جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زوراۋان قارا گۇرۇھلارنىڭ تۇرمۇشى
جەنۇبىي ئافرىقا تىلغا ئېلىنسا نېمىلەرنى خىيال قىلىسىز؟ نامراتلىق، ئەيدىز، ئىرقىي كەمسىتىش، كاپ توۋن دېڭىز شامىلى … ئەلۋەتتە بۇلارلا ئەمەس، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ، كۈچلۈك رېتىمدىكى قارا تەنلىكلەر مۇزىكىسى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە ئاشۇ ئازاب–ئوقۇبەت، قىيىنچىلىققا تىز پۈكمەيدىغان زوراۋان گۇرۇھلارمۇ بار.
جەنۇبىي ئافرىقا قارا گۇرۇھلىرى 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىدا پەيدا بولغان. 1948–يىلىدىن 1991–يىلىغىچە، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە بىر تۈرلۈك ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن، بۇ تۈزۈمدە ئىنسانلارنىڭ ئىرقى ئايرىلغان (ئاساسلىقى ئاق ئىرق، قارا ئىرق، ھىندىلار ۋە باشقا رەڭلىك ئىرقلارغا ئايرىلغان). ھەر قايسى ئىرق توپلىرى جۇغراپىيە جەھەتتە مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن.
بۇ يەردە، زوراۋان گۇرۇھلار ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەسىلەن: قانۇنسىز ھاراق سېتىش، نومۇسىنى سېتىش، ئاپتوموبىل ئوغرىلاش قاتارلىق. ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ، گۇرۇھلار تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ خىروئىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا باشلىغان ھەمدە چەت ئەللەردىكى قانۇنسىز گۇرۇھلار بىلەن بىرلەشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كاپ توۋندا، تىجارەت كۆلىمى چوڭراق بولغان گۇرۇھلارنىڭ بىرى ئامېرىكىلىقلار ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكا بايرىقىنى قىزغىن سۆيىدىكەن، ناخشا ئېيتىشقا ئامراق ئىكەن، قورال ئىشلىتىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، زوراۋان گۇرۇھلار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت دەپ قارالماقتا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىنسانىيەت، تۇرمۇش، جەمئىيەت، دۇنيا
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,525 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: african-gang-life.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز
- كېيىنكى يازما > سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
بەكلا بىچچارە .بەكلا ئارقىدا،جەنوبى ئافرىقا ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۇلگۈرمەي تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ.
مىنىڭ ئىسمىمنى توغرا تېپىۋاپسىز يا ؟ ھېجەپ ھەيران قالدىميا ~` ئويغان ئاددى ئەدەم ئەمەسكەن گەپ سۆزلىرىمدە دىققەت قىلسام بولغىدەك بۇندىن كىيىن
پەرەز قىلغان توغرا چېقىپ قاپتۇ. مەن بىر تېما يوللىغان ھىچ تەستىقلانمايدىغۇ ؟ :
يوللانغان تېمىلار بىر قەدەر كۆپ، نۆۋەت بويىچە تەھرىرلىنىۋاتىدۇ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
ياق ئۇنداق ئەمەس. مېنىڭ ئەۋەتكىنىم شاللىنىپ كەتكەن بولسا دەپ ئويلىدىم . سىزمۇ جاپا چەكتىڭىز.
دىۋانما بۇ
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى دىۋان جەنوبى ئافرىقىما؟دىۋانما بۇ دەپ سوراپ يۈرۈيسىزغۇ؟ ‹ئابومجان› كۆرسە چىچىلىپ قىلشى ئېنىق.
پەقەت چېچىلمايمە ، مۇشۇ دىۋان دەپ پەگادا ئولتۇرۇپ قاغانلانى كۆسەم تازا كۈلىۋالىمە ، مەنمۇ نەچچە قېتىم ئاشتا بوغان ئۇدۇل پەگاغىلا قالايمە
بۇ بايرامنىڭ باھانىسىدە بۈگۈن بىر كۈن تورغا چىقىپتىمەن.بۇ دىۋان ، پەگادا تاماق تارتىلمىسا يا؟
مىجەزىڭلار ئوچۇقكىن ،ئابومجان دېگەننىڭ نېمە مەنىسى بار؟
ھەييي ، ئالدىراپ باشقا بىرسىگە دەپ بەمەيتىم، خۇماداشلادىن يۇشۇرمۇدۇميا بولدى ، مىنىڭ ئىسمىم سەل ئۇزۇنراق بوغاچقا ئاچام ئىسمىمنى ئاتىيالماي مۇشداق چاقىرىپتىكەن ، كىم بىلسۇن ئاي ئۈتۈپ يىل ئۈتۈپ چوڭلامۇ ئاداشلىرىممۇ ھەممىسى مۇشتا چاقىرىدىغان بوپ قالدى ، كىچىك ئىسمىم دىيىشكە بولىدۇ ، ھې ھې ھې ، ئەسلى ئىسمىم مۇشنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدۇ ، ئويغانجان ئۆزلىرى ئويلىۋالسىلا ئۇنى
مەنمۇ قىزىقىقىپ قالدىيم، جۇمۇ، دەپ بەرمىسىڭىز بولمىغۇدەك…
مەنمۇ قىزىقىپ قالدىيم، جۇمۇ، دەپ بەرمىسىڭىز بولمىغۇدەك…
ئەمىلىيتىم بىلەن بولسىمۇ مۇشۇ گەپنى توساپ قالدىم دىگەن بىلەن .دىۋان ئەمەس جەنوبى ئافرىقا ئىكەن.؟
ياۋ پىز مۇشۇ چاغقىچە مۇشتا يۈگەن بامۇ ھەي.باشقىلار ئايرۇپىلاندا ئۇچىۋاتسا ما گۇيلار ئوغۇرلۇق قىلىپ قوغلاشماق ئوينامدىغاندۇ
ھەي….
ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە مۇشۇنداق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھېلىقى دىگەن كونتاكېنتىنىڭ كىنوسى ئېسىمگە كەپ قالدى.
شۇڭا بەش قول تەڭ ئەمەس
ئامىركىلىقلار قالايمىقان قىلۋاتىدۇ جەنۇبى ئافرىقىنى، ئىچكى توقۇنۇش بەك ئىغىر، ئاڭلىسام قوساق تويغۇزۇش مەسىلى ئەڭ ئىغىر ئىكەن، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغان بالىلار نۇرغۇن دەيدۇ،
مەندە بىر قىسىم سۈرەتلەر بارئىدى ، ئايالىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈرۈپ كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كەتكەن … ئافرىقا باللىرى بەكلا بىچارىكەن ، (مەيلى ئۇلار قايسى دىنغا ئىتقاد قىلسۇن )
شۇكرى دىدىم