نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

RightDelete – شەخسى مەخپىيەتلىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆججەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرىۋېتىش

RightDelete - شەخسى مەخپىيەتلىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆججەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرىۋېتىش

بەزىدە كومپيۇتېردىكى مۇھىم ماتېرىياللار ياكى شەخسى ئۇچۇرلارنى مەلۇم سەۋەپتىن ئۆچۈرىۋېتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇ چاغدا كۆپىنچىمىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ تازىلىۋېتىمىز ياكى بىۋاستە Shift + Delete كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ھۆججەتنى بىراقلا ئۆچۈرىۋېتىمىز. بىراق Recuva توغرىسىدىكى يازمىدا چۈشەندۈرگەندەك، ناۋادا قاتتىق دېسكىدىكى بۇ ھۆججەتلەر يېزىلغان ئورۇنغا يېڭىدىن ئۇچۇر يېزىلمىغان بولسىلا، يەنىلا FinalData، Recuva قاتارلىق خاتا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ ھۆججەتلەرنى يەنىلا تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، شەخسىيەتلىككە تاقىشىدىغان، قاتتىق دېسكىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقاتماقچى بولغان بۇ ھۆججەتلەرنى قانداق قىلىپ پانىي ئالەمگە مەڭگۈلۈك ئۇزاتقىلى بولىدىغاندۇ؟

RightDelete بولسا، بىر تۈرلۈك، ھۆججەتلەرنى زوراۋانلارچە ئۆچۈرەلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى، قاتتىق دېسكىدىكى شۇ ھۆججەت تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يېڭى ئۇچۇر يېزىلىشتىن بۇرۇن FinalData، Recuva قاتارلىق كەسپىي ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما RightDelete ئارقىلىق ئۆچۈرگەن ھۆججەتلەر ئۇنداق ئەمەس، RightDelete ئارقىلىق ئۆچۈرگەن ھۆججەتلەر كومپيۇتېرىمىزدىن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈلۈك يوقىلىدۇ، يۇقاردا تىلغا ئالغان يۇمشاق دېتاللار بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ! بىر قىسىم كەسپىي ماتېرىياللار ياكى شەخسى ئۇچۇرلارنى ساقلانغان قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، RightDelete ھەقىقەتەن بىر ياخشى ياردەمچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

RightDelete نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
RightDelete بولسا بىر دانە تاق ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان يۇمشاق دېتال بولۇپ، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن C دېسكىدىكى Program Files مۇندەرىجىسىگە قويۇپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھۆججەتنى قوزغاتقاندىن كېيىن، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىگە، مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى توپلاشتۇرىۋېتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، مەشغۇلاتنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن توپلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك بىر قەدەر ياخشى. بىراق داۋاملىق ھۆججەت ئۆچۈرمىسىڭىز ياكى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردا مۇھىم ماتېرىياللىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئاۋايلاپ ئىشلىتىڭ. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلار بۇ ھۆججەتلىرىڭىزنى جەننەتكە يولغا سېلىپ قويسا، ئۇ ھالدا تەدبىركار بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالماي قالىدۇ.

RightDelete نىڭ تىزىملىك چۈشەندۈرۈلىشى:
Explorer Context Menu file/folder links
مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىغا مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى توپلاشتۇرىۋېتىش

Explorer Context Menu SendTo link
مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدىكى ئەۋەتىدىغان مەنزىل(发送连接)گە توپلاشتۇرىۋېتىش

Desktop shortcut link
ئۈستەل يۈزىگە تېزلەتمە ئايكون قۇرۇپ بېرىش

ھۆججەت تەپسىلاتى:

ھۆججەت سىغىمى: 165KB
ئورگان تور بېكىتى: http://chesterway.co.uk
پرىستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

RightDelete نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى مۇلازىمىتىرغا ھۇجۇم قىلغاندا ئىشلەتسەم بولغىدەك :mrgreen:

    • پرېستان :

      تورخۇمارنىڭ مۇلازىمىتىرغا بىر ھۇجۇم قىلىپ بېقىڭە… :lol:

    • سەھرالىق :

      مەكتەپكە قايتقاندا سىناپ باقاي.. ئەتە چۈشتىن كىيىن قايتىمەن :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ :

      سىناق نەتىجىسى چىقتىمۇ؟تورخۇمار شۇپېتى تۇرىدىيا؟ :eek:

    • torhumar :

      نېمىنى سىناق قىلىۋاتىسىلەر؟ :???:

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىزدەپ تاپالماي بەك چىينالغان ئىدىم بىر ۋاقىتلاردا .

  3. قوشتاغ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئو …دولقۇن ئەپەندىم ئەشەددى قىينلىپتۇ قاراڭلا يازغان خىتىگە …ھا …ھا

    • بۇغرا :

      نېمىشقا شۇنداق يازغىنىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇ ئەسلى ئۆلچەملىك ulyدا يېزىپ كۆنۈپتىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق چىقىپتۇ. ئىشقىلىپ مەن مەن شۇنداق چۈشەندىم :smile:

  4. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىكىدىن بىرنى ئۈگىنىۋالدۇق مانا …
    ھە راست ئېلانلارنى چىكىپ قويدۇم ھە … :grin:

  5. بىلىۋالاي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سوئال: بۇ دىتالىنى قاچىلاپ بۇرۇن كومپيتوردىن ئۇچۇرگەن ھۆججەتلەرىنى قانداق قىلىپ بىراقلا ئەسلىگىمۇ كەلتۇرگىلى بولمايدىغان قىپ ئوچۇرىمىز؟

    • torhumar :

      چۈشۈرۈپ پرېستېن يېشىپ قوزغىتىپ بىرىنچى تۈرنى تاللاپ Update قىلىمىز، بۇ چاغدا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى تىزىملىكىگە Secerely delete this file ناملىق تۈر قوشۇلىدۇ. بىز مەڭگۈلۈك ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇشۇ Secerely delete this file ناملىق تۈرنى تاللىساق، بىزدىن بۇ ھۆججەتنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، جەزملەشتۈرەمدۇق ياكى توختىتامدۇق دەپ سورايدۇ، چىققان كۆزنەكتىن Go دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا بۇ ھۆججەت مەڭگۈلۈك غايىپ بولىدۇ.
      چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟

  6. بۇغرا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Official 官方 نى تۈركچە ۋە ئەرەبچە رەسمىي دەيدۇ. يەنە نۇرغۇن تىللاردىمۇ شۇنداق دەيدىكەن. مېنىڭچە بىزمۇ بىردەكلىكنى ساقلاپ شۇنداق ئالساق. ۋاقتىڭىز يېتىپ نەزىرىڭىز مۇشۇ يازمامغا چۈشۈپ قالسا، ئىنكاستىن بىرەرنى تاشلاپ قويارسىز.

  7. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم. مۇشۇ دېتالنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشۈرەلمىدىم. ئېغىر كۆرمەي بىر ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولاپتىكەن.

    ماڭا جىددى لازىمتى….
    ummat@qq.com

 汗