىسىدا قاپتىمەن… توۋا..بۇ توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەيمەنكە دېسە…

  11. ئارسلانباي 2013.12.03 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بۇ ئوقەت ئابوم قارى دېگەندەك راسلا ئۆسۈپ كەتسە ھە……

    • ئابومجان 2013.12.03 , 21:56

      دىققەت قىپ باقسام بىت پۇلىنىڭ قىممىتى بەك تۇراقسىزكەن،بىركۈندە نەچچە يۈز يۈەن ئۆرلەش پەسلەش كىچىك ئىشكەن،شۇڭا مەبلىغى ئازلا بۇ نەرسىلەركە مەبلەغ سالمىسا بولغۇدەك،گەرچە بەزى رايۇنلاردا پۇخرالار ئارىسىدا ئىتراپ قىلىنغىنى بىلەن ھۈكۈمەت تەرەپ تېخى ئېنىق بىر نىمە دىمىدى ، نەچچە يۈزمىڭ ، ھەتتا مىليۇنغا بۇ مەۋھۇم تەڭگىلەنى سېتىۋىلىپ بىرە چاتاق چىقسا مىليۇن پۇلغا ساتمىغان مەكىت قۇيى تۇيۇقسىز ئۈلۈپ قاغاندەكلا ئىشكەن…
      2008-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان بۇ پۇلنى تاپىدىغانلا نەچچە يىل بۇرۇنلا راس تېپىۋالدى،بۇندىن كىيىن بۇ پۇلنى تېپىش كۈندىن كۈنگە تەسلىشىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بىلىپلا قويساق،ئاتۇقچە ھەۋەس قىلمىساق بۇلدىغان ئوخشايدۇ

  12. بىراۋ 2013.12.03 , 20:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆتكەندە مەنمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق بىرئاز نەرسە كۆرگەن. 19-نويابىر بىر بىت تەڭگىسىنىڭ خەلق پۇلىغا بولغان قىممىتى 8000 يۈەنگە چىقىپ، ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.ئۇندىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى. ھازىر قانچىكىن بىلمىدىم. بۇنى ئاساسلىقى تەشكىللىك (شىركەت، گوروھ، گۇرۇپپا، ئەترەت…..) ھالدا كان قېزىش قۇرالى ئارقىلىق قازىدىكەن. ئاۋۇ كان قېزىش قۇرالى دېگىنى ئەمەلىيەتتە مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى، … دېگەندەك قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى كومپيوتېرنى كۆرسىتىدۇ. سۇمرۇغ تورىدىكى بىر ماقالىدە مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەنزۇ كان قېزىش ماشىنىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاشۇ نەرسىلەر كۈنىگە 9000 يۈەن ئەتراپىدا توك خۇرىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
    ئىشقىلىپ ھازىر بۇ نەرسىگە يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر قىزىقىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ساراڭلارنىڭ چالغان دېپىغا، بىر توپ ئەخمەقلەر ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ دەۋاتىدۇ…
    بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرىمۇ قىزىل رەڭلىك خەت بىلەن ئەسكەرتىش بىرىپتۇ. شۇ بويىچە ئىش تۇتۇڭلار…

  13. موگو 2013.12.04 , 14:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پايچەك ئويناپ ۋەيران بولمىغانلار بىت تەڭگىسى ئويناپ ۋەيران بولامدۇ نىمە ،نىمانداق تۇراقسىز بىت ئۇ،
    ئەڭ ياخشىسى بىزلەرگە ئۇنداق بىتلار ئوڭۇمىز تۈگۈل چۈشۈمىزدىمۇ نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ ،

  14. مەرۋايىت 2013.12.04 , 19:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نەرسىنى يەنىلا ئېنىق چۈشەنمىدىم، ئەمما بۇنىڭمۇ مەلۇم ئورگان ياكى گورۇھنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان نەرسە دەپ ئويلىدىم.
    بىر چاغدا پايچېكى توغرىسىدا مۇنداق بىر يازما كۆرگەنىدىم، يەنى:
    پاي چېكى دېگەن نېمە؟
    پاي چېكى دېگىنىمىز مۇنداق نەرسە، يەنى:
    بىر خوجايىن يېراق بىر ئورمانلىققا يېقىن جايدىكى ئاھالىلەر رايۇنىغا كاتىپىنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپتۇ، ۋە ئۇ يەردىكى خەلىققە ئۆزىنىڭ مايمۇن سېتىۋالىدىغانلىقى، قانچىلىك مايمۇن بولسا شۇنچىلىك ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بىر مايمۇننىڭ باھاسىنى 10 دوللار قىلىپ بىكىتىپتۇ، ئۇ يەردىكى خەلق بەس-بەستە مايمۇن تۇتۇپ سېتىپتۇ، كېيىن مايمۇن تاپماق تەسلىشىپتۇ، خوجايىن مايمۇننىڭ باھاسىنى 15 دوللارغا چىقىرىپتۇ، سېتىۋالغان مايمۇنلارنى ئىزچىل شۇ يەردە قەپەس ياساپ بېقىپتۇ، مايمۇنلار تامامەن قالمىغىلى تۇرغاندا 20 دوللارغا چىقىپتۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن مايمۇن تېپىش بەسى مۈشكۈل ئىش بولۇپ قاپتۇ، بۇ چاغدا خوجايىن مايمۇننىڭ باھاسىنى بىراقلا 100 دوللارغا چىقىرىپتۇ، ھەمدە ھەممە ئىشلارنى كاتىپقا تاشلاپ قويۇپ شەھەرگە ئىش بىجىرىش ئۈچۈن كىرىپ كېتىپتۇ، بۇ چاغدا كاتىپنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە:
    -مەن سىلەرگە بىر ئاز مايمۇننى 70 دوللاردىن سېتىپ بېرەي، خوجايىن كەلسە سىلەر 100 دوللاردىن سېتىڭلار، خوجايىن شۇنچە مايمۇندىن كەملەپ قالغىنىنى بىلەلمەيدۇ، بىلسىمۇ مەن ئۆلۈپ قالدى دەپ قويىمەن ياكى قېچىپ كېتىمەن دەپتۇ، ئۇيەردىكىلەر بەس-بەستە پۇل چىقىرىشىپ ئۆزلىرى 10-15 دوللاردىن ساتقان مايمۇنلارنى 70 دوللاردىن سېتىۋاپتۇ، كاتىپ بارلىق مايمۇنلارنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن غايىپ بوپتۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى ھېلىقى خوجايىن شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ، مانا بۇ پاي چېكى. :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ئىسيانكار 2013.12.13 , 19:25

      پاي چەكنى مۇنداق چۈشىنىۋالساق بولماس :grin:

    • مىسران 2014.01.27 , 22:57

      ئالامەت نەسىكەن جۇما…

  15. ئىلتەبىر 2013.12.05 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.بۇ بىر بىلىم ئىكەن.

  16. مۇتەللىپ 2013.12.09 , 23:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاي چېكىنىڭ ئىنىقلىمىسى ھەممىدىن بەك قىزىقكەن.:lol:

  17. يولوچى 2013.12.12 , 00:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىت دىتالى بىكىنمە ھاكىمىيەتلەرگە ئەجەللەك زەربە بولىدىغان قۇرالكەن . جوڭگو بۇ پۇلنى خەلىقئارا بىسىم بولمىسىلا ھەرگىز ئىتىراپ قىلمايدۇ دوسىتلار .بەلكىم بۇ چاققىچە خەلىق پۇلىغا بىت تەڭگىسى سىتىۋىلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى چىكىنى بىكىتىپ بولدى .ئۇنىڭدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنىڭ ھىساۋاتىنى تەكشۇرۇشى ياكى توڭلىتىشى مۇمكىن .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量