ھەممىدىن نوچى ساقچى ئىدارىسى تور بېكىتى مۇشۇ بولسا كېرەك | جىنايەتچىلەر كىرسىمۇ راھەت ھېس قىلغۇدەك
ئادەتتە دائىم تورغا چىقىدىغانلارغا ئايان، كۆپۈنچە ھاللاردا كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى توربەتلەرنىڭ بەت لاھىيەسى ناھايتى كۆركەم بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئاجايىپ غارايىپ ئىللىمېنتلارنى قوشۇپ كىشىنى تېخىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. شىركەت-ئورگانلارنىڭ توربەتلىرى بىراز زېرىكىشلىك بولۇپ مەزمۇنلىرى مەخسۇسلاشقان، لايىھەسىمۇ تەۋە مەھسۇلاتىغا ئاساسەن ئانچە-مۇنچە ئۆزگىچە بولىدۇ. ئەمدى ئىدارە ئورگارن ۋە ھۆكىمەت تورلىرى ئاجايىپ مەنىسىزكى مەزمۇنلىرىنىڭ تايىنى يوقلىقىنى دىمىسىمۇ بەت لايىھەسىنىڭ سەتلىكىلا ئادەمنىڭ دىمىنى سىقىدۇ. بەزىدە ھەتتا ھۆكىمەت توربەتلىرىنى ھەقسىز لايىھەلەپ بەرگۇم كېلىدۇ(قولۇمدىن جىق ئىش كەلمىسىمۇ).
لېكىن ھەممىلا يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت بولمىسا كېرەك (بىر قۇلاقلىق قازانلارمۇ ئاز ئەمەس)، ئامېرىكا Wisconsin شىتاتلىق milwaukee ساقچى ئىدارىسى يىڭى توربېتى يېقىندا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر ئەدىلىيە ئورنى بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە چوڭ سۇپەت ئەمەس. بەت لايىھەسى تولىمۇ جۇشقۇن بولۇپ كىشىنى ھەرگىزمۇ شۈركەندۈرمەيدۇ. مەنچە بولسا ھەممىلا ھۆكىمەت تورى مۇشۇنداق بولسا زېرىكمەي كىرىپ پايدىلىق سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرسام. ئەمما قانداقلا دىگەن بىەن بۇ خىلدىكى بەت لاھىيەسىنى ياقتۇرمايدىغانلار ئارىمىزدا يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىسە كېرەك.
milwaukee ساقچى ئىدردىسى تور بېتىدىن ئۈزۈندىلەر
milwaukee ساقچىغانىسى توربەت ئادىرىسى : http://www.milwaukeepolicenews.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: توربەت، ساقچى، قالتىس، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,384 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: deluxe-police-homepage.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نىمىشقا بەزى كىشلەر دىگەندەك «بىزارلىق» ۋەزىيەت شەكىللەنگەن؟
- كېيىنكى يازما > كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
ئالدىنقى قېتىم چەتئەلدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ قېلىپ، قارىسام ئاستىدا Android ۋە iPhone نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ دەپ تۇرىدۇ. تەپسىلىي قاراپ باقسام، بۇ مەكتەپ تور بېكىتىنىڭ يانفون نۇسخىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئارقىلىقلا يانفوندا نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرەلەيدىكەن. تور بېكەتنىڭ لايىھەلىنىشىمۇ بەك چىرايلىق. بىزنىڭ ماۋۇ يەردىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ گېپىنى قىلمايلا قويايلى، بىر قىسىم مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئورۇنلارنىڭ تور بېكىتى ھەقىقەتەن كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.
ۋاي ۋاي نە بۇ ئەمدى؟
ۋاي خاتالاشماپتىمەن دىۋانكەنغۇ بۇ ھەجەپ ئۇزۇن بوپتىكەن ھەجەپ راھەت بىلىندى . ھە راس دىۋاندىكى مىقنى قاچان ئىلىۋەتتىڭلار
تۆرگە ساھىبخان ئۆزى چىقىۋالسا باشقىچە تۇرىدىكىنا؟
بەك راھەتكەن ئۇ توربەتنىڭ يۆتكىلىشى. مائۇسنىڭ ئوتتۇرىدىكى غالتىكىنى ئاستىغا سېرىسام، خېتى بىلەن كۆرۈنۈش چىققاچ تۈگەۋاتقان كىنودەك ھېس قىلدىم…..
ھەقىيقەتەن ئېسىل لايىھىلەنگەن بېكەتكەن. تور بەتنى مۇنداق ياسىسىمۇ بولىدىكەن ھە؟
بىزنىڭ ج خ ئىدارىسىگىمۇ مۇشۇنداقتىن بىرنى ياسىماي بولماپتۇ
چەتئەلدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ فېيسبۇك تۋېىتتىر بىلەن بىۋاستىلا تىزىملىتىپ كىرىش كۆزنىكى بار . بەك قولايلىق ھەم راھەت . يېڭى ئۇچۇرلار مەكتەپ اېيسبۇكىدا چىقىپ تۇرىدۇ . ئوينىغاچ ئولتۇرۇپ خەۋە ر كۆرىدىغان گەپ
تور بەت يۈزى ئۈنۈمى Flash ئەمەسكەن ، لېكىن ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .
بۇ تور بىكىتىنى HTML5 تىلىدا ياسىغانمىدۇيا ؟