نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نىمىشقا بەزى كىشلەر دىگەندەك «بىزارلىق» ۋەزىيەت شەكىللەنگەن؟

ئېلان ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى.ئىقتىساتتا تەرەققىياتلا بۇلدىكەن. ئېلان(بۇ يەردىكى ئېلان تار مەنىدىكى بارلىق ئىقسادى ئۈنۈم يارتىدىغان ئېلانلارنى كۆرسىتىدۇ)ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى،ئۆزىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىغا تايانماي تۇرۇپ ساقلاپ قالالايدۇ.شۇڭا ئېلاننىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىنى ئىتراپ قىلىش ،مەلۇم دەرىجىدە تەرەققى قىلغان  ئىقسادى فۇرماتسىيە ئاستىدا ياشاۋاتقان كىشلەر ئۈچۈن ئاقىلانىلىككە ئىگە دىيىشكە بۇلىدۇ.

elan

ھەقىقەتەن ئېلان دىگەن بۇ سۈزنى ئاڭلىغان ھامان ،نۇرغۇن كىشلىرىمىزدە بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ.ئۇنداقتا ئېلاننىڭ ئۈزى  كىشىنى بىزار قىلىپ تۇرۇپ  ،ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ،ئىقسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان بىر جەريانمۇ؟ياكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش،ئىقسادى ئۈنۈم يارتىش جەريانىدا كىشىنى بىزار قىلىپ قۇيغانمۇ؟ئۇيغۇر تېلىۋېزىيە ئېلانچىلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چۇقۇم بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كىرەك.

ئېلان ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدىكى مەلۇم بىرخىل ئۇچۇرنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىقسادى ئۈنۈم يارتىش جەريانى ئەمەس.مەلۇم بىر ئېلان مەلۇم بىر ئىقسادى قۇرۇلمىنىڭ تەرەقىقىيات سەۋىيەسىنى.مەلۇم بىر مەدىنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.ئېلان ،ئىشلىگۈچىلەردىن ئىنتايىن  مول بۇلغان ئۇنۋىرسال بىلىم ۋە ئەڭ ياخشى بۇلغان يېڭىلىق يارتىش روھىنى  تەلەپ قىلىدۇ. ئېلان ئۇچۇر يەتكۈزۈز بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ،بىر لىرىك (مۇزىكا) بۇلىشى كىرەك .قانچە ئاڭلىسىڭىزمۇ قانمايدىغان.بىر (ئىتۇت) بۇلىشى كىرەك قانچە كۈرسىڭىزمۇ يەنە كۈلىدىغان.بىر (كىنو )بۇلىشى كىرەك ،يەنە نەچچە كۆرسىڭىزمۇ ھاياجانلىدىغان.مەن شۇنداق ئويلايمەن.ئېلان كۆرۈش ،ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق كىشلەرگە مەلۇم بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزىدىغان ( ئەدەبىياتنىڭ بارلىق كاتوگۇرىيەسى،رەسساملىق،بىناكارلىق،مۇزىكا،بارلىق ئورۇنداش سەنئىتى،تېلۋىزيە-كىنو چىلىققا دائىر بارلىق بىلىملەر،ھەتتاكى ھازىرقى كومپيۇتېر يۇقىرى تېخنىكىسى )ھەممە ۋاستىلەرنىڭ جەۋھىرى .شۇڭا ئېلان ھەرگىزمۇ  كىشىنى بىزار قىلىشنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ،مەلۇم بىر ئۇچۇرنى تارقىتىپ ،ئىقسادى ئۈنۈم يارتىش جەريانى ئەمەس.

ئۇنداق بۇلسا بىزنىڭ ئېلانچىلىقىمىزدا نىمىشقا بەزى كىشلەر دىگەندەك(بىزارلىق) ۋەزىيەت شەكىللەنگەن؟؟؟

ئىقسادى سەۋەپ

ئېلان گۈلىنىشنىڭ ئالدىقى شەرتى چوقۇم ئىقتىساد گۈللىنىشى كىرەك.كۆپلەپ مىللى كارخانىلارنىڭ بارلىققا كىلىشى،كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشى كىرەك.بىلىشىمچە ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقىدا ئۇمۇمى سوممىسى،50مىڭدىن يۈەندىن ئاشىدىغان ئېلانلار(ئالاھىدە داڭلىق بۇلغان ئۇبراز ۋەكىللىرىنىڭ چىقىمىنى ھىساپ قىلمىغاندا)ئاساسەن يوق دىيەرلىك،مۇتلەق كۆپ قىسمى 20مىڭ ئەتراپىدا(ھىس قىلىشىمچە بۇ ساننىمۇ بەك كۆپ مۆلچەرلىۋەتتىم) ،ھەتتا بەزى تۇترۇقسىز ئېلانلارنى 4-5مىڭغىچە ئىشلىنىدۇ.ئىچكىردە بىر ئېلاننىڭ ئىشلىنىشى ئەڭ تۈۋەن بۇلغاندىمۇ 200مىڭ،بىر مىليونلىق ئېلانلار  خېلى كۆپ .ھەددىدىن تۈۋەن بولغان ئېلان باھاسى بىۋاستە ھالدا ئېلان شىركەتلىرىنىڭ  بىلىم قۇرۇلمىسىنى،ئۈسكۈنۈلىرنى يېڭىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ  . قىسقىسى ،ئىقسادى ئاجىز بۇلغان كارخانىلار ،ئېلان ئىشلەشكە يىتەرلىك مەبلەغ سالالمىغانلىق سەۋەپ،بىرتەرەپتىن ئەسلى بار بۇلغان ئېلان شىركەتلىرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ھەم ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرەلمىسە،يەنە بىر تەرەپتىن كىشلەرنى بۇ كەسىپكە تېخىمۇ مول كەسپى ساپا ھەم ئۈسكىنە ھازىرلاپ شوغۇللىنىشقا قىزىقتۇرالمىدى.

تۈۋەن بۇلغان كەسپى ساپا

ئۇيغۇر ئېلان شىركەتلىرى ئىچكىرىدىكى ھەم چەتئەلدىكى ئېلان شېركەتلىرىدەك ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئەمەس ،توي فىلىمىنى تارتالايدىغان ،بەك بۇلسا MTVكۆرىنىشلىرىنى  سۈرئەتكە ئالالايدىغان.رەسسام ياكى ئاپرات ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئككى- ئۈچ ئادەم  ئىشلەپلا پۈتتۈرىدۇ.ئېلانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بايان خارەكتىرلىك ئېلانلار،پۈتۈن ئېلان ئىشلەش جەريانىدا كۆرنىشلەر بەك چاتاق بولمىسىلا،تۇلۇق ئېلىنغان بۇلسىلا ،ئېلان پۈتكەن ھىساپلىنىدۇ.كەسپى ئېلان خادىمى ،كەسپى ئېلان سىنارىيەسى ھەم سۆزىنى يازغۇچى،كەسپى بۇلغان ئوپىراتۇر،كەسپى تەربىلەنگەن فىلىم كىرىشتۈرگۈچى ،،،دىگەنلەر ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا تۇلىمۇ يات بۇلغان ئاتالغۇلار.ھەم شۇنداق كىسىپ ئېتىشقا بۇلىدۇكى،ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھىچقانداق بىرى ،ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىن مۇنتىنىزىم تەربىيە كۆرمىگەن. بىر قەدەر ياخشى ئېلان ئىشلىگۈچىلەر پەقەت ئۇزاق يىللىق مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ،ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ تەجرىبە توپلىغۇچىلاردۇر.بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئەلۋەتتە ئېتراپ قىلىش كىرەك.

ئېلان باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بۇلماسلىقى

ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدا ھېلىغىچە بىر ئۈزلىكىدىن تەشكىلەنگەن ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار تەشكىلىگەن ئېلان جەمئىيىتى يوق.ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش ،ناچارلىرىنى تەنقىتلەش، بۇ ئارقىلىق ئىمكانىيەت بۇلغانلا ھالدا ئېلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانيىتى يوق.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مەرۋايىت 2012.09.08 , 18:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ دىۋانمۇ يا ئۇقۇشماي باشقا يەردە ئولتۇرۇپ سالدىممۇ:lol::lol:

    • سۈرخان 2012.09.09 , 01:22

      ئاداش، بايا مۇشۇ ئەتراپتا مىخ چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن، كۆرگەندەكمۇ يا؟:evil:

    • كۇسەن 2012.09.09 , 14:34

      مىخ دا ئولتۇرۋالمىغانسىز ھە :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  2. مەرۋايىت 2012.09.08 , 18:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئىلان توغۇرلۇق سۆز بولسا سەل قايناپ قالىدۇ كىشى. بۇنى ياخشى تەھلىل قىپسىز.
    تورلاردا كۆرۈۋاتقان داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ ئىلانلىرىنى نۇرغۇنلىرىمىز كۆرۈپ باققان، بەزى ئىلانلارنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ھەتتا نەچچە يىل كەتكەنلىكىنىمۇ ئاڭلايمىز.
    ئەڭ مۇھىمى تەرەققىيات ۋە كەسپىي سەۋىيە، كەسپىي ئاڭ تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىلانلىرى كىشىنى بىزار قىلىدۇ، بۇ نوقۇللا شۇ ئىلان بەرگۈچى شىركەت ۋە ئىلان ئىشلىگۈچىلەرنىڭلا سەۋەنلىكى ئەمەس دەپ قارايمەن.
    ھىلىقى تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھىنىڭ 15 مىنۇتلۇق بىر ئىلانى بولىدىغان، كۈندە بىر قېتىملا بېرىدىغان، ئاۋال ئۈلكەرنىڭ تەرەققىيات جەريانى، گورۇھ بولۇپ قۇرۇلۇشى، ئاندىن مەھسۇلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى مەخسۇس ئورۇنلىرى، بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانلىرى… دېگەندەك…
    ئىشىنىمەنكى بىزدىنمۇ پات كۈنلەردە ياخشى ئىلانلار بەرپا بولغۇسى.

  3. تورداش 2012.09.09 , 02:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمانداق ئىملا خاتالىق كۆپ بۇ تېمىدا

  4. تەخەللۇس 2012.09.10 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن ئېلانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايلى. مېنىڭ ئارتۇق سۆزلىگۈم كەلمىدى، پەقەت ئىككىلا نۇقتىدا توختىلاي: 1. 50 مىڭدىن ئاشىدىغان ئېلانلار يوق دىيەرلىك، 20 مىڭ دەپ كۆپ مۆلچەرلىۋەتتىم دېگەن قاراش. مەن ئىشلىنىش جەريانىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك قاتناشقان ئېلاندىن 2 نى مىسال ئالسام، بىرى پۈتۈن 3D كۆرۈنۈشلۈك 30 سىكونتلۇق ئېلان، يەنە بىرى ئەينى ۋاقىتتا تېخى ھازىرقىدەك داڭقى چىقىپ كەتمىگەن چولپان ئوبراز ۋەكىلى بولغان 45 سىكونتلۇق ئېلان. ئالدىنقىسى تونۇش بىلىشلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ يۈز خاتىرە قىلىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە 20 مىڭ يۈەن بىلەن پۈتكەن. كېيىنكىسى بولسا ئوبراز ۋەكىلى ۋە باشقا رولچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندە 55 مىڭ بىلەن پۈتكەن. بۇلار تېخى بازار ئېچىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن دەسلەپكى قەدەمدىكى ئېلانلار بولغاچقا سەۋىيىسىنى ئانچە يۇقۇرى دېيىشكە بولمايتى، تېلىۋىزوردا بىرەر ئايمۇ قويۇلماي ئورنىنى يېڭى ئېلانلار ئالغان.

  5. سەھرالىق 2012.09.10 , 21:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئارماننىڭ بۇرۇنقى بىر ئېلانى يارايدۇ-ھېلىقى قاۋۇل بىر نەچچە كىشى ئارماننىڭ ماركىسىنى تىكلەۋاتقان، ھە،ھە،ھە… دەپ… ماركىنى تىكلەپلا تۈگەيدىغان،ئاشۇ ئېلان ھەر قېتىم كۆرسەم بۆلەكچە روھلىنىپ كېتىمەن…

  6. ياسىن بەگ 2012.09.23 , 15:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئەڭ يارايدىغان ئىلان ‹‹ئىخلاس ياڭاق مېغىزلىق قۇۋۋەت فىرىماسى .سىزچۇ ئىچىپ تۇرۋاتقانسىز؟››

  7. جاھانكەزدى 2012.10.10 , 11:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئارمان شېركىتىنىڭ ئېلانلىرى خېلى بوپقالىدۇ .

  8. قۇربانجان 2013.03.13 , 11:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ بۇرۇنقى تەرجىمە ئېلانلاردىن مىڭ ھەسسە ياخشى بۇغاندۇ؟؟ بۇرۇنقى ئەھۋالنىمۇ ئويلاشقۇلۇق قېرىنداشلىرىم! .ئىشىنىمىزكى بۇنىڭدىن كىيىنكى كىنو، تېلۋىزىيە ، ئېلان قاتارلىق ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق تۈردە تەرەقىي قىلغۇسى، شۇنداق كۈنمۇ كىلدۇكى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن يېڭى كونا چولپانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بار، ئەمىلى تۇرمۇشنى يۇرۇتۇپ بەرگەن كىنو ۋە تىلۋىزىيە پىروگىراممىلىرىمىزچۇقۇم بۇلدۇ، ۋاقتى كەلگەندە كىنوخانىلارغا كىرىپ كۈرۈپ كەتسەك ئۇ كىنولارنى ھە!!! :smile:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量