ئالاھىدە Super Mario ئويۇنى | مارىيو ئۇستام موگولارغا يېتىشىپ بولالماي قاپتۇ
بۈگۈن يەنە مارىيو ئۇستام بىلەن ئەھۋاللىشىدىغاندەك تۇرىمىز. يېقىندىن بېرى مارىيو ئۇستامنىڭ دېيىشىچە، بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇدەك، موگولارنى ئۈزۈپ، تاشپاقىلارنى دەسسەپ، ئوت ئەجدىھانى يېڭىپ مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ بولغىچە ھېرىپ ھالىمدىن كېتىدىكەنمەن، يېشىممۇ بىر يەرگە باردى، مېنىڭ شۇ بارى يوقى بىر قۇر كىيمىم بىلەن قاملاشقان تۇرقۇم بار، ناۋادا 魂斗罗 لاردەك ھەرخىل قوراللار سەپلەپ بېرىلگەن بولسا، بۇنچە جاپا تارتماستىم دەپ قاقشاۋاتقۇدەك، ئەيتاۋۇر مارىيو ئۇستامنىڭ داد-پەريادى كەسىپداشلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى بولغاي، بىر تۈركۈم قەھرىمانلىرىمىز 魂斗罗 ،洛克人 قاتارلىقلار مارىيو ئۇستامغا ھەمدەم بولغىلى كەپتۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ موگوزارلىقتىكى كارامىتىنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق؟
ئويۇن ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات:
1. ئويۇن بىر ئاز چوڭ، شۇڭا كومپيۇتېرغا تولۇق چۈشۈپ باشلىنىپ بولغۇچە بىر ئاز تەخر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ جەرياندا ئويۇن تىزىملىكىدىكى New Game ۋە Load Game كۈلرەڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرسىڭىز ياكى ئويۇننىڭ چۈشەندۈرۈش ئىزاھاتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
2. ئويۇن باشلانغاندىن كېيىن، [A] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تىزىملىك تاللايمىز، يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئورۇن يۆتكەيمىز، [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز ۋە New Game نى بېسىپ ئويۇنغا كىرىمىز
3. ئويۇن پېرسوناژىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز.
4. ئويۇندا [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تاقلايمىز، [X] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قورال ئىشلىتىمىز.
5. ئويۇنمۇ تەييار بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، باشلىساق بولدى…
توردا تۇرۇپلا ئويناش:
قوشۇمچە: قېتىشما ئوق بېشى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash، ئويۇن، كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mario-crossover.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىلاھى ئويۇن – مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 7 | 使命召唤7:黑色行动
- كېيىنكى يازما > دالا موتسىكلىتى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر ئويۇن – رېفلىكىس(MX vs. ATV Reflex)
- 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
- بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سۇ ئاستىدا ئاپشاركا بىلەن جەڭ قىلامدۇق نېمە؟
- بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولغان، 90-يىللاردا بىز كۆرگەن ئەشۇ كلاسسىك كىنو-فىلىملەر
- ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
ھاھاھا دىۋان دىۋان !!!! مارىيۇ !!
ئويناپ كەتتۇق ئەمىسە…
قاچان چۈشۈپ بولار؟
ئوخخىىىىىىو ھەي نىمانداق مىڭىپ بولالمايدۇ ماۋۇ پەتەك ياپۇن پاكىرى مارىيو ئۇستام
رەسكەن رامبو
چىقمايدىغۈ
قېنى ئۇ
بىر ئاز ساقلىسىڭىز چىقىدۇ.
قىلمايدىغان قىلىقى يوق كىشىلەردە بۇ
مىنڭچە ۋاغۇ مۇشۇ مەرمجانغا تانكا ئەپپەسە بوغىدەك~