تورخۇمار ۋە ئۈندىدار
ماۋزۇدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ تېمىدا تورخۇمار ۋە ئۈندىدار(ۋېيشىن؟ ۋېچەت؟) توغرىسىدا توختىلىمىز. بۇ ئىككى ئىسىم توغرىسىدا بىلمەيدىغانلار بۇ يوققۇ دەيمەن؟ ئەمىسە ئۇدۇللا گەپكە چۈشۈپ كېتىلى.
تورخۇمار ئۈندىدار سالونى
خۇددى باشقا ئۈندىدار سالونلىرىغا ئوخشاش، تورخۇمارنىڭ بىر ئۈندىدار سالونى بار. لېكىن بۇ سالون ھەققىدە مەن ئىزچىل ھېچقانداق بىرەر ئۇچۇر بەرمىدىم، پەقەت يان تەرەپ سىيرىلما ئورۇنغا بۇ سالوننىڭ ئىككىلىك كودىنى ئېسىپ قويغان. قىزىقىپ ياكى باشقا سەۋەپتىن شۇ ئىككىلىك كودنى سكەننېرلاپ قوشۇۋالغان تورداشلارمۇ خېلى بار. باشقا سالونلار كۆندۈرىۋەتكەن قائىدە بويىچە 1 دىن 10 غىچە ساننى يوللىۋېتىپ قاراپ تۇرىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ. تورداشلارنى بۇ سالوندىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسۇن دېگەن مەقسەتتە، سالوننى ئازراق بېيىتىپ رەسمىي ئېلان قىلىۋېتىشنى لايىق تاپتىم.
سالون نومۇرى: torhumarcom
سالوننىڭ ئىككىلىك كودى
قوشۇۋېلىش ئۇسۇلى:
1. ئۈندىدارنى ئېچىپ ئاستى قىسىمدىن 通讯录 نى بېسىپ ئوڭ ئۈستىدىن 添加 نى بېسىپ torhumarcom دەپ كىرگۈزۈپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
2. ئۈندىدارنى ئېچىپ ئاستى قىسىمدىن 发现 نى بېسىپ، ئاندىن 扫一扫 نى ئاچقاندىن كېيىن يۇقارقى ئىككىلىك كودنى يانفون كامېراسى ئارقىلىق سكەننېرلاپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
سالوننىڭ ئىقتىدارلىرى:
سالوننى تۇنجى قېتىم قوشۇۋالغان چېغىڭىزدىلا سىزگە ئەسكەرتمە ئۇچۇرى ۋە يېتەكچى ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك يوللاپ بېرىدۇ. ناۋادا سىز ئاللىقاچان قوشۇپ بولغان، لېكىن سالون ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۇقالمايۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتسىڭىز سىزگە ياردەم ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ بېرىدۇ.
ياردەم yardam help yardem help ? ؟ ?
ياردەم ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. خالىغان ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزسىڭىز، تورخۇماردىكى شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك 6 پارچە ماقالىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
2. بىر(1) رەقىمىنى بىۋاستە يوللىسىڭىز ياكى 最新/new/يېڭى/yengi دېگەن سۆزلەرنىڭ خالىغان بىرسىنى يوللىسىڭىز، سىزگە تورخۇماردىكى ئەڭ يېڭى 6 پارچە ماقالە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
3. ئىككى(2) رەقىمىنى بىۋاستە يوللىسىڭىز ياكى
随机/random/ئىختىيارىي
دېگەن سۆزلەرنىڭ خالىغان بىرسىنى يوللىسىڭىز، سىزگە تورخۇماردىكى ئىختىيارىي تاللانغان 6 پارچە ماقالە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
4. ئۈچ(3) رەقىمىنى بىۋاستە يوللىسىڭىز ياكى
top/热门/ئاۋات/awat
دېگەن سۆزلەرنىڭ خالىغان بىرسىنى يوللىسىڭىز، سىزگە تورخۇماردىكى ئاۋات ماقالىدىن 6 پارچە ماقالە تاللاپ ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ناۋادا كۆپچىلىك تېخىمۇ قولايلىق سان-سىفىر ياكى سۆزلەرنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ تەكلىپ بەرسە، چۈشكەن ئاۋازغا ئاساسەن شۇنىڭغا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سالون ھەققىدە ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا مۇشۇ تېمىغا بەرسەڭلار بولىدۇ. سالوننىڭ ئۆزىگە يوللانغان ئۇچۇرلارنى مەن ئادەتتە كۆرمەيمەن. ئەلۋەتتە، ناۋادا كۆپچىلىك تورخۇمارنى ياقتۇرسا، تورخۇماردىن ئازراق نەپ يەتكەن بولسا، تورخۇمار كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تور تۇرمۇشىغا ئازراق لەززەت ئاتا قىلالىغان بولسا، تورخۇمارنى ۋە تورخۇمارنىڭ سالونىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىز مەن تېخىمۇ خۇرسەن بولىمەن.
تورخۇماردىكى ماقالىلەرنى ئۈندىدارغا ھەمبەھرلەش
بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى خېلى كۆپ تورداشلار پىكىر تەكلىپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، تورخۇماردىكى ماقالىلەرنى ئۈندىداردا باشقىلارغا ياكى دوستلۇق چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلەش ئۈچۈن چوقۇم ئاۋال تورخۇمارنىڭ ئۈندىدار سالونىنى قوشۇش كېرەك، ئاندىن ھەمبەھرلىمەكچى بولغان ماقالىگە ماس ھالقىلىق سۆزنى يوللاپ ماقالىنى ئاچقاندىن كېيىن ئوڭ ئۈستىدىكى ھەمبەھرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ھەمبەھرلەش كېرەك. بۇ….بەك ئاۋارىچىلىقمۇ نېمە؟
ھازىر تورخۇماردىكى يازمىلارنى ئۈندىدارغا ھەمبەھرلەش تېخىمۇ ئاسان. كۆزى ئۆتكۈر تورداشلار بايقىغان بولسا، تورخۇمارغا ئاللىقاچان بۇ ئىقتىدار قوشۇپ بولۇنغان. يەنى ھەر بىر يازمىدا ئېكرانغا ماس يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ھەمبەھرلەش تاياقچىسى بار.
بۇ تاياقچىدە ھەر قايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى، مىكروبلوگ قاتارلىقلارغا مۇشۇ يازمىنى ھەمبەھرلەش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغاندىن سىرت، يېقىندا يەنە ئۈندىدار(微信)غا ھەمبەھرلەش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلدى. سىز پەقەت يازمىنى ئېچىپ، شۇ يازمىدىكى ھەمبەھرلەش تاياقچىسىدىكى 微信 دېگەن خەتنى باسسىڭىز، سىزگە بىر ئىككىلىك كود چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا يانفوننى ئېچىپ ئۈندىداردىن 发现 نى باسىسىز، ئاندىن 扫一扫 نى بېسىپ، يانفون كامېراسىنى يۇقىرىدا چىقىرىپ بەرگەن ئىككىلىك كودقا تۇتسىڭىز، 1 سكونتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سىزگە شۇ يازمىنى ئۈندىداردا ئېچىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۈندىدارنىڭ ئوڭ ئۈستىدىكى ھەمبەھرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، تورخۇماردىكى نۇرغۇن يازمىلار دوستلار چەمبىرىكىدە تېخىمۇ قىززىق نۇقتا بولۇشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: wechat، ئۈندىدار، تورخۇمار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 32,508 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-wechat.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
- كېيىنكى يازما > ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- تەييارغا ھەييار
- مەن بار
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- 2014-يىلىڭلارغا مۇبارەك! تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەندەكمۇ؟
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
- تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
مەن قوشۇۋالغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. لېكىن ئۇچۇر كەپ باقمىغان. ئەمدى سىناپ باقاي. دىۋان.
مەن بۇرۇن قۇتۇۋالغان ئىدىم ، ئۆزى ئاپتۇماتىك ئۇچۇر ئەۋەتمەيدىكە دەپ يۇيۇۋەتكەن ئىدىم
ئۆزىمىز يوللايلى دېسەك ئۇيغۇرچە مەزمۇننى يوللىساق ئاساسەن يوللانمايدىكەن، يوللانسىمۇ بەزىلەر نورمال كۆرەلمەيدىكەن. رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ كېسىپ يوللايلى دېسەك ئۇ بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن تورخۇمارغا بەكرەك كۈچىسەك، سىلەرمۇ ئاۋارىچىلىق كۆرمەي ئېچىپلا خالىغىنىڭلارنى ئىزدەپ كۆرەلىسەڭلار تېخىمۇ قولايلىق بولىدىكەن دېيىشتۇق. ئەتە ئۆگۈنچە ئىقتىدارلىرىنى يەنە كېڭەيتىش پلانىم بار. ھازىرچە مۇشۇنداق پايدىلىنىپ تۇرۇڭلار.
مەن قۇشىۋالغىلمۇ بىر ئايچە بۇلۇپ قالدى .ئىسىل مەزمۇنلارنى باشقىلارغىمۇ ھەمبەھىرىلەپ قۇيمەن .ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن تورخۇمار ئەپەندىم
بەك پەچەت ئىش بوپتۇ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تىلەكداشمىز!!!
مەن بۇرۇن قۇشىۋالغان لىكىن يېڭى مەزمۇنلار پەقەت كەلمەيتى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 1 رەقىمىنى يوللاپ باقسام تورخۇماربىلەن ماس قادەمدە يېڭى تېمىلار چىقىۋاتىدۇ …
كاساپەت دىۋان تالاشقىلىمۇ بۇلدىكەن تېخى، ئەمدى ئولتۇرۋېلىپ مازكەننى تازا باسمىسام…
بىرىنچىدىن، ئىككىلىك كودى دېگەن تەرجىمە مۇئاپىق بولمىغان چىراي. ئىككى ئۆلچەملىك كود دېسەك توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، سالون دېگەن قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى، خۇددى ئۈندىداردەكلا ماز ئاڭلىنىدۇ كىشىگە. بۇ بىر مۇشتەر ھېساباتى تۇرسا، سالون دەپ ئېلىشنىڭ ئۆزى تۈپتىن ئۇقۇم خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، كۆچمە ئىنتېرنېتتا بۇندىن كېيىن يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلار ساماندەك بولۇشى ئېنىق، بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ خالاس. بىلىگ پەد بىلكاننىڭ دېسە ياق مۇئەللىمنىڭ دېگەندەك.
مەنمۇ ئۈندىدار، سالون دېگەن گەپ بىلەن كېلىشەلمەيمەن. بىراق بۇ ئاتالغۇلار قانداقتۇر بىر سەۋەپلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا بەكلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئومۇمنىڭ رايىغا بېقىپ مۇشۇنداق ئېلىپ تۇردۇق.
مەن تىخى سانلارنى ئەۋەتىپ كىتىپتىمەن قايسىنى ئەۋەتسەم ئوخشاشلا يىڭى يللانغان تىمىلا كىلەتتىكەن .
مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭ،ھازىرلا قوشمىسام
ئەسلى مۇنداق ئىش بار ئىكەندە . مەنمۇ خېلى بولغان تورخۇمار سالۇنىنى قۇشۇۋالغىلى ، يەنە شۇ كونا پەدە بۇيىچە 1 ، 2 رەقەمنىمۇ يوللىغان .
ئەمدى شۇنداق ياخشى بوپتۇ . دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ ، شۇنداق بىر پەيىتلەر بارغۇ مانداق بولغان بولسا بۇ تورخۇمار تېخىمۇ ياخشى بولغان بوللاتتى دەيدىغان ، شۇ ۋاقىتتا يوللاپ قۇيىلى ھە . يەنە بۇندىن كېيىن تورخۇمار ۋە تورخۇمارجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە خاتىرجەم تۇرمۇش يار بولشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!تورداشلاياخشىمۇسىلەمەن بۇتورغايىڭىدىن تىزىملات تىم شۇڭاتورداشلانىڭ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن!!!
ئېلاننىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.تورخۇمار تور بەتلىرىمىز ئىچىدىكى سەركە توربەت بۇلۇپ مېڭىۋاتىدۇ. تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى.
مەن كۈتىۋاتقان تىما بۈگۈن ئۆزىنى ئاشكارلاپتۇ ، تەشەككۈر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورخۇمارلار مەن يېڭى كەلدىم كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلەر
قالتس ھە…
ياخشى
بۇتورنىڭ يانفۇن نۇسخىسى يوقمۇ؟ھەجەپ تاپالمايمەنغۇ؟
مەن بۇ بىلوگنى تۇنۇگۈن بايقىدىم ھەم ئۈندىدار سالوننىما قۇشۋالدىم