قىيامەت بوسوغىسى _ Deadlight خەنچە نەشىرى | ئاجايىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە نادىر ئويۇن
X-Box ئويۇن سۇپىسىدا ئۇزۇندىن بېرى قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان ئاجايىپ ئىسىل بىر ئويۇن بار. مەيلى كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى بولسۇن، مەيلى ئويۇن ئۇسلۇبى بولسۇن ئىشقىلىپ نادىر دىيىشكە بولىدۇ. ئويۇن نامى Deadlight بولۇپ، تورخۇماردا «قىيامەت بوسوغىسى» دەپ ئالدۇق. يېقىندا مەزكۇر ئويۇننىڭ PC نەشىرىمۇ steam سۇپىسىغا ( PC ۋە Mac تا ھەقىقى نەشىردىكى ئويۇن چۈشۈرۈش سۇپىسى) قويۇلدى. دىمەك بىزمۇ بۇ ئويۇندىن ھوزۇرلىنالايدىغان بولدۇق.
ئويۇن 20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى بىر قېتىملىق ئاپەت خارەكتىرلىك ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، ئۈمۈتسىزلىك قاپلىغان دالىدا نە ھاياتلىق نۇرى، نە گۈزەك قۇياش نۇرى يوق. پەقەت ئاندا- ساندا ھايات قالغۇچىلار بىلەن خىمىيەلىك رىئاكسىيە قۇربانى بولغان مۇردىلار ئوتتۇرسىدا تىركىشىش مەۋجۇد. مانا شۇلار ئىچىدە Randall Wayn ئىسىملىق بىرەيلەن ئويۇندا باش قەھىرمان ئوبىرازىنى ئالغان بولۇپ، قاتتىق خىيىم – خەتەر ئاستىدا كىچىككىنە يىپ ئۇچىغا تايىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدەيدۇ.
Deadlight تەشۋىق فىلىملىرى :
قاچىلاش باسقۇچلىرى :
1. چۈشۈرۈپ پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە يېشىپ بېرىمىز؛
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز؛
3. خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىنى ئۇرىمىز؛
4. ئويناشنى باشلىساق بولدى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
«قىيامەت بوسوغىسى» نى چۈشۈرۈڭ | خەنچىلەرشتۈرۈش يامىقىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە: تورخۇمار بلوگى | تېخىمۇ كۆپ ئويۇنلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، ئۆزگىچە، ئۇسلۇب
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,293 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: deadlight.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [تەۋسىيە] كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە قۇتقۇزۇش تىپىدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنى – ئۆسۈملۈك زېرەكلەر(Botanicula)
- كېيىنكى يازما > مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 | 使命召唤9:黑色行动2 رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
بەك ئاخسا ئۇيۇندەك قىلىدۇ. مەن چۈشۈرۈپ ئوينىغاچ تۇراي ئەمسە
ھۇجون ……..دەششەت ئۇيان كەن ماۋۇ مىنىڭ قەدىمى كومپىيوتىرىمنىڭ كۇچى يەتسىلا بۇلاتتى غۇ…………شاش ئويناپقۇياتتىم بولمىسا
دەششەت پەيزى چىقپتۇ ما ئويۇن، كۆرۈنۈشلىرى دەھشەتكەن…
ھەقىچان دىۋان ماڭا ئاشمىدى
تەيپىنەمدىكى خۇڭ دۇلۇنى كۆگەندەك بوپقالدىميا
كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگىچە ئىكەن !
ئويۇننى كىچىك ۋاقتىمدا سونىيخانىلاردا ( كىچىك ۋاقتىمىزدا شۇنداق دەيتۇق ) ئويناپ تۈگۈتىۋەتكەنمۇ ، ئانچە ئويۇن ئوينىغۇم كەلمەس بوپ قالدىغۇ تاڭ چوڭ بولغاننىڭياقى …..
لېكىن كۆرۈنمە يۈزى خېلى پەيزى تۇرىدۇ !
ئۇسلۇبى ئۆزگىچىكەن، Limbo نىڭ ئالىي نۇسخىسىدەك بىلىندى. ۋاقىت بولسا بىر ئويناپ قوياي
چۈشۈرۈش ئادىرسى خاتامۇ نىمە ؟
شۇندق نورمالغۇ ؟ قانداق مەسىلە كۆرۈلدى ؟
بىر قۇرۇق تور بەت ئىچىلپ قاراپلا تۇردۇ
بۇ ئويۇننىڭ PC نۇسخىسى 10_ئاينىڭ 25_كۈنى ئېلان قىلىندىغۇ دەيمەن. ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئويۇننىڭ كومپيوتېرغا بولغان تەلىپىنى يېزىپ قوياي
قوللايدىغان سېستىمىلار:
WinXP/2003/Vista/7
مىڭىسى(CPU) :
نورمال ھالەتتە ئويناش ئۈچۈن: Intel Pentium 4 2.0GHz ياكى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش.
تەۋسىيە قىلىدىغىنى بولسا: Intel Core 2 Duo / AMD Athlon 64 X2
سۈرەت كارتىسى(显卡) :
نورمال ھالەتتە ئويناش ئۈچۈن: NVIDIA Geforce 7300GT / ATI X1300 ياكى بۇنىڭدىن يۇقىرى.
تەۋسىيە قىلىدىغىنى بولسا: NVIDIA GeForce GT240 / ATI HD4350
ئىچكى ساقلىغۇچ(内存) :
نورمال ھالەتتە ئويناش ئۈچۈن: 2GB
تەۋسىيە قىلىدىغىنى : 4GB
قاتتىق دېسكا سىغىمى :
ئويۇننىڭ چۈشۈرۈش ئۈچۈن 3.49G يېشىپ چىقىرىپ ئويناش ئۈچۈن 3.37G جەمئىي 7GB
ئەمدى قاراپ بېقىڭ سىزنىڭ سەپلىمىڭىز قانداقكەن؟
چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ ئويناپ باقتىم … ھەقىقەتەن يارىدى ،،، بىراق يامان ئېغىر … شەنكاسى 512 دى بولمىسا …
پەيزىدەك قىلىدۇ!
قارىساملا مەن ياقتۇردىغان ئويۇننىڭ تىپىكەن ، سەپلىمىگە بولغان تەلىپىمۇ بەك يۇقىرى ئەمەسكەنغۇ، GT240 تىپتىكى كۆرسىتىش كارتىسىدىنمۇ ئىلغارلىرىنى ھازىر 200`300 گە سېتىۋالغىلى بولىدۇ .
مەنمۇ 2gلىق كۆرسۈتۈش كارتىسدىن بىرنى سىتۋلماقچىتىم 500يىۋەن دەيدۇ ( GT240 ) بۇ نىمە نومور ئەمدى؟ ماڭا مۇشۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ؟
ۋوي ۋاپاسىز يولداش سىز نەدە قالدىڭىز؟ھازىر كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ سىغىمىغا قارايدىغان زامان قالدى، ھازىر ئاۋۇنىڭدەك تىپىغا قاراپ ئالىمىز. ئاشۇ نومۇرنى گوگېلغا ئىزدىتىپ بېقىڭە، ھەممىسى چىقىدۇ.
مەنبىر ئۇيۇن ئىزدىمەكچىدىم بىلىدىغانلار بولسا ماڭا مۇناسىۋەتلىك توربەت بولامدۇ ئۇياننىڭ دىيى بولسىمۇ بۇلىتى 18轮大卡车金属疯狂 مانا مۇشۇ ئۇيۇن ئىدى. ھازىر نۇرغۇن تورخانلىدا يىڭىللىرى باركەن كونىسىنى پەقەت تاپالمىدىم.. ئەسلى دىيى بولامدۇ كۇچۇرۇلگەن دىيى بولامدۇ كۆچۈرۈش ئادرىسى بولسىمۇ مەيلىتى.. بەك ئامراقتىم بۇ ئۇيۇنغاماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار سىلەردىن خوش بولغان بولاتتىم ..بىكەت باشلىقى ،قىرىنداشلىرىم. رەخمەت
ۋوي بۇ ئاپتوبۇس ھەيدەيدىغان ئويۇنكەنغۇ؟ كوچا ئاپتوبۇسى ھەيدەشكە ئىشقىڭىز باركەندە؟ راست بۇ ئويۇننىڭ توردا نەسلى قۇرۇپ كېتىپتۇ، قىزىقىپ ئىزدەپ باقاي دەپ يامان تەستە تاپتىم. ئىچىدە ياماق ۋە باشقا تاراق تۇرۇقلىرى ھەممىسى باركەن. لېكىن 迅雷会员 بولمىسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرېسى مىدىرلىماي قاراپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ، بىر ئامال قىلىپ چۈشىرىۋالاسىز جۇما
ftp://download:ei3jfd7%5E@221.5.255.33/PCgame/pcgameEXE/200612/SUN116_1230_18wosjsfk.rar
ئەمسە كۆزۈمنى يۇمۇپلاGT630لىقتىن بىرنىلا ئالاي
ئۇ تۇربەت پەقەت چىقمىدىغۇ… ئادىرسى خاتا بۇلاپقالدىمۇ يا ..
مۇشۇنداق ئويۇنلارغا كۆيىمەن دە مەن،،،