نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز

شۇنداق قىلىپ تورخۇمارنى بۇلۇتقا قوندۇرۇپ، ھەر ھالدا ئىزىمىزغا كېلىۋالدۇق. ئالدىنقى بىر قانچە يىللاردا تورخۇمارلار كۇلۇبى ئىزچىل ياخشى نەتىجە يارىتىپ، ھەر يىللىق 10 مۇنەۋۋەر بلوگ تىزىملىكىنىڭ باش رېتىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. بۇنى ئەلۋەتتە ھەر قايسى ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تورخۇمارنىڭ ئىزچىل كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تورخۇمارغا چۈشكەن بېسىممۇ ئىزچىل ئارتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا كۆپچىلىك بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى – يازما يېڭىلاش سۈرئىتى تورداشلارنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىغا يېتىشىپ بولالماي قالدى. بۇ يەردە تەدبىركار ۋە ۋىروس باشلىق بىر قاتار ئاپتورلار ھەقىقەتەن بېسىم ھېس قىلدۇق.

torhumar

شۇ سەۋەپتىن، بىز كۆپچىلىك بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ھەمكارلىق پلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدۇق. ئىزچىل تورخۇمارنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ توردىكى يېڭىلىقلارغا، قىزىقارلىق مەزمۇنلارغا ۋە شۇنداقلا تورخۇماردا سىز كۆرۈۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسىگە نىسبەتەن ئاز بولمىغان چۈشەنچىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بەلكىم سىز باشقا تورلارنى(مەيلى ئۇيغۇرچە توربېكەت، ياكى خەنچە، ھەتتا چەتئەلچە تور بېكەتلەر بولسۇن) ئارىلاش جەريانىدا، بىر قىسىم ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى بايقىغان بولسىڭىز، ۋە ياكى سىزدە مۇئەييەن يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش خىيالىدا بولۇۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەيلى سىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزدە شۇنداق قىزغىنلىق بولسا، بىزگە قوشۇلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىز تورنى سۆيىدىغان، توردىكى ئەڭ نادىر ۋە خىللانغان مەزمۇنلار بىلەن تولغان بۇ سۇپىغا سىزدەك بىر كىشىنىڭ قوشۇلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

شۇ سەۋەپتىن، بىز تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار سۆيىدىغان بىر كۇلۇبقا ئايلىنىشىنى ئىستەپ، ئوقۇرمەنلەرمۇ خالىغانچە ماقالە يوللىيالايدىغان بىر سۇپىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. تاما-تاما كۆل بولار دېگەندەك، بۇ سۇپا بەلكىم كەلگۈسىدىكى چوڭ بىر تور پائالىيەت مەركىزىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى بايانغا قۇلاق سېلىڭ.

1. مەتبۇئات بېتى

metbuat

تورخۇمارلار كۇلۇبى ئېلان قىلىنىپ تۇنجى يازما يوللانغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە يازما سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ كەلدى. نەچچە يىللىق بوران چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ زىيارەت مىقدارى زور كۆپ ساندىكى ئۇنۋېرسال تور بېكەتلەردىن ھالقىپ، كۇلۇب ئارقا سېپىدىكىلەرگە زور بېسىم پەيدا قىلىشقا يەتتى. تەدبىركار باشلىق ھەممىمىز پەقەت ئورتاق قىززىقىشىمىز ئۈچۈنلا كۈندە خىزمەتتىن سىرت نەچچە سائەتلەپ ۋاقىت چىقىرىپ تورخۇماردا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىمىز. ئەمما يەنىلا ئادەم كۈچىمىزنىڭ يىتىشمەسلىكى سەۋەب، تورخۇمارلارغا يەتكۈزۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئون يازمىنىڭ پەقەت بىرى ئېشىپ كەتسە ئىككسى ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھەم تورخۇمارلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەتبۇئات بېتىنى رەتلەپ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قايتا ئىچىۋەتتۇق. مەتبۇئات بېتى كىشىگە ئازادە ۋە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلدى. بىز سىزنى پەقەت ئەڭ ئاز مەشغۇلات بىلەن ئەڭ ياخشى مەزمۇن يارىتىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يۈكسەك ئاددىيلىقنى قوغلىشىپ زۆرۈر ئىقتىدارلار تولۇق، ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مەتبۇئات بېتىنى ياساپ چىقتۇق. ناۋادا سىز تورخۇمارنىڭ دائىملىق ئىنكاس ئىشتىراكچىسى بولسىڭىز، پەقەت مەتبۇئات بېتىگە كىرىپ يازمىڭىزنىڭ ماۋزۇسى ۋە مەزمۇنىنى يېزىپ يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. پۈتكۈل مەشغۇلاتلار مانا مۇشۇنداق ئاددى.

ئالدىنقى بىر مەزگىل سىناق باسقۇچىدا، مەتبۇئات بېتىنى بايقىغانلار بىر قىسىم يازمىلارنى ئەۋەتتى ياكى ئىنكاسلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىر قىسىم تورداشلار مەتبۇئات بېتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن توخۇمارنىڭ يازما سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. بۇ يەردە تورداشلارنىڭ تورخۇمارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە مەتبۇئات بېتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن يازما سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك بېرىمىز. تېما يوللاش بېتىگە كىرىش ئۈچۈن، باش بەت ئۈستى تىزىملىكتىكى ياكى بوسۇغا قىسمىدىكى تېما يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

يازما يوللاشتا دىققەت قىلىدىغان بىر قىسىم ئىشلار:

1. ماقالىڭىزنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىڭ، ئىملاسى توغرا ماقالىلەر تېز تەستىقلىنىپ چىقىدۇ.

2. رەسىم قىستۇرغاندا ئامال بار سۈزۈك ۋە ئۆزگىچە رەسىملەرنى قىستۇرۇڭ، مۇۋاپىق رەسىم تاپالمىسىڭىز قىستۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

3. فلەش ياكى ناخشا قىستۇرماقچى بولسىڭىز تور ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

4. مەزمۇن قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى، ئەگەر بەك ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز سىز پايدىلىق دەپ قارىغان مەزمۇن توغرىسىدىكى بىرەر تور ئادرېسى بولسىمۇ بولىدۇ.

5. تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ يازما سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن، يوللىغان ماقالىنىڭ ھەممىسى تولۇق تەستىقلىنىپ چىقىشى ناتايىن. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، بىز ھەر بىر پارچە ماقالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىمىز. ناۋادا ماقالىڭىز تەستىقلانماي قالسا، بىز سىزگە E-Mail ئارقىلىق مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

6. يوللىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىغا چەك قويۇلمايدۇ. تورخۇمارنىڭ ئومۇمىي مەزمۇن دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان، قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ھەرقانداق يازما قارشى ئېلىنىدۇ.

7. باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرگەن مەزمۇن بولسا، ئەسلى يازما ئادرېسى ۋە ئاپتورىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.

8. ئېلان خاراكتېرى كۈچلۈك، تەشۋىقات خاراكتېرلىك مەزمۇنلار، ياكى تورخۇمارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن جىق ئەھمىيىتى بولمىغان مەزمۇنلار تەستىقلانمايدۇ. بۇ تۈردىكى مەزمۇنلاردىن بىز ھەقىقەتەن ئېلان قىلىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىنى تەپسىلىي ئويلىشىمىز.

9. يازما يوللىغاندا مۇۋاپىق ئورۇنغا ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئەگەر يازمىنىڭ ئۆز نامىڭىزدا مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ ئېلان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىز بىلەن قوشۇپ يازمىنىڭ ئاستى قىسىمىغا قالدۇرۇپ قويۇڭ. بىز تورداشلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە چېكىلىشى كۆپ بولغان يازمىلارنىڭ ئاپتورلىرى بىلەن مەخسۇس ئالاقىلىشىپ ئايرىم كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە تورخۇمارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پلانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي كېڭىشىمىز.

10. ناۋادا ماقالىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى، ياكى تورداشلار تەرىپىدىن ئالقىشلانغان بولسا، ئۇنداقتا سىز بەلكىم بىزنىڭ بىر قىسىم ئاددىي كۆڭۈل سوۋغىمىز، مەسىلەن، بىرەر خاتىرە بۇيۇمى، بارماقدېسكا، كىتاب، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، تېلىفونغا پۇل تولۇقلاش كارتىسى، كومپيۇتېر سومكىسى، تورخۇمارنىڭ تۇغى چۈشۈرۈلگەن مايكا، ھەتتا ھەقىقىي نەشىرىدىكى Windows8 نىڭ ئاكتىپلاش نومۇرى دېگەندەك كۈتۈلمىگەن سوۋغاتلارغا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

مەنزىل :www.torhumar.com/contribute

ئاخىرىدا سىزنىڭ مەزكۇر ھەمكارلىق ھەققىدە ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا كەڭكۇشادە ئوتتۇرىغا تاشلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا سىزدىن كەلگەن نادىر يازمىلارغا تەققەزالىق بىلەن تەشنامىز.

2. ھېلىقىدەك رەسىملەر

pic

تورخۇمارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاساسەن يىڭىلىق ئىزدەپ ياكى چارچىغان كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن كىرىدۇ. بۇ ھەم تورخۇمارنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالدى. چەكلىك بولغان يازما مىقتارىدىن ھوزۇرلىنىپ قانمىغانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخسۇس رەسىم ھەمبەھىرلىنىش بېتى تەسىس قىلدۇق. بەت تۈزۈلىشى ناھايتى ئاددى بولۇپ، ئىنكاس رايۇنىغا رەسىم ئادرېىسىنى كىرگۈزۈپ يوللىسىڭىزلا توخۇمارلار بىلەن تەڭ ھوزۇرلىنالايسىز. رەسىم مەزمۇنى ئاساسەن قىززىقارلىق تۈسىنى ئالغان بولۇپ، توخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئىسلام قانۇنىغا چۈشمەيدىغان رەسىملەرنى يوللىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.

رەسىم يوللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

[1] رەسىملەرنى 新浪微博 ئالبومى ياكى ئۇلانما قىلىشنى قوللايدىغان باشقا بوشلۇققا چىقىرىڭ، ئىنكاس رامكىسىغا رەسىمنىڭ ئادرېسىنى چاپلاپ يوللىسىڭىزلا بولىدۇ.
[2] ئىجادى رەسىم بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ، رەسىملەر تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈنىدۇ، تەكرار يوللانغان ياكى چەكلەنگەن رەسىملەر تەستىقلانمايدۇ.
[3] بۇ سەھىپىدە پەقەت رەسىملا يوللىنىدۇ، باشقا مەزمۇنلارنى باش بەتكە بېرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

مەنزىل : www.torhumar.com/pic

بىز نۆۋەتتە، تورخۇماردىكى ئاپتورلار قوشۇنى بىلەن بىرگە بىر قىسىم سۈرەتلەرنى قوشۇپ مەزمۇن تولۇقلاپ قويدۇق. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كۆپچىلىكنىڭ تولۇقلىشىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. ناۋادا تورخۇمارغا كىرىپ، يەنە بىر كىچىك سورۇندىن پىشكە ھوزۇر ئالسىڭىز، ئۇنداقتا بىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىزمۇ بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ. بىز بۇ سەھىپىدىكى تاللانغان بىر قىسىم رەسىملەرنى رەتلەپ پات-پات تورخۇماردا مەخسۇس تېما سۈپىتىدە يوللاپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ سەھىپە تورخۇماردىكى يەنە بىر ئاۋات سەھىپە بولۇپ قالغۇسى.

خۇلاسە كالام: كۆپ قېتىملىق ئىچكى ۋە ئاشكارە سىناقلاردىن كېيىن، مەزكۇر ئىككى ئىقتىدار رەسمى پۈتۈپ ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇنىڭلۇق بىلەن تورخۇماردا يىڭىلىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. تورخۇمارلارنىڭ قوللاپ- قۈۋەتلىشى بىلەن ئاللاھ خالىسا يەنە بىر قانچە تۈر خىزمىتى ئارقا سەپتە جىمجىت ئىشلىنىۋاتىدۇ، يەنە بىر قانچە تۈر ئاللىقاچان پۈتۈن بولغان بولۇپ، ھازىر جىددى سىناش باسقۇچىدا. ئەگەر سىزمۇ تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ رەسمى بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۆزىمىزگە تەۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز ئىشىكىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق. ئەگەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى يازما تەمىنلەپ ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادى كىرىم يارىتىشنى خالىسىڭىز، مەتبۇئات بېتى ئارقىلىق قىسقىچە ئارخىۋىڭىز ۋە بىر پارچە تەرجىمە ئەسىرىڭىزنى ئەۋەتسىڭىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز. ئاخىرىدا ھازىرغىچە بىزنى قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا كۇلۇب نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. خۇشال 2013.04.02 , 16:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

    • ئايشەم نۇقتا كوم 2013.04.02 , 17:13

      5 موچەنلىك قەرىزنى دەپ دىۋاننى سىلىگە بەردىم بۇ قېتىم ..:idea:

    • خۇشال 2013.04.02 , 17:19

      سىلىگە ئۆتۈنۈپ بىرەي دىگەن لىكىن كەرىزگە كۆپ بوغۇلۇپ قالمىسۇن دىسەم ما گىپىنى قاراڭ :lol::lol::lol:

  2. مەرگەن 2013.04.02 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ھىچ تەگمەيدىغۇ !

  3. بېغەم 2013.04.02 , 17:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بەلەن ئىش بوپتۇ ، ھەر كاللىدا ھەر خىياللار بولغاچ تېمىلار تېخىمۇ سەرخىللاشقۇسى !

  4. خۇشال 2013.04.02 , 18:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس راس قالتىس ئىش بوپتۇ ، تىما تىما يازغۇچىنى ئەسكەرتسە تىخىمۇ ياخشى بولغۇدەك . شۇنداق بولغاندىلا ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تىخىمۇ تىرىشقان، تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللايدىغان بولاتتى …..

  5. ئىز باسار 2013.04.02 , 18:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ. تورخۇمارنىڭ يازمىلىرى نېمىشقا يىڭىلانمايدىغاندۇ دىسەم، مۇنداق چوڭ پىلان تۇزۇپتۇ ئەمەسمۇ…. ئاللا قوللىرىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن. تىخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  6. قاراخان 2013.04.02 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز، ئۇيغۇر توربىكەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم مەزكۇر كۇلۇبنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ھازىرقى مەن كۆرگەن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تورخۇمارچىلىك يوق) خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا ئەسەر يېزىپ (سوراق خاتېرىسى ۋە تەسىرات ماقالىسىدىن باشقىنى يېزىپ باقمىدىم:mrgreen:) كۇلۇبنى قىزىتىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىسىمۇ، دىۋاندا ئولتۇرالمىساممۇ پەگەدا بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھە-ھۇ دىيشاپ بېرىمە

  7. ۋاقتىم 2013.04.02 , 22:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن:oops::oops::oops:

  8. تېلفۇن 2013.04.02 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېلفۇندا دىۋان وينىسام ە نى تاپالمىدىم

  9. ئىلتەبىر 2013.04.02 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن . تورخۇمار تېخىمۇ تەرەققىي قىلغاي!

  10. سەھرالىق 2013.04.02 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككى يىل بۇرۇنلا مەن مۇشۇنداقراق پىكىر بەرگەندەك يادىمدا،كېچىككەن بولسىمۇ ھازىردىن باشلىسىڭىز كېچىكمەيسىز تەدبىركار!
    شۇنداقمۇ يا تورخۇمارلار؟

  11. فارۇخ 2013.04.03 , 00:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېۋان يانچۇقچىلىرى:mrgreen::lol:

  12. سەنسىز 2013.04.03 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئاللا سىلا دىۋان تالىشىپ كىچىدىن بىرى ئۇخلىماي تور خۇمارىنىڭ ئىچىلىشىنى كۇتۇپ ئولتۇرۇپسىلا :neutral::neutral::neutral::neutral::neutral:

  13. بانكىر 2013.04.03 , 11:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا قانداق ۋاقتىدا يىڭى تىما چىقىدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، «بوغان يەر بەك بولسۇن، بولمىغىنى ئاق قالسۇن» دىگەندەك، مەخسۇس ھۆددە ئالغاندەك ئولتۇرىدىغان بولۇپ كىتىپسىلەر دىۋانغا.

  14. بانكىر 2013.04.03 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ بىر كەمچىلىكىم يىزىقچىلىق ئىقتىدارىم سەل ئاجىز، ئۆزەمنىڭ كاللامدا بار نەرسىنى يىزىق بىلەن تازا ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن،
    ياخشى بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتتىمدە.

  15. ئۇيغۇرمەن 2013.04.03 , 11:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك بەلەن ئىش بوپتۇ جۇمۇ … تورخۇمارنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا … ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ سەركىسى تورخۇمارنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن …

  16. ئەلشاھ 2013.04.03 , 12:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بوپتۇ، قوللايمىز، تېما يوللاش ئىقتىدارى ئېچىلىپتۇ، ئىختىيارى ئاپتورلارنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق تېمىلارنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنىڭ ئازراقمۇ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىم يوق، بار بولغان بولسا تېما دېگەننى تۆكۈۋېتەتتىم….:mrgreen:

  17. سۇتۇق 2013.04.03 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئىش ناھايىتى ياخشى بوپتۇ مەن مۇ تىرىشىمەن .

  18. خام قەغەز 2013.04.05 , 11:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار ….:roll:تېما ماۋزۇسىغا قارىغاندا بۇ پەسىلدە ئېچىلىدىغان ئىقتىدارلار يەنە باركەن،بۇنىڭدىن كېيىن ھەر پەسىلدە يېڭى ئىقتىدارلار ئېچىلغۇدەك،ھەر يىلى يېڭى يېڭى ئىقتىدارلار قېتىلغۇدەك:wink:غەيرەت قىلىڭلار جۇمۇ،كۆزىمىز سىلەردە

  19. yaxa10 2013.04.11 , 21:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا بۇ ئىقتىدارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە بۇندىن كېيىن تورخۇماردىكى تورخۇمارلارغا ئۆزۈمنىڭ ئەسەرلىرىنى سۇنىمەن.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量