مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 | 使命召唤9:黑色行动2 رەسمىي ئېلان قىلىندى
مەجبۇرىيەت چاقىرىقى ئائىلىسىدىكى ئويۇنلارنى مەن چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ، تورخۇماردىكى نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئويۇن ھەققىدە خېلى تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگىغۇ دەيمەن. ھەر يىلى ئاخىرىدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بۇ چوڭ تىپتىكى گىگانت ئويۇن ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ ئەڭ يېڭى نەشىرى «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9: قارا ھەرىكەت2» نى ئېلان قىلدى!
使命召唤9:黑色行动2 ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىشى مۇمكىن، چۈنكى مەزكۇر قىسىمدىكى ۋەقەلىك كەلگۈسىگە سۈرۈلگەن بولۇپ، بىر مەيدان 21-ئەسىردىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك لايىھەلەنگەن قورال-جابدۇقلار ۋە جەسەتلەر كىشىگە ئويلىمىغان تەسىراتلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
«قارا ھەرىكەت2» دە تورلاشتۇرۇپ ئويناش ھالىتىدە يېڭىچە ئېلىمېنتلار ۋە قۇرۇلمىلار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، يەنە كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان تېمىلاردىن، مۇردىلار مەيدانىمۇ قوشۇلغان. قارىغاندا بۇ نەشىردىكى COD ئويۇنى يەنە ئانچە-مۇنچە كومىدىيە پۇرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك؟
مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 يەككە كىشىلىك ھالىتىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 كۆپ كىشىلىك ھالەت مۇردا مەيدانى:
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. سىستېما چوقۇم Win7 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك(XP چىلار تېزراق سىستېما ئالماشتۇرۇڭلار)
2. چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن بارلىق ھۆججەتلەرنى تولۇق چۈشىرىمىز ۋە بىر ھۆججەتدان ئاستىغا قويىمىز.
3. COD9.exe.重命名 ناملىق ھۆججەتنىڭ نامىنى F2 نى بېسىپ COD9.exe غا ئۆزگەرتىمىز ۋە قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، 10 مىنۇتتا قاچىلاپ بولىدۇ.
4. ئۈستەل يۈزىدىكى ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.
مەزكۇر نەشىرى خەنچە ياماق، يېشىش يامىقى ۋە باشقا بارلىق ھۆججەتلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان، خاتىرجەم چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
بۇرۇنقى نەشىرلىرى: مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8 | مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7 | مەجبۇرىيەت چاقىرىقى4
چۈشۈرۈش: مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: COD، FPS، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,586 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cod9.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىيامەت بوسوغىسى _ Deadlight خەنچە نەشىرى | ئاجايىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە نادىر ئويۇن
- كېيىنكى يازما > مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
بىرىنجى بۇلۇپ ئوينىۋالغۇدەكمەن
تازا ياخشى ئىش بوپتۇ، دىۋاندا يانداش ئولتۇرۇپ باقايچۇ؟
مانا كومپىيوتېرىمنى يىڭىلاپ ئاندىن قاچىلىمسام ، بۇ قوتا كومپىيوتېردا قانداقمۇ ئوينارمەن …
بۇ تىمىنى گۈدۈككە يوللاي دەپ تۇرۇشىمغا گۈدۈك ئېتىۋىتىلىپتۇ شۇڭا تورخۇماردىكى دوستلارغا سۇندۇم.
تەۋسىيە كىنو-铁线虫入侵.ئادىمىيسىزلىك بىلەن پىلانلانغان قەست،سىز ۋە مەن ئويلاپ باقمىغان ۋەقە،چوڭ دۆلەت دۇچ كەلگەن تاقابىلسىز كۆرەش،بىر دادىنىڭ ى…
كىنو ۋەقەلىكى بولدىكەن
يېشىۋىتىلگىنى قاچان چىقىدىكەن ؟
چۈشۈرۈشكە دائىم تەييارمەن!
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنۇم، فەچەت ئۇيۇن جۇمۇ
مەن تىخى xp تىن چىقىپ بولالمىدىم سەپلىمىگە بولغان تەلەپ قانداقكەن
ئاھ مەجبۇرىيەت چاقىرىقى … سىنى كۈتكىلى يىللار بولغانىدى، بۈگۈن ۋىسالغا يىتىدىكەنمەندە… تېما ئىگىسى قوللىرىڭىزغا گۈل كەتىتى (باشقىلارغا ئوخشاش قولىڭىزنى تىكەنلەشتۈرۈپ يۈرمىدۇم جۇمۇ ..)
مۇردىلارنى قۇشۇۋالغىنى نىمىسى ئەمدى؟
مەن ئەڭ ياقتۇردىغان بۈلۈملىرى 7 `8 بۈلۈملىرى. ماۋۇ نەشىرى تازا يارمىدى ماڭا
ئاۋال ئويناپ باقمامدۇق، قېنى كىم ئويناشنى باشلىۋەتتى؟ مەن چىقىرىمەن دەپ ياماقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈيمەن تېخىچە
مانا مەن ئويناپ تۈگەتتىم . بۇبۈلۈمىدە ئۆلگەن ئادەملەر بەك كۆپ تىرىلىپ قالامدۇ قانداق؟ قاراھەركەت1 دە ئۆلگەن ۋودىس ما بۈلىمىدە قېرىپ مۈكچىيىپ چىقىدىكەن ۋەقەلىكىدىن قارىغاندا پارتىلاشتا ئۆلمەي ۋېتناملىقلارغا ئەسىرگە چۈشىدىغاندەك ، ئەسلىمە قىسىمىدا ۋودىس مېسىن دىگەن بۇرادەرنى ئۇقۇشماي ئۆلتۈرۈپ قوياتتى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇمۇتىرىك چىقىدىكەن ھېلقى ماندىز دىگەن ئەبلەخنى تاپانچابىلەن بېشىغا ئېتۋەتسىمۇ يەنەكىلىپ پارتىلاشتا قېپمۇ ئۆلمەي چىقىدىكەن .ھەي…. ۋەقەلىك جەھەتتە يەنىلا زامانۋى ئۇرۇش ياخشىكەن جۇمۇ . زامانۋى ئۇرۇش4 قايداسەن ۋاي دادەي……….
مەنمۇ ئويناۋاتىمەن. شۇ قېرىنىڭ ئەسلىمىلىرىنىمۇ ئوينايدىكەن. 1986 يىللىرىدىكى رامبودەك ئاتقا مىنىپ راسا ئېتىشىپتىمەن.. ئاۋۇ يېنىدىكى ئەسلىمىلىرىنى تىڭشاپ تۇرغان بالىسى ئوخشىمامدۇ ،2025 يىلىدىكى مەخپى ھەركەتلەرگە تولا بارىدىكەن. ئاندىن بەزى يەرلىرىدە جوڭگو كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىكەن. ھازىر 2025 يىلدىكى كارما دېگەن كاتتا مېھمان كۈتۈش بىناسىغا كەلدىم. تازا ئوينىغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دېسەم ئاخىرىدا ئېتىشىپ ۋەيران قىلىۋەتتى لېكىن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى بۇرۇنقى قىسىملىرىدەك ئەسكىلەر ئايروپىلانغا بېسىپ قېچىپ كەتتى…. خېلى يەرلىرىنى ئوينىدىم مۇردىلاردىن تېخىچە ئەسەر يوققۇ
مەن چۈشۈرۈپ بۇلاي دىدىم ئەمدى ئوينىماقچى
ھەي مەن پەقەت قاچىلىيالمىدىم قاچالاپ بۇلۇپ يەشسەم پەقەت بۇلمىدىغۇ؟
بۇ ئۇيۇننى ئۇيناش ئۇچۇن ئۇستىدىكى ‹‹ تولۇقلىما ياماق | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى | تىزىملاش جەدۋېلى يامىقى | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى›› بۇ دىتاللارنى چۇشۇرۇش لازىممۇ ؟؟؟؟ ياكى چۇشۇر مىسىمۇ بۇلىۋىرەمدۇ ؟؟؟؟ جاۋابىنى ئىلخەت ئادىرسىمغا يۇللاپ قۇيسىڭىز
چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى، بىرلا چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش كۆرسەتمىسى ئارقىلىق قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يالغۇز ئارال كىرزىسى3 نى يوللاپ قۇيسىڭىز
يوللىنىۋاتىدۇ.
بۇ ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئويناي دىسەم ئۇيۇن قوزغىلالمىدى نىمە ئىشتۇ بۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ ئۇيۇننىڭ ‹‹ مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7››› بۇ بۇلىمىنى ئۇيناۈاتقان لىكىن ھىلىقى ئۇڭ تەرەپتە دۇشمەنلەر ئۇق ئتىۈاتقان يردە بىر قىسىلىپ قالغان ئېشىكنى باش پىرسۇناز بىلەن ئېشىكنى ئاچقاندا ماشىنا پارتىلاپ كىتىپ ئۇلمۇدۇم لىكىن ئكران قاپقارا بۇلۇپ قالدى بىلىدىغانلار ياردەم بەرسەڭلا
قەيەردىن چۈشۈرمەن ،
چۈشۈرۈش دىگەننى باسسام ئىشلىمەيدىغۇ؟
يەككەكىشلىك مەيدانغۇ ئاۋۇسولتەكنى ئېتىۋىتىپ تۇگىدى لىكىن كۆپ كىشلىك مەيداننى ئاچساملا چىكىنىپ كىتىۋاتىدۇ نىمە ئىشتۇبۇ بىلىدىغانلا ياردەم قىلساڭلاربوپتىكەن
بۇ ئويۇننىڭ10جىسى قاچانمۇ چىقار
بۇ ئويۇننىڭ10جىسى قاچانمۇ چىقار
راس مۇردىلار چىقمايدىكەن مەن ئازات قىلىپ بولدۇم خاتا بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ
4- نەشىرى بىلەن 6-نەشىرىنى ئويناپ خىلى رازى بولغان. بۇ قېتىم 9-نەشىرىنى بىر ئويناپ باقاي
بۇنى win8نىڭ 64بىتلىق سىستمىدا ئوينغىلى بولمىدى ئويناي دەپ كۇنۇپكا تاختىسدىكى ھەر قانداق ھەرىپنى باسسام ئۇستەل يۇزىگە يىنىپ كىتىدۇ قايتا كىرسەم كىرگىلى بولمىدى بۇ قانداق بولغىنى سىن كارتام gtx560 ئىدى نېسون 8GB سىپۇسى:i7 لىك8يادىرولىق ئىدى
يىڭپەن 固态 يىڭپەن ئىدى
Win7 دا ياكى 32 بىتلىق سىستېمىدا سىناپ بېقىڭ.چىققىلى ئىككى يىلدەك بولغان ئويۇن، بەلكىم قوزغىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن.