Windows سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزىمىز خالىغانچە بەلگىلەش قورالى – Microangelo On Display
ھازىر بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىدائىيلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەپ قالدى. بىراق Windows نىڭ كۆڭۈلدىكى سېستىما خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشەلمىگەن بولغاچ، بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللارنى Windows تا ئىجرا قىلغىنىمىزدا، خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەيدىغان ياكى ئەرەپچىدەك كۆرۈنىۋالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئادەتتە بۇ خىل مەسىلىنى سېستىما خەت نۇسخىسىنى خالىغان يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىىسىغا تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، تۆۋەندە تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچى بولغان قورال Microangelo On Display دەل مۇشۇ خىلدىكى ئېھتىياجنى قامدايدىغان، سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى تاللاش بولالايدىغان يۇمشاق دېتالدۇر.
Microangelo On Display نىڭ ئەلۋەتتە سېستىما فونتىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن بۆلەك، Windows تىكى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ ئايكونلىرىنى ئۆزگەرتىش، مائۇس نۇر بەلگە پاسونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرى بار. نۆۋەتتە بىز ئاساسلىقى ئۇنىڭ سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن بەكرەك پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى مەزكۇر قورالدا، Windows سېستىما فونتىنى ئالماشتۇرۇش شۇنچىلىك قولايلىق بولۇپ، بىز پەقەت بەلگىلىمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىنى تاللاپ، ئاندىن جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەكلا كۇپايە، بىزدىن ھېچقانداق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ياكى باشقا ئالاھىدە مەشغۇلات قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار كۆپ بولسا ياكى مۇشۇ خىلدىكى ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئۇنداقتا بۇ قورالنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. نۆۋەتتە Microangelo On Display نى Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى شارائىتىدا ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتتى، Windows XP دىمۇ نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەندە XP شارائىتى بولمىغاچقا سىناپ باقمىدىم، بىراق باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، Windows XP دىمۇ شۇنداق ياخشى خىزمەت قىلالايدىكەن.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن muapanel.exe نى قوزغىتىپ خەت نۇسخىسىدىن ukij tuz tom ۋە ياكى باشقا ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىلىرىنى تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولدى، ئاندىن جەزملەشتۈرۈشنى باسساق كۈچكە ئىگە.
ھۆججەت ئۇچۇرلىرى:
ھۆججەت نامى: Windows سېستىما فونتنى ئالماشتۇرۇش قورالى – Microangelo On Display
ھۆججەت سىغىمى: 258KB
پرېستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
سېستىما فونتنى ئالماشتۇرۇش قورالى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: system,windows,سېستىما,فونت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,145 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: change-windows-system-font.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > 2010-يىللىق قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى(تولۇقلاندى) | ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
پاھ ئاخىرى دېۋان پىقىرغىمۇ نىسىپ بولدى ،ئايەمدە
ئۇف…چوقۇمدىن چوقۇم تەدبىركارغا پارا بەردىڭىز سىز
تۆر تالاشماڭلار باللار!!!تۆردە ئولتۇرغانلار بالدۇر كىتىپ قالىدۇ!
ۋاي ماندا بولمامدا …ھەجەپ ياخشى ئۇچقىدى ماۋۇ دىتال … تورخۇمار ئەپەندىگە رەھمەت جۇمۇ … شۇ زامات ئىشلىتىۋىدىن كومپۇيۇتۇرۇم ئۇيغۇرچىلام بولاپ كاتتى … XP دىمۇ ناھايىتى نورمال ئىشلەيدىكەن .. قانداق خەت شەكلى قاچىلانغان بولسا شۇ خىل خەت شەكلىگە ئەكەگىلى بولىدىكەن … بىۋاستە يىزىشنى سىناپ باقمىدىم …
دىتالنى ئىشلىتىپ بولۇپ خەت يازدىم . خاپۇلىماڭ ھە …
يارىغان بولسا دوستلارغا ۋە تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىسڭىزلا بولدى
مەن قىلسام قاملاشمىدىغۇ. سىستېمام Win7 ئىدى بولمىسا!!!
ۋاي ۋۇي ما باللارنى ، داۋاملىق تېما توغرىسىدا پاراڭ قىلماي دىۋان توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىپ يۈرگۈنىنى
نىمانداق كىچىك دېسكىلاربۇ ؟ بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭىز ئەمەستۇ ؟ بۇنچىۋالا كۆپ نەرسىلەرنى ئەشۇ كىچچىككىنە بىر تۆشۈككە قاچىلاپ قويمىغانسىز ؟
مەزكۇر ئېنكاس تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تېما رەسىىمىگە مۇناسىۋەتلىك شۇڭا دەپ باقتىم رەنجىمەڭ ھە
كىچىك كۆرمەڭ، ئىچىدىكى بايلىقلارنى كۆرسىڭىز ئالىبابانىڭ غارىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز ئۆزىڭىزنى
ھاھ ھا بۇمۇ ياخشىكەن مەن يەنە بىر دېتالنى يەۋسىيە قىلاي ئىشى ئوخشاش ئۇيغۇرچە تونتۇش
http://www.umidwar.net/viewthread.php?tid=222
قېنى كۈرۈپ چىقىڭ
تەدبىركارنىڭ قاتتىق دىسكىسى ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇقكەن ،…~~!!!
بايقاپ قاپسىزدە
مەن باش شەكلى تاللىغان چىقامدۇ سىناپ بېقۋاتىمەن كەچۈرۈڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كەمىنە ئۇيغۇربەگ ھېيت پەتىسىگە كەلدى:ئولۇغ قۇربان ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!
قۇربان ھېتىڭلارغا مۇبارەك
مەسىلە بايقالدى:XP مۇھىتىدا،خەت نۇسقىسىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن،بارلىق خەنچە خەتلەر يانتو بولىۋالدى،ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە خەتلەر نورمال.داۋا لازىم،داۋا…
يانتۇ قىلىشنى تاللاپ قويغان ئوخشايسىز.
بۇ دىتالنى ئۇزاق ئېشلەتكەن ئېدىم لىكىن ھازىر كومپىيۇتىرىمدىكى خەنزۇچە خەتلەر كۆرۇنمەيدىغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلسام خەت كۆرۇنمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ، بۇرۇنلاردا بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باقمىغان ،يا سېستىمىنىڭ چاتىقىمۇ ياكى مۇشۇ دىتالنىڭ چاتىقىمۇ بىلەلمەي قالدىم ،ئوڭشاش ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟
چ چ :919974932